شۇ يەر ۋاقتى 27-ئاۋغۇست، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن تېلېفونلاشتى.
كىرېمل سارىيى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، مودى پۇتىنغا ئۇكرائىنادىكى زىيارەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ يەنە ھىندىستاننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ياراشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن سۆزلەشتىم، بىز ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەمدە يېقىندا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولغاندىكى قاراشلىرىم توغرىسىدا ئورتاقلاشتۇق».