دېھقانلارنى «بىناغا چىقىش»قا مەجبۇرلاش قاتتىق چەكلىنىدۇ

文摘   2024-09-10 19:18   新疆  

ئېلىمىز يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز يەرلەرنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدىكى ئەمەلىي گەۋدە ۋە غەيرىي ئەمەلىي گەۋدە بايلىق ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش، بۇ ئامىللارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېي يېقىندا قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى رايونلارنىڭ يەرلەرنى ھەرتەرەپلىمە تۈزىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى بايلىق ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش، بايلىق ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: رايونلارنىڭ يەرلەرنى ھەرتەرەپلىمە تۈزىشى ___ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى. «تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ <مىڭ> تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ ۋە پايدىلىنىپ، رايونلارنىڭ يەرلەرنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ئومۇميۈزلۈك» ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇش، كۆپ ساندىكى كىشىلەر <ۋەكىللىك>» نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا كەنتنى بىرلەشتۈرۈپ جەملەپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش، پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ «چوڭ دائىرىدە چېقىپ چوڭ دائىرىدە قۇرۇش»، مەجبۇرىي ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا دېھقانلارنى ئۆيلۈك يەردىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلاش، دېھقانلارنى «بىناغا چىقىش»قا مەجبۇرلاش قاتتىق چەكلىنىدۇ.



       بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز



pasibann
你好。欢迎
 最新文章