مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 5-قىسىم _ قۇتقۇزۇپ چىقىمەن

文摘   小说   2024-09-13 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  32  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



4321












مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

5 -قىسىم

   


5-قىسىم 

مەن چوقۇم  ئاكىڭىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىمەن.


جەسۇر زىبارەنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى.

 مېھمانخانىغا كىرىپ ئەتراپقا قاراپ، ئەكبەرنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمەي:

- ئەكبەرچۇ؟  - دەپ سورىدى.

زىبارە ئىشىكنى يېپىپ، تەتۈر قۇلۇپلاپ:

- جەسۇر ئاكا، مېنىڭ سىز بىلەن ياخشىراق پاراڭلاشقۇم بار.  - دېدى.

ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلغان جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 - ئارىمىزدا دېيىشكۈدەك گەپ يوق، ئاكىڭىز بولمىسا،  ماڭغاچ تۇراي ، -  دېدى.  

زىبارە قولىنى سوزۇپ ئالدىنى توسۇپ:

 -  سىز بىلەن زىلالەنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى، - دېدى.  

 زىلالەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان جەسۇر قەدىمىنى توختىتىپ:

 -  نېمە دېمەكچىسىز؟  -  دېدى.

 -  ئاۋال ئولتۇرسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ، - مەن يا سىزنى يېمەيمەن.  -  دېدى.

جەسۇر بىردەم چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ كىرېسلوغا بېرىپ ئولتۇردى.

ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قىزىق چاي قۇيۇپ بەرگەن زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ سۇندى.

جەسۇر ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ، ئۈستەلگە خالىغانچە قويۇپ:

  - سىز زادى نېمە دېمەكچى؟  -  دېدى.

- زىلالە ئىككىڭلارنىڭ تويى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس، - دېدى زىبارە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، - شۇنداقمۇ؟  -  دېدى.

ئەسلىدە ئەكبەرنى ئالايىتەن ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى خەت توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى ئوخشايدۇ دەپ كەلگەن.

ئويلىمىغان يەردىن،  ئۇنى كۈتۈۋالغىنى زىبارە بولدى، شۇنداقلا  مۇشۇ تېما ئۈستىدە سۆز باشلىدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  ئورنىدىن تۇرۇپ:

 - ئەگەر سىزنىڭ مەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغان ئىشىڭىز مۇشۇ بولسا، ئۇنداقتا سىزگە ئېنىق دەپ قوياي. زىلالە ئىككىمىزنىڭ ئىشى مېنىڭ شەخسىي ئىشىم، مەيلى سىز ياكى ئاكىڭىز بولسۇن، ھەرگىز ئارىلاشماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  -  دېدى.

  - جەسۇر! - زىبارە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، يېڭىنى تۇتۇۋېلىپ،  - بۇ سىزنىڭ يۈرەك سۆزىڭىز ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ سىز ئىلگىرى ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمايتتىڭىز،   نېمىشقا  بۇنداق ئۆزگىرىپ قالدىڭىز؟  - دېدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،   بىلىكىنى سىلكىپ:

 -  مەن سىزگە ناھايىتى ئېنىق دېدىم،  تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئىزچىل سىزنى كىچىك سىڭلىم ئورنىدا كۆرۈپ كەلدىم. بۇرۇن شۇ، ھازىر شۇ، كېيىنمۇ شۇ.  -  دېدى.

زىبارە كۆزلىرىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، لەۋلىرى سەل-پەل تىترەپ:

- زىلالە سەۋەبلىك مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟  -  دېدى.

- بۇ زىلالە بىلەن مۇناسىۋەتسىز.  -  دېدى جەسۇر.

 - مۇمكىن ئەمەس! زىلالە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن،  ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمايتتىڭىز. - دېدى زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرى ياشقا تولۇپ، - جەسۇر ئاكا، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي... مەندىن ئايرىلماڭ بولامدۇ؟  -  دېدى.

 - زىبارە! - دېدى جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئىلاجسىز قېلىپ، ـ   نېمە دېسەم ئاندىن چۈشىنىسىز، مېنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم، خۇددى ئەكبەرنىڭ سىزگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئوخشايدۇ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئەمەس، چۈشەندىڭىزمۇ؟  -  دېدى.

 -  چۈشەنمىدىم!  -  دېدى زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ،  بېلىدىن قۇچاقلاپ، بىر جۈپ كۆزى ئۈمىدكە تولغان ھالدا :

 - مەن باشقا نەرسىنى ئۈمىد قىلمايمەن، پەقەت بىزنىڭ ئۆتمۈشكە قايتىشىمىزنى ئويلايمەن، خۇددى ئىلگىرىكى   ۋاقتىمىزدىكىگە ئوخشاش. مەن، سىز، يەنە ئاكام،  بىللە دېڭىزغا چىقىمىز، بىللە مۇزىكا ئاڭلايمىز،  مەڭگۈ بىللە بولىمىز، بولامدۇ؟  -  دېدى.

