غەربىي سەھرايى كەبىر دۆلىتى نېمە ئۈچۈن پايتەختنى قوشنا دۆلەت مۇساپىرلار لاگېرىغا قۇرىدۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇستەملىكە ئەمەس ئىككى پارچە زىمىنى بولۇپ، بىرى كانارى تاقىم ئاراللىرى، يەنە بىرى قۇرۇقلۇقتىكى غەربىي سەھرايى كەبىر ئىدى.كانارى تاقىم ئاراللىرى 1497ـ يىلى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، بۈگۈنكى كۈندە ئىسپانىيەنىڭ چەتەلدىكى زېمىنى.
شەرقتە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر، شەرقىي شىمالدا ئىسپانىيەگە تەخمىنەن 1100 كىلومېتىر كېلىدۇ.
كانارى تاقىم ئاراللىرى تەخمىنەن 7493 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئارال، ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى گەۋدىلىك، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ساياھەت ئورنى.
ئاساسىي ئارال چوڭ كانارى ئارىلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 1540 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چۇڭمىڭ ئارىلىنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
چوڭ كانارى ئارىلىنىڭ نوپۇسى ھازىر ئاران 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۈستىدە لاسپالماس دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شەھەر بار، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنى پىششىق بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر كۈچلۈك كوماندىسىنىڭ بىرى.
بىراق كوماندا ھەر قېتىم مېھمان مەيداندا جەڭ قىلغاندا، ئىسپانىيە زېمىنىغا ئۇچۇپ بارىدۇ، ئومۇمەن بېيجىڭ بىلەن شاڭخەينىڭ ئارىلىقى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە 2 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئىسپانىيەلىكلەر پۇشتىدىن بولغان ۋە ئىسپانىيەلىكلەر بىلەن يەرلىكلەر بىرلەشكەن نۇرغۇن ئەۋلادلار بار، بۇ يەرنىڭ ئىسپانىيەدىن مۇستەقىل بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس.
كانارى تاقىم ئاراللىرىدا تۇرۇپ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا نەزەر سالساق، ھازىرقى ماراكەش، غەربىي سەھرايى كەبىر، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەينى چاغدا ھەممىسى فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ فىرانسىيەگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا دەپ ئاتىلاتتى.
ئىسپانىيە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر قونۇش نۇقتىسى بولۇشنى ئويلايدۇ، سۆھبەت ئارقىلىق ئىسپانىيە ئاخىرى فىرانسىيەدىن بىر پارچە قۇملۇق ئاجرىتىپ ئالالىدى، بۇ يەر دەل غەربىي سەھرايى كەبىر.
غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ كۆلىمى 266 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەندۇڭ ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ. غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ يېرى چوڭ بولسىمۇ، ئاساسلىقى قۇملۇق بولۇپ، نوپۇسى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا مەركەزلەشكەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ، ئومۇمىي نوپۇسى ئاران 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئىسپانىيىلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، غەربىي شىمالدىكى غەيرىي قۇرۇقلۇقتا بىرەر قونۇش نۇقتىسى بولسىلا رازى بولىدۇ. فىرانسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر پارچە قۇملۇقتىن ۋاز كېچىش ئازراقمۇ زىيان تارتقانلىق ئەمەس.
ئىسپانىيە غەربىي سەھرايى كەبىردە ئەل ئايۇئېن شەھىرىنى قۇرۇپ، بۇ يەرنى ئىسپانىيە فىلوتى تۇرىدىغان بىر دېڭىز پورتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، شۇنداق بولسىمۇ ئەل ئايۇئېننىڭ نوپۇسى ھازىرغىچە تەخمىنەن 130 مىڭغا يېتىدۇ، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن كىچىك بازارلاردىن پەرقلەنمەيدۇ.
غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۈچ قوشنىسى بولۇپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە تەرتىپ بويىچە ماراكەش، ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە. 1956ـ يىلى ماراكەش فرانسىيەدىن مۇستەقىل بولغان. 1960ـ يىلى ماۋرىتانىيە فىرانسىيەدىن مۇستەقىل بولغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ماراكەش، ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيەنىڭ تۈرتكىسىدە غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى. ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى غەربىي سەھرايى كەبىردىكى ھۆكۈمرانلىقى لىڭشىپ قالدى. ماراكەشنىڭ يەر كۆلىمى 459 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ يەر كۆلىمى 266 مىڭ بولۇپ، ئەگەر غەربىي سەھرايى كەبىر قوشۇۋېتىلسە، ماراكەش زېمىنى تەخمىنەن 60% كۆپىيىدۇ.
ماۋرىتانىيەنىڭ 1 مىليون 30 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى ئەگەر غەربىي سەھرايى كەبىرگە ئېرىشسە، ئەسلىدە توسۇلۇپ قالغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ. ماراكەشنىڭ نوپۇسى 36 مىليوندىن، ماۋرىتانىيەنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ تەخمىنەن 500 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇلار.ئىككىسى كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگەن. ئىسپانىيە غەربىي سەھرايى كەبىرنى مۇستەقىل قىلدى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇزاق ئۆتمەي چوقۇم ماراكەش ياكى ماۋرىتانىيە ئىگىلىۋالىدۇ. ئىسپانىيە ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، غەربىي سەھرايى كەبىرنى مۇستەققىل قىلدۇرماي بۇ ئىككى دۆلەتكە سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى.
