ئىگىلىنىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاۋغۇست، لىۋان جېنجۇداڭى راكېتامىيوت بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى جاتونغا جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 146-شىسىنىڭ يېڭى قوماندانلىق ئىشتابىنى بومباردىمان قىلغان.
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تەخمىنەن 30 راكېتامىيوت لىۋاندىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا ئېتىلدى، بىر قىسىم راكېتامىيوت ئوچۇقچىلىققا چۈشتى، ھازىرغىچە ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارقىدىن قايتۇرما زەربە بەردى.