نېمە ئۈچۈن پوستا تۇرغان ئىككى ئەسكەرنىڭ بىرگە قورال بېرىلمەيدۇ

文摘   2024-09-02 23:56   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى





دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي نۇقتىللىرىدا قاراۋۇللۇقتا ئىككى ئەسكەر تۇرىدۇ، لىكىن نېمە ئۈچۈن ئىككى ئەسكەرگە پەقەت بىر تاللا قورال بېرىلىدۇ؟  

جۇڭگو خەلقىنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئازادلىق ئارمىيەمىز بىر قەدەر يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىمۇ ئىنتايىن ياخشى، ئەلۋەتتە بۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلىشىمىزنى ئۇلارنىڭ جاپالىق تۆلىگەن بەدىلىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ئېرىشكىنى بىلەن تۆلىگەن بەدىلى دائىم ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئېلىمىز ئەسكەرلىرى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئۈن ـ تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم تۈرى تېخىمۇ شۇنداق، گەرچە ئۇلار ئۇرۇشقا قاتناشمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ قىسىم تۈرى قاراۋۇلدۇر. ئارمىيىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ۋەزىپىسى نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، لېكىن قانداق ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن قەتىينەزەر، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال ـ مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. 

شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ قاراۋۇللۇق ئورنىدا مىدىرلىماي تۇرىدىغان قاراۋۇللارنى بىر قەدەر كۆپ ئۇچۇرتىدۇ، بۇ خىل قاراۋۇللار مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىقتا بولسۇن، بۇرۇنقىدەكلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ.ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ قاراۋۇللىرىدا ئىككى ئادەم پوستتا تۇرىدۇ ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ قاراۋۇللىرىمۇ قورال ـ ياراغ تاقاشقا ھوقۇقلۇق، شۇڭا قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئىككى قورال بولۇشى كېرەك، بىراق كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، گەرچە ئىككى ئەسكەر پوستتا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پەقەت بىرلا قورال بار. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

چۈنكى 20 يىل بۇرۇنقى بىر ۋەقە دۆلىتىمىز قاراۋۇللۇق تۈزۈمىگە قانلىق ساۋاق قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەينى چاغدا قاتىللىق دىلوسى سادىر قىلغان بەي باۋشەن ئىسىملىك بىر جىنايى ئونسۇر ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، مەلۇم ھەربىي گازارما قاراۋۇلخانىسىدىكى قاراۋۇلنىڭ قورالىنى بۇلاپ قېچىپ، بۇلاپ كەلگەن قورال ـ ياراغقا تايىنىپ يەنە بىر قېتىم ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان، جەمىيەتتىكى تەسىرىمۇ ئىنتايىن يامان بولغان.

گەرچە ئاخىرىدا بەي باۋشەن قانۇن بويىچە جازالانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئاخىرلاشمىدى، چۈنكى بۇ ئىش ئېلىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەركىزى ھەربىي كومىتىت قاراۋۇل تۈزۈمىگە دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. بىر قاتار مۇزاكىرە قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى قاراۋۇل تۈزۈمى شەكىللەندى.

 يەنى بىر ئەسكەر قورال ئېلىپ، يەنە بىر ئەسكەر ساقچى كالتىكى،  ئوق ۋە ئوقدان ئېلىپ پوستا تۇرىدۇ. بۇ خىل ئوق بىلەن ئوقنى ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەي باۋشەندىكى قانلىق دىلونىڭ  قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ، گەرچە جىنايەتچى قورال بۇلىيالىغان تەقدىردىمۇ لىكىن ئوق چىقىرىشقا ئامالسىز چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل جىنايەتچىنى دەرھال قورالغا ،  ئىگە بولسىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلغاندا، ئامانلىقى بىر قەدەر قالايمىقان بولغان بەزى رايونلاردا ياكى چىگرادا،  مۇھىم ئورۇنلاردا پوستتا تۇرغاندا، قاراۋۇللار ئۇلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن، ئوق ـ دورا بىلەن ئايرىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پوستىكى ئەسكەرلەرگە تولۇق قورال سەپلەپ بېرىلىدۇ.



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









pasibann
你好。欢迎
 最新文章