- كەچۈرۈڭ، زىبارە.  -  دېدى جەسۇر ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ، كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ،  ئازراق ئارىلىق ساقلاپ:

 - سىزمۇ كىچىك بالا ئەمەس، بەزى ئىشلارنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. مەن توي قىلدىم،  ئايالىم زىلالەغا مەسئۇل بولىمەن. ئاكىڭىزمۇ كەلگۈسىدە باشقا ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ھەم توي قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بولىدۇ...  ئۈچىمىزنىڭ مەڭگۈ بىللە بولالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئۆتمۈشكە قايتىشىمىزمۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  -  دېدى.

 - سىز مەندىن بىزار شۇنداقمۇ؟  -  دېدى زىلالە.

-  نېمە دېسەم بولىدۇ، ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئىشىمىز... مۇمكىن ئەمەس!  -  دېدى جەسۇر ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، باغرى تاشلىق قىلىپ بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ئېچىپ ياتاقتىن چىقتى.

زىبارە ماغدۇرسىز ھالدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن چېچىنى قاماللاپ:

 - ياق، ئۇنداق ئەمەس... زىلالەنىڭ قىلغان ئىشى... ھەممىسى ئۇنىڭ خاتالىقى!  -  دېدى.

قالايمىقان چاچلىرىنى كەينىگە تاشلىغان زىبارە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى مۇشتىمىنى سەل-پەل چىڭ تۈگۈپ:

 - مەن ھېچكىمنىڭ بىزنى ئايرىۋېتىشىگە يول قويمايمەن، جۈملىدىن زىلالەمۇ ئايرىۋېتەلمەيدۇ!  -  دېدى.

 ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن.

زىلالە دەل ۋاقتىدا مۇزىكا ئەترىتىگە كېلىپ، ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىدىكى مۇزىكانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بىرلىكتە يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلدى.

چۈشتە، كۆپچىلىك رېپېتىتسىيەنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىللە چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولغاندا،  تاماق يەتكۈزگۈچى يىگىت ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ:

ـ سوراپ باقسام، قايسىڭلار زىلالە خانقىز بولىسىلەر؟  -  دېدى.

 -  مەن شۇ. - دېدى زىلالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ، - ئىشىڭىز بارمىدى؟ - دەپ سورىدى.  

 -  بۇ سىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىڭىز ۋە گۈلىڭىز.  -  دېدى تاماق توشۇغۇچى يىگىت گۈل دەستىسى ۋە چۈشلۈك تاماقنى ئۇنىڭ قولىغا بېرىپ، ئالدىراپ-تېنەپ بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

ئايگۈل قاتارلىق بىر نەچچە ياش مۇزىكانت كۈلۈشۈپ ئولىشىپ:

- جەسۇر دىرېكتور تاماق بۇيرۇتۇپلا قالماي يەنە گۈل سوۋغا قىپتۇ، نېمىدېگەن رومانتىك  - 

 - پاھ، بۇ يەردە بىر كارتىمۇ بار ئىكەن!  - دېيىشتى.  

زىلالە ئەمدىلا ئالماقچى بولغاندا، ئايگۈل ئۇنىڭدىن بىر قەدەم بۇرۇن كارتىنى ئېلىۋېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا:

- خوتۇن، چۈشلۈك تامىقىڭىز سىڭىشلىك بولسۇن، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كىنو كۆرۈشكە تەكلىپ قىلاي!  -  دەپ ئوقۇدى.

 بىر نەچچە ياش قىزچاق دەرھال چۇقان - سۈرەن سېلىشتى.

 - زىلالە ئاچا، بىزدەك بويتاقلارنى بوزەك قىلمىسىڭىز قانداق! 

 - شۇنداق، چۈشلۈك تاماقنى تېخى يېمەي، سىلەرنىڭ مۇھەببەت يېمىڭلارنى  يەپ قورساقمۇ تويدى...  

  - بۇ ئورۇقلىغىنىڭلار بولسۇن! - دېدى زىلالە ئايگۈلنىڭ قولىدىكى كارتىنى تارتىۋېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ:

- كەچۈرۈڭلار، مەن بېرىپ تامىقىمنى يەي!  -  دېدى ۋە گۈلدەستىنى قۇچاقلاپ، چۈشلۈك تاماقنى كۆتۈرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ رېپېتىتسىيە ئۆيىدىن چىقتى.

