سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
دۆلىتىمىز نەچچە يۈز مىلىيۇن خەجلەپ غايەت زور ئورەكنى تىندۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇياش نۇرى ئېلكتىر ئىستانسىنى قۇرۇپ چىقتى
ھازىرقى جەمىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئاچقان بايلىقمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەتتا ھەددىدىن زىيادە ئېچىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، بۇنداق ئەھۋال بايلىقنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بايلىقنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ كۆمۈر كان بايلىقى. چۈنكى ئۈزلۈكسىز قېزىلسا، يەر يۈزىنىڭ ئېگىز ـ پەسلىكى ۋە ئارقا ـ ئارقىدىن چوڭ ئازگاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئېلىمىزدىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئېلىمىزدە ھىندىستاننى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرىدىغان بىر پىلان بارلىققا كەلدى، جۇڭگو بۇ قېتىم ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىدۇ نەچچە يۈز مىليون يۈئەن پۇل بىلەن ئورەك تىندۇرماقچى بولدى، بۇ زادى قانداق پىلان؟
بۇنداق يۇقىرى باھاغا ھىندىستاننىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ھەتتا جۇڭگونى بۇ قېتىم ئەخمىقانە ئىش قىلدى دەپ مەسخىرە قىلىدى، بۇ پۇل بىكارغا كەتمىگەندۇ، ئەمما دۆلىتىمىز ئۇنداق كۆپ قۇرۇق گەپ بىلەن كارى بولماي، بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى، پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەتىجە ئارقىلىق كۆپچىلىككە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئوڭغۇل ـ دوڭغۇل يەر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ چوڭ تىپتىكى كۆلگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاندى. ھەمدە ئۈستىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇردى.
بۇنداق ئۆزگەرتىشنى تاشلاندۇق بولۇپ كەتكەن بۇ چوڭ ئازگالدىن يەنە بىر قېتىم پايدىلىنىش دېيىشكە بولىدۇ، ھەمدە بۇ لايىھە بۇ چوڭ ئازگالنى سۇ بىلەن تولدۇرغاندىن كېيىن يەنە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ھەقىقەتەن كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ!
ئەمما بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2020ـ يىلى پۈتىدىكەن، پۈتكەندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە تېخىمۇ كۆپ جايلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئادەتتىكى قۇرۇقلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ھاسىل بولىدىغان توك مىقدارىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەنە كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن ئۇ ئېلىمىزنى يېتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان بۇلغىنىشنى زور دەرىجىدە ئازايتتى.
ئەگەر بۇ تۈرنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېتەرلىك چوڭقۇر چۈشەنگەندە، پەن ـ تېخنىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندىمۇ زور دەرىجىدە ماختىغىلى بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى دېمەيلا قويايلى، بۇ تۈر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، پۈتۈنلەي دېگۈدەك كىشىلەرگە تېخىمۇ زور قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان قۇرۇلۇش.
دۆلىتىمىزنىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنى مازاق قىلغان ھىندىستاننىڭ ئۆزىدە يەنە ئېلېكتر كۈچى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، ئاساسىي قۇرۇلۇش جەھەتتىمۇ ھېچقانداق قالتىس ئىپادىسى يوق، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى بۇ چوڭ پىلاننىڭ قوشنا دۆلەت ھىندىستاننى قانداق تەسىراتقا ئىگە قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمدى دۆلىتىمىزنى بۇنداق كۆپ پۇلنى بىكارغا خەجلىدى دېمەيدىغاندۇ.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