ت. 1975ـ يىلى ئۈچ تەرەپ مادرىدتا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىسپانىيە غەربىي سەھرايى كەبىر دىن چېكىندى، غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ شىمالى ماراكەشكە، جەنۇبى ماۋرىتانىيەگە تەۋە بولدى. ئىسپانىيە بولسا بېلىق تۇتۇش ھوقۇقىنى مەڭگۈلۈك ساقلا قالدى. ئىسپانىيە بىلەن ماراكەش ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆتكۈر زېمىن توقۇنۇشى بار، ئىسپانىيە ماراكەش قۇرۇقلۇقىدىكى ھۇدا ۋە مېللىيانى ئىگىلىۋالغان، ماراكەشنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا، ئىسپانىيە غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ شىمالىنى ماراكەشكە بېرىپ، ماراكەشنىڭ شىمالدىكى ئىككى شەھەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىگە قارتا ماراكەشنىڭ ئاغزىنىپ تۇۋاقلىدى.ئىسپانىيە ئىگەللىۋالغان بۇ ئىككى شەھەر جەبەلتارىق بوغۇزىغا يېقىن بولۇپ ئىستىراتىگىيەلىك قىممىتى غەربى سەھرايى كەبىردىنمۇ مۇھىم.
ئىسپانىيە بىلەن ماراكەش پەقەت جەبەلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئىسپانىيە زېمىنى تەخمىنەن 510 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ماراكەش زېمىنىدىن ئاران 20% چوڭ، ئىسپانىيە ماراكەش زېمىنىنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ماۋرىتانىيەنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا كىرگۈزۈش كېرەك. توختام ئىمزالىغان ئۈچ تەرەپنىڭ بىرىمۇ غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ يەرلىك ئادىمى ئەمەس، بۇ شۇ جايدىكى يەرلىكلەرگە نىسبەتەن تەبىئىيلا ئادىل ئەمەس. 1976ـ يىلى ئىسپانىيە چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن غەربىي سەھرايى كەبىر مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئەرەپ سەھرايى كەبىر دىمىكۇراتىك جۇمھۇرىيتىنى قۇردى. پايتەختى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى مەركىزىي شەھەر ئەل ئايۇئىن قىلىپ بىكىتىلدى.
غەربىي سەھرايى كەبىر قالايمىقان ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، دەسلەپتە غەربىي سەھرايى كەبىر ماراكەش ۋە ماۋرىتانىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇردى، غەربىي ساخارا قوشۇنى مەغلۇپ بولدى، مۇساپىرلارنى ماراكەشنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئالجىرىيە قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ماراكەش بىلەن ماۋرىتانىيە يەنە ھەربىي سۈركىلىش پەيدا قىلدى، ئاخىرىدا ماراكەشنىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ غەلىبە قىلدى، 1982ـ يىلىدىن 1987ـ يىلىغىچە
ماراكەش غەربىي ساخارا رايونىدا ئالتە قېتىمغا بۆلۈپ ئالتە بۆلەكلىك تام سېلىپ، بۇ ئارقىلىق دۈشمەننى ئايرىۋەتتى.
بۇ ئالتە بۆلەكلىك تام ماراكەش تېمى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بېرلىن تېمىغا ئوخشاشلا غەربى سەھرايى كەبىرنى نەچچە پارچىگە بۆلىۋەتتى. بۇ تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2700 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدۇ، قۇم بىلەن تاشتىن ياسالغان بولۇپ، غەربىي سەھرايى كەبىر چۆلىدىكى ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللۈككە سوزۇلغان.
ماراكەش تېمىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدە ئايروپورت، گازارما، پوتەي، رادار پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، تامنىڭ ئالدىغا يەر مىنا سېپى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بولۇپ بۇ مىنا سېپى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تۇتاش مىنا بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ. ماراكەش تېمى غەربىي سەھرايى كەبىر چېگراسىنى بويلاپ ياسالغان ئەمەس، ماراكەش تېمىنىڭ شەرقىدىن غەربىي سەھرايى كەبىر چېگراسىغىچە بولغان تار ھەم ئۇزۇن قۇملۇق رايونى بويلاپ سېلىنغان بولۇپ خەلقارادا قىسقارتىلىپ ئەركىن رايون دېيىلىدۇ، كۆلىمى غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ
غەربىي ساخارىلىقلار ئەمەلىي كونترول قىلىدۇ.
غەربىي ساخارىلىقلار ئەركىن رايوندا ئاز ساندا نوپۇسى بولغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم مۇساپىرلار ئالجىرىيە ۋە ماراكەشكە كۆچۈپ كەتكەن. 1975ـ يىلىدىن باشلاپ، غەربىي سەھرايى كەبىر ئالجىرىيەدىكى تىندۇفتا مۇساپىرلار لاگىرى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 150 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، ھازىر يەنە تەخمىنەن 58 مىڭ ئادەم بار. غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ نامدىكى پايتەختى ماراكەش كونتروللۇقىدىكى ئايۇئېن ۋە ئەمەلىي پايتەختى ئالجىرىيەدىكى تىندۇف بولۇپ ھەرئىككىلى پايتەختى چەتئەل كونتۇرۇللۇقىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا تەسسى قىلىنغان.
تىندۇۋ مۇساپىرلار لاگىرىنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن غەربى سەھرايى كەبىر ئالجىرىيەگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك، بۇ دۆلەت بىلەن ماراكەش ئوتتۇرىسىدا زېمىن توقۇنۇشى بار ھەمدە ب د ت دا غەربىي سەھرايى كەبىر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن قايتا ـ قايتا تەكلىپ بەرگەن.
غەربىي سەھرايى كەبىر مۇساپىرلار لاگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماددىي ئەشيا، داۋالاش قاتارلىق ياردىمىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بۈگۈنگە قەدەر 47 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