جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

文摘   2024-09-10 19:18   新疆  

جۇڭگونىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى نورمال ئىقتىساد-سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى ئەمەس

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، جۇڭگونىڭ تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ دورا ياساش ساھەسىدىكىلەر جۇڭگوغا كەلگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟دېدى.

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدۇ، بىز جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنى بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىمىز. سىز جۇڭگونىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى تىلغا ئالدىڭىز، بۇ قانۇن جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ نورمال ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرى ئەمەس. شۇڭا ئالاقىدار كارخانىلار قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، خادىملار قانۇن بويىچە ئىش قىلسىلا، ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



pasibann
你好。欢迎
 最新文章