بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان، بىرازىلىيەدە دېنگې قىزىتمىسى دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 6 مىليون 449 مىڭ 380 گە، قازا قىلغان بىمار 5008گە يەتكەن.
بىرازىلىيەدىكى سان پاۋلو ئىشتاتى، مىناس گرايېس ئىشتاتى ۋە پارانا ئىشتاتى دېنگې قىزىتمىسى بىمارلىرى ئەڭ كۆپ ئۈچ ئىشتات بولۇپ قالدى.