پۈتكۈل ياۋروپا دۇنياسىنى يۈز يىللىق ۋەھىمىگە سېلىۋەتكەن جۇڭگۇلۇق

文摘   2024-09-03 23:59   新疆  



تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى


پۈتكۈل ياۋروپا دۇنياسىنى 100يىللىق ۋەھىمىگە سېلىۋەتكەن جۇڭگۇلۇق

ت. 1896ـ يىلى 8ـ ئايدا، لى خۇڭجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى، بارغانلا يېرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.لى خۇڭجاڭ بۇنداق كۆرۈنۈشلەردىن ھەيران قالمىدى، ھەتتا ئازراق پەخىرلەندى، ئۇ يەنە مۇھىم سورۇنلاردا سىشى تەيخۇ ئىنام قىلغان ھېلىقى سېرىق يەكتەكنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمەلىيەتتە لى خۇڭجاڭ ئارتۇق ئويلاپ قالغان ئىدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاتالمىش كوچىدا تۇرۇپ قارشى ئېلىشى، ھەممىسى «غەلىتە نەرسىلەرنى ئوۋلاش پىسخىكىسى» بىلەن تاماشا كۆرگىلى كەلگەنلەر بولۇپ، خۇددى ئافرىقا قەبىلە باشلىقىنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە چەت ئەللىكلەر جۇڭگولۇقلارغا توختىماي قارا سۈركىگەن، سىشى تەيخۇنى مىسالغا ئالساق، ياۋروپالىقلار سىشى خانىشنى كۆرۈمسىز، رەزىل ئايال پېرىخون دەپ تەسۋىرلىگەن، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ، پىچاق كۆتۈرۈپ، قارا كۆزەينەك تاقىۋاپلا يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول تىرنىقى ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن چىشى بار، دەپ تەسۋېرلەنگەن. بۇ پۈتۈنلەي غەربلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ئىرقىي بىر تەرەپلىمە قارىشى.

جۇڭگودا كونىلارنىڭ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش دېگەن گېپى بار، بۇ سۆز غەربلىكلەرگە ماس كېلىدۇ. 1913ـ يىلى ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ساكس لومېر دوكتور «فۇمەنجۇ سىرى» ناملىق ھېكايىسىدە فۇ مەنجۇ ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇقنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۇ ئورۇق، ئېگىز، تاقىر باش بولۇپ، ئىككى ئۇزۇن قېشىنى تىك تۇتقان، قىياپىتى يىرگىنىشلىك بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل جۇڭگولۇق دەپ نام بېرىلگەن. كىتابتىكى تەسۋىرلەر بويىچە، فۇ مەنجۇ رەزىللىكنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، بەدىنىدە غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان ۋەھىمىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

فۇ مەنجوۋ ئارىلاش قانلىق بولۇپ، دادىسى ئەنگلىيەلىك ئىدى، ئانا بولسا ئادەتتىكى جۇڭگو ئايالى ئىدى. فۇمەنجوۋ غەربلىكلەرنىڭ پىسخىكىسىغا پۈتۈنلەي ماس كەلگەچكە، ساكس لومېر فۇمەنجوۋنى پېرسوناژ قىلىپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 13 رومان، ئۈچ ھېكايە ۋە بىر پوۋېست يازغان. بارلىق رومانلاردا فۇ مەنجۇنىڭ ئوبرازى سەلبىي بولۇپ، ئورۇق، ئېگىز، مۈرىسىنى قىسىپ يۈرۈيدىغان، مۈشۈككە ئوخشاش  يۈرۈش ـ تۇرۇشى ئۈن ـ تىنسىز، سىرلىق، ئېفىئوپىيەچە قاشلىرى، شەيتاندەك چىرايى، تاقىر بېشى، ئىنچىكە كۆزى، يېشىل نۇر چېچىپ تۇرىدۇ دەپ تەسۋېرلەنگەن. 

فۇ مەنجوۋ رومانىنىڭ غەرب دۇنياسىدا ناھايىتى چوڭ بازار تېپىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا سېرىق ئاپەت نەزەرىيەسى ئەۋج ئالغان. ئاتالمىش سېرىق ئاپەت نەزەرىيىسى 19ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر خىل چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك نەزەرىيىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سېرىق تەنلىكلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېرىق تەنلىكلەرنىڭ غەرب دۇنياسىغا كېسەللىك، جىنايەتچى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەرغىب قىلىدۇ، ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەرنى سېرىق تەنلىكلەرگە چاپلاپ، ئاق تەنلىكلەرنى بىرلىشىپ سېرىق تەنلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. 

فۇ مەنجوۋ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، غەربلىكلەر شەرقنىڭ رەزىل ئالۋاستىسى، چىرايى رەزىل، ئاجايىپ ـ غارايىپ كىيىملەرنى كىيگەن، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان سۇيىقەستنى پىلانلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق تەنلىكلەرنى ئاسانلا ئۆلتۈرەلەيدۇ دەپ قەتىي ئىشىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، زور بىر تۈركۈم فۇ مەنجوۋ تەسۋېرلەنگەن كىنولار مەيدانغا كەلدى، كىنو ئېلانى تەشۋىقات سۆزىدە، مۇنداق تەسۋىرلەش بار:«مۈشۈككە ئوخشاش ئۈن ـ تىنسىز، يۈرۈش ـ تۇرۇشى سىرلىق، ئېفىئوپىيەچە قاشلىرى، شەيتاندەك چىرايى، چاچلىرى تاقىر، كۆزى ئۇزۇن، يېشىل نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئۇ بارلىق شەرقلىقلەرنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھەمدە ئۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەتكەن، ئۇ باي ھۆكۈمەت يۆتكىيەلەيدىغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشقا سالالايدۇ ھەم ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ.» 

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، لى شياۋلوڭ دەسلەپتە ھوللىۋودتا تەرەققىي قىلغاندا، فۇ مەنجوۋدىن ئىبارەت بۇ رولنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە لى شياۋلوڭ بۇ ئېرقى كەمسىتىشكە تولغان رولنى ئېلىشنى قاتتىق رەت قىلغان. بۈگۈنگە قەدەر، غەربلىكلەر ئارىسىدا يەنىلا بەزىلەر فۇ مانجۇۋنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە قەتىي ئىشىنىدۇ، بۇ ئىرقچىلىق يەنىلا ئەۋج ئالغان بولۇپ غەرىبلىكلەرنىڭ بىز جۇڭگۇلۇقلار بىلەن چىقىشالماسلىقى، كۆرەلمەسلىكى فۇمەنجوۋ بىلەن ناھايتى چوڭ باغلىنىشى بار.

ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا


pasibann
你好。欢迎
 最新文章