يېڭى يىل يېقىنلاپ قالدى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار يېڭى يىللىق نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىراق قۇش زۇكىمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇھىم يېمەكلىك ماتېرىيالى بولغان تۇخۇمنىڭ باھاسى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا زور دەرىجىدە ئۆستى، بەزى جايلاردا ھەتتا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ ھەپتە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ تۇخۇم باھاسى 8.85 دوللارلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى رېكورتنى ياراتتى، بۇ ھەر بىر تۇخۇمنىڭ باھاسى تەخمىنەن 5.4 يۈەن خەلق پۇلى بولغانغا باراۋەر.