«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئامېرىكا تەمىنلىگەن ماددىي ئەشيالار ئىشلىتىلدى». ئامېرىكا كۋېنسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى» تور بېكىتىدە 26-ئاۋغۇست تەھلىل دوكلاتى ئېلان قىلىندى، بۇ دوكلاتتا بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا تەمىنلىگەن تۈرلۈك قورال-ياراغلارنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا كۆپلەپ ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىندى. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان 20 قېتىملىق «ئۇرۇش جىنايىتى»دىكى رولى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىلدى.