سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا كۇرد قوراللىقلىرى سۇرىيەدىكى دەير ئەز زەۋر، خاساك ۋە قامىشلو قاتارلىق بىر قانچە كەنتكە ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى كۇرد قوراللىقلىرىغا ياردەملىشىپ بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ نىشانى بىگۇناھ پۇقرالار.
سۇرىيە مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ قىسمەن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق، يۇقىرىقى رايونلاردا سۇرىيە خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى سۇرىيە خەلقىنىڭ ئازاب ئوقۇبىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. سۇرىيە ئامېرىكىدىن سۇرىيە زېمىنىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.