چىڭ سۇلالىسىدىكى سېرىق يەكتەكنىڭ قانداق ئىمتىيازى بار

文摘   2024-09-05 23:53   新疆  


پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

چىڭ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن تارىخىي تىياتىرلىرىدا، خان ئىنئام قىلغان سېرىق يەكتەكنى كىيگەن كىشىلەر كوچىدا زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىدۇ، مەيلى ئەمىلى ئەڭ يۇقىرى كىشىلەر بولسۇن، سېرىق يەكتەك كىيگەن كىشىلەرنى ئۇچراتقاندا ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك.ئۇنداقتا سېرىق يىكتەكنىڭ زادى قانداق ئىمتىيازى بار

تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن كىشى سېرىق يەكتەكنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ دەپ ھېس قىلدى. ئەمەلىيەتتە چىڭ سۇلالىسى تارىخىدا، سېرىق يەكتەك پەقەت پادىشاھنىڭ ۋەزىرگە ئىنام قىلىشتىكى بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ، ھېچقانداق ئىمتىيازى يوق ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىمتىيازنىڭ ئەڭ چوڭ دەرىجىسى تۆمۈر قالپاقلىق بەگ بولۇپ، تۆمۈر قالپاقلىق بەگنىڭ ئىمتىيازى پادىشاھتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى، ئوردىدىكى ئەمىلى ھەرقانچە چوڭ ئادەم بولسىمۇ، تۆمۈر قالپاقلىق خاننى كۆرگەندە تىزلىناتتى. 

سېرىق يەكتەك پەقەت بىر خىل شان ـ شەرەپنىڭ سىمۋولى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشاھ دائىم ۋەزىرلەرگە سېرىق يەكتەك ئىنام قىلاتتى، دائىم پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ۋەزىرلەر نىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە قۇر سېرىق يەكتەك بار ئىدى. مەسىلەن، چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئارزۇلۇق ۋەزىرى خېشىننىڭ ئۆيدە ساقلانغان سېرىق يەكتەكنىڭ سانى 20 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر كۈندە بىرنى كىيسىمۇ 20 نەچچە كۈن كىيگىلى بولاتتى. 

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق يەكتەككە ئېرىشەلەيدىغانلار ئاساسلىقى تۆت خىل كىشىلەر بولۇپ، بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر پادىشاھنىڭ يېنىدىكى  ئىچكى دىۋان ياساۋۇللىرى ئىدى، چىڭ ئوردىسى تىياتىرىنى كۆرگەن دوستلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى قىلىچ ئېسىۋالدىغان مەخسۇس خاننى قوغداشقا مەسئۇل ياساۋۇللارنىڭ سېرىق چاپان كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەن، بۇ خىل سېرىق چاپان دەل سېرىق يەكتەك ئىدى.

 ئىچكى دىۋان ياساۋۇللىرى ھەر كۈنى ئوردىدا پوستتا تۇرىدۇ، سېرىق يەكتەكنى چوقۇم دائىم ئالماشتۇرۇپ يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر نەپەر ئىچكى دىۋان ياساۋۇلغا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككىدىن ئارتۇق سېرىق يەكتەك سەپلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىچكى دىۋان ئوردا ياساۋۇللىرى نەچچە يۈز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياساۋۇللارنىڭ باش غوجىدارىغا بىرىنچى دەرىجىلىك ئالتۇن يىپتىن تىكىلگەن سېرىق يەكتەك بېرىلىدۇ، ئادەتتىكى ياساۋۇللارغا يىپەكتىن تىكىلگەن سېرىق يەكتەك تارقىتىلىدۇ.

 پادىشاھنىڭ مەخسۇس مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ سانى جەمىي 570 ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا سېرىق يەكتەك كىيىشكە ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئارقا ئوردىنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خان ئوردىسىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا سېرىق يەكتەك كىيگەن ياساۋۇللار ئاز دېگەندە 700 ـ 800 ئادەمگە يېتىدۇ

 ئوردا ياساۋۇللىرىدىن باشقا، پادىشاھ ئوۋ ئوۋلىغاندىمۇ ۋەزىرلەرگە سېرىق يەكتەك بېرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇچامباشچىلىق ماھارىتىگە ئىگە چيەنلۇڭ پادىشاھى ئوۋ ئوۋلاش ماھىرى ئىدى.خې شىن ئوردا ياساۋۇلى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دائىم خانغا ھەمراھ بولۇپ ئوۋ ئوۋلايدۇ، ھەر قېتىم خان خۇشال ئوينىغاندا، بىر قۇر سېرىق يەكتەك سوۋغا قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سېرىق يەكتەكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. 

خې شىن ھايات ۋاقتىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ سېرىق يەكتەكلىرى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايتتى، پەقەت  ئىچكى دىۋان ئوردا ياساۋۇللىرى ۋە پادىشاھقا ئەگىشىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان ۋەزىرلەرلا ئېرىشەلەيتتى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، سېرىق يەكتەككە ئېرىشىش ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپەيدى، سېرىق يەكتەككە ئېرىشىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى خەنزۇ ۋەزىرلىرىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، يەنە ئىككى خىل يەكتەككە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى كۆپەيتتى. يەنە بىر خىل ئۇسۇل شۇكى، ۋەزىرلەر چىڭ سۇلالىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشسا، سېرىق يەكتەك كىيىشكە ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان. 

بۇ خىل سېرىق يەكتەكنىڭ ئالتۇن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل يەكتەككە ئەڭ بۇرۇن ئېرىشكەنلەر كۆپىنچىسى تەيپىڭ تيەنگونى باستۇرۇشتا چوڭ تۆھپە قوشقان خەنزۇ گېنېراللار. ئەمما چىڭ سۇلالىسى ئۈچۈن چوڭ خىزمەت كۆرسەتمىگەن، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سېرىق يەكتەككە ئېرىششى ئىنتايىن قىيىن ئەمما خان ئانا سىشنىڭ شوپۇرى ماشىنىنى ياخشى ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن، بىر قۇر سېرىق يەكتەك ئىنام قىلىندى. خىسلەتلىك تېۋىپ شىلەيلې نىڭ فىلىمىنى ھەممەيلەن كۆرگەن ، فىلىمدا شىلەيلېنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى بولۇپ، ئوردا ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ بىر سېرىق يەكتەك ئىنام قىلىنغان. 

ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل سېرىق يەكتەك چىڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى مەخسۇس بەھرىمەن بولىدىغان سېرىق يەكتەك ئىدى، مەسىلەن، لى خۇڭجاڭ ياۋروپاغا زىيارەتكە چىققاندا، ئىزچىل تۈردە چىڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سېرىق يەكتەك كىيىپ كەلگەنىدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدۇ.شۇڭا ئۇچىسىغا سېرىق يەكتەك كىيىۋالغان لى خۇڭجاڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭى دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىنغان.

بۇ تۆت خىل سېرىق يەكتەككە ئېرىشىش يولىدىن قارىغاندا، سېرىق يەكتەك پەقەت چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ۋەزىرلەرنى مۇكاپاتلاشتىكى بىر خىل ۋاستىسى بولۇپ، ئۆلۈمدىن ساقلىنىش ئالتۇن مېدالى ۋە شەمشەرگە ئوخشاش گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىدىغان ئەمەلىي رولغا ئىگە ئەمەس، ئۆلۈم جىنايىتىنى كەچۈرۈم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ پەقەت شەرەپنىڭ سىموۋلى خالاس. 


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章