ئامېرىكىدىلا ئەمەس، جوڭگودىمۇ ئايروپىلان قەبرىستانلىقى بار

文摘   2025-01-02 00:00   新疆  



زەمران


-مەزمۇن-

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ياكى بىراك قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئاتالمىش ئايروپىلان قەبرىستانلىقىغا تاشلىۋېتىلىدۇ، شۇڭا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايروپىلان قەبرىستانلىقى داۋىس مېڭشەن ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ياسىغان بۇيەردە نۇرغۇن براك قىلىنغان ئايروپىلانلار بار، بۇ بازا كولورادو شتاتىنىڭ تۇسېن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ھازىر ساقلىنىپ قالغان ھەر خىل ئۇرۇش ئايروپىلانى 4200 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بەزى ئەف-117، بى-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلارغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىلىك قوراللار بار


ئامېرىكىدىلا ئەمەس، ھازىر دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئايرۇپىلانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئۇلارنى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان رايونلارغا قويۇپ، تەبىئىي مۇھىتتىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ داتلىشىشىنى ئازايتقان، ئۇزۇن يىل ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر بەزى ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى قايتىدىن ئىشقا سالماقچى بولساق، پەقەت سىرلىساقلا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسراش تەننەرقى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ



ئېلىمىزدىمۇ بىر ئايروپىلان قەبرىگاھى بار، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە، ھازىر 2000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان بار، كۆلىمى ئامېرىكىنىڭكى بىلەن ئوخشاش، ئەسلىدە بۇ رايون مەخپىي ھەربىي بازا بولۇپ، ھەر خىل ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلەتتى، كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئايرۇپىلانلارنى ساقلاش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلدى
ئېلىمىز قوللىنىپ كەلگەن ئايروپىلاننى ساقلاش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلغار بولۇپ، گاز فازىدا پېچەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.  يەنى ئادەم كۈچى بىلەن قۇرغاق مۇھىت بەرپا قىلىپ، نۇر ئۆتمەيدىغان، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىياللار بىلەن ئايروپىلاننى ھىم ئېتىپ، ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ كونىراپ كېتىشى ۋە داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇزۇن يىللار ئۆتسىمۇ ساق تۇرىدۇ.  ئوراپ قاچىلانغان ئايروپىلان بىۋاسىتە ئۆڭكۈر ئىسكىلاتىغا يۆتكىلىدۇ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ھەر ۋاقىت كۆك ئاسمانغا ئۇچالايدۇ

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹



saybag
你好。欢迎
 最新文章