 - يات جىنىستىكىلەرنى دەپ ، بىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز!  - دېدى ئايگۈل چاقچاق قىلىپ، زىبارەغا دىققەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن،  - زىبارە،  بىز بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېگىلى بارامسىز؟ -  دەپ تەكلىپ قىلدى.

زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ:

 - مېنىڭ يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى، سىلەر  بېرىپ يەپ كېلىڭلار، - دېدى.

- قارىغاندا، خەقلەرنىڭمۇ ئۇچرىشىشى باركەن، يۈرۈڭلار، بىز بويتاقلار بېرىپ يەپ كېلەيلى، -  ئايگۈل قاتارلىقلار كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ كېتىپ قالدى، زىبارە كۈلكىسىنى يىغىپ، ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ مەشىق ئۆيىدىن چىقتى.

ئىشخانىغا قايتىپ، گۈل ۋە چۈشلۈك تاماقنى ئۈستەلگە  قويغان زىلالە يانچۇقىدىكى كارتىنى چىقىرىپ، جەسۇرنىڭ قالدۇرغان سۆزىنى كۆرۈپ،  ئەستايىدىللىق بىلەن تارتمىغا سالدى.

ئاندىن يان تېلېفونىنى ئېلىپ جەسۇرغا   ئۇچۇر  يوللىماقچى بولغاندا، ئىشىك چېكىلدى.

بۇ يىگىت ئۇنى ھەيران قالدۇرغىلى كەلمىگەندۇ؟

زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.

ئىشىك سىرتىدا،  ئېگىز كۆلەڭگە تۇراتتى.

كۈل رەڭ پەلتو كىيىپ سالاپەتلىك تۇرغىنى دەل قەيسەر ئىدى.

ئۇنى كۆرگەن زىلالەنىڭ چىرايى شۇ ھامان قارىداپ:

 ـ  سىز مېنى ئىزدەپ كېلىشكە جۈرئەت قىلدىڭىزمۇ؟  -  دېدى.

- زىلالە، مېنى راستتىنلا خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، چۈشەندۈرۈپ قوياي دەپ كەلدىم، مەن راستلا سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئاكىڭىزغا ئېيتمىدىم.  -  دېدى قەيسەر.

زىلالە دىمىقىنى قېقىپ:

  - سىزنىڭچە،  ھازىرمۇ سىزگە ئىشىنەمدىم؟  -  دېدى.

 - زىلالە، ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ...  ئەگەر راستتىنلا ئاكىڭىزغا دېمەكچى بولسام، نېمىشقا ھازىرغىچە ساقلايمەن؟ ـ  دېدى قەيسەر ئەستايىدىل  چۈشەندۈرۈپ، -  ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن قىلغان بولسام، دەلىل-ئىسپات بىلەن سىزگە تەھدىت سېلىپ، جەسۇر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىڭ دېسەم بولاتتى، شۇنداققۇ؟  -  دېدى.

 -  دەيدىغان يۈزىڭىز بارمۇ تېخى؟  -  دېدى زىلالە.

 - زىلالە، دېمەكچى بولغىنىم، بۇ قېتىم سىز بىلەن يارىشىپ قالغۇم بار.  -  دېدى قەيسەر.

- ئەمىسە سىزگە دەپ قوياي، قەيسەر، بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ!  -  دېدى زىلالە كەينىگە بىر قەدەم چېكىنىپ، ئىشىكنى  ياپماقچى بولدى.

 - زىلالە، مەن راستلا سىزگە ياردەم قىلغىلى كەلدىم. ـ دېدى  قەيسەر ئىشىكنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ـ ئاكىڭىزنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرماقچىتىڭىزغۇ، قولۇمدىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە بەرسەم بولىدۇ.  -  دېدى.

  - سىزنىڭچە مەن سىزگە ئىشىنەرمەنمۇ؟  -  دېدى زىلالە.

 -  دېگىنىم راست. ـ دېدى قەيسەر ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ، ـ زىلالە، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان  ئىزچىل پۇشايمان قىلدىم، ئەگەر... ئەگەر  ئەينى ۋاقىتتا سىزگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلمىغان بولسام،  ھازىر يەنىلا بەختلىك ھالدا بىللە ئۆتەتتۇق. زىلالە، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بېرىڭ،  قايتىدىن باشلايلى بولامدۇ؟ پەقەت سىزلا ماقۇل بولسىڭىز، مەن چوقۇم  ئاكىڭىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىمەن.  -  دېدى.

 - چۈش كۆرۈپسىز!  -  دېدى زىلالە ئىشىكنى يېپىپ.

 قەيسەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ  ئۇھ تارتىپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

چوڭ تەشتەكنىڭ كەينىدە تۇرغان زىبارە قەيسەرنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، سوغۇق كۈلۈپ قويدى.



 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章