شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاۋغۇست ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىران ئەگەر ئىسرائىلىيەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىسا، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئىقتىسادى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ ئىراننى ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئىرانغا ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزدى، ئەگەر ئۇلار ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زور ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇنداقتا ۋەقەنىڭ ئەۋج ئېلىش خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئىران ئىسرائىلىيەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىسا، ئىراننىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقى ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
ئامېرىكا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىرانغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىچى ئارقىلىق يەتكۈزگەن، لېكىن بۇنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس. ئىران بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.