رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىدىكى جەڭ داۋاملاشماقتا
文摘
2024-09-06 20:54
新疆
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 6-ئاۋغۇست رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. 16-ئاۋغۇست