دۆلىمىز 1979-يىلى ئامىرىكا ئارمىيسىنى قانداق باش ئەگدۈرگەن

文摘   2024-09-03 23:59   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى



باشقا دۆلەتلەردە زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىپ كۆنۈپ قالغان  ئامېرىكا ئەسكەرلىرى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگودا ھەربىي فورما كىيشكە پېتىنالمىدى

ت. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى، بولۇپمۇ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى مۇستەقىللىق دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيدى، دەل شۇنداق بولغاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەردە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا قۇردى! كونسۇلخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەسۇل، شۇڭا نېگىزىدىن ئېيتقاندا، كونسۇلخانا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلىدىغان زۆرۈر جاي بولۇپ قالدى!

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ تونۇشىمىزدىكى جۇڭگودىكى باشقا دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو قوراللىق ساقچىلىرى بىخەتەرلىكنى قوغدايدۇ. ئەمما، ئامېرىكا ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەردە زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، دەسلەپتە جۇڭگودا باش ئەلچىخانا قۇرغان چاغدىمۇ، ئامىرىكا ئۆز ئەلچىخانىمىزنى چوقۇم ئۆزۈمىز قوغدىشىمىز كېرەك، دەپ تۇرۋالغان. ئامېرىكىنىڭ باشقا ئەلچىخانىلىرىغا ئوخشاش جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىمۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنى بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىدا چىڭ تۇردى! زۆرۈ تېپىلغاندا جۇڭگودا ھەربى بازا قۇرۇپ باشقا دۆلەتتىكىگە ئوخشاش ئۆز ئادەملىرىنى ئۆزى قوغداشتا چىڭ تۇردى. 

ئەمما، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىپادىسى بولسا چۈنكى جۇڭگودا كۈچلۈك دۆلەتلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك ئازابلىق خاتىرىسى بار، شۇڭا جۇڭگو دۆلەت زېمىنىدا باشقا دۆلەتنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىدىن ئىنتايىن بىزار، ھەم مومكىن بولمايدىغان ئىش، چۈنكى يېڭى جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسى ئەمەس. بۇ تىمما ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق جۇڭگو بۇ تەلەپكە قەتئىي قوشۇلمايدۇ! ئەمما ئامېرىكىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئابرۇيى بار، ئەگەر راستىنلا دۆلىتىمىزنىڭ دىگىنىدەك بولسا ئامىرىكا كېيىن خەلقارادا باشقىلار بىلەن قانداق كۆرۈشىدۇ، چەتئەللەردىكى ئامىرىكا ئارمىيسى قانداق قىلىدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا ئىككى دۆلەت تەڭلا ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قارشى تەرەپ بىلەن بۇ توغۇرلۇق مۇرەسسەلەشمەيدىغانلىقىنى، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە قانداق قىلىش كېرەك، ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغان ئەھۋالدا ھەر ئىككى دۆلەت پەقەت بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، جۇڭگو ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ جۇڭگۇغا كىرىشىگە قوشۇلدى، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ بىر قانچە شەرتى بار. 

بىرىنچى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئامېرىكا ھەربىيلىرىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگو زىمىنىدا ھەرىكەت قىلسا بولمايدۇ، يەنى ئۇرۇش ھەربىي فورمىسى كىيسە بولمايدۇ.ئىككىنچى، ئاممىۋى سورۇنلاردا قورال تاقاشقا بولمايدۇ.ئۈچىنچى، پەقەت ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسۇل بولىدۇ، تاشقى قىسمىغا يەنىلا جۇڭگو ھەربىيلىرى مەسۇل بولىدۇ.تۆتىنچى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى پەقەت شەخسىي نام بىلەنلا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ نامى بىلەن ئەلچىخانا سىرتىدا ھەركەت قىلسا چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ھۆرمەتسىزلىك قىلىش قاتتىق مەنى قىلىنىدۇ! يۇقارقى چەك قويۇلغان ئىشلارنى ئامىرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدە قىلىشقا يول قويۇلىدۇ.(ئەڭ ئاخىرىقى ماددا بۇنىڭ سىرتىدا، يەنى ھەر قانداق ئورۇندا جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشىقا ياكى ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا قەتتئي يول قويۇلمايدۇ).ت

بۇ رامكىلارمۇ ئەزەلدىن ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان، زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئامېرىكىلىقلارنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ، ئامىرىكىكىقلار ئۈچۈن بۇ تۇيغۇ خۇددى بىر خىل بوزەك قىلىنغانغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئامىرىكا جۇڭگونىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورۇنتىشقا مەجبۇر ئىدى. دۆلىتىمىزمۇ «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئېچۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئامىرىكا بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىسا بولمايتى. ئۇززاق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 1979-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىككى دۆلەت رەسمى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 

جۇڭگونىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بارلىق دۆلەتلەر بۇ تۈزۈمنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بولمىسا جۇڭگو چوقۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت دەرۋازىسىنى تولۇق ئېچىۋەتمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئويناش ئۈچۈن، چوقۇم ئويۇن قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، پەقەت كۈچلۈكلەرلا ئويۇن قائىدىسى تۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









pasibann
你好。欢迎
 最新文章