پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيمىز

文摘   2024-09-03 23:59   新疆  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىمىز

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 12-ئىيۇل مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىدۇ.

لىن جيەن مۇنداق دېدى: بىز پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيمىز، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ ھەرقانداق ئۇسۇلغا قارشى تۇرىمىز، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جەمىئيەتنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، پۇقرالارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمىز.

ئۇ مۇنداق دىدى: خەلقئارا جەمئىيەت غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك دۇچ كەلگەن ئاپەتنى پەسەيتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



pasibann
你好。欢迎
 最新文章