غەززەدە يېڭى ۋىرۇس بايقالدى

文摘   2024-07-31 23:40   新疆  

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززە رايونىدىكى خانيۇنۇس ۋە دەربەراختىن ئېلىنغان ئالتە مۇھىت ئەۋرىشكىسىدىن يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى، ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋە زۆرۈر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى باھالاپ، يەنىمۇ تارقىلىشىنى توسۇۋاتىدۇ، بۇ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى بالىلار پارالىچ كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۇلۇن سۈر ماددا ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىمارلاردا قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا پالەچ بولۇپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوق، ۋاكسىنا ئەملەش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى.

pasibann
你好。欢迎
 最新文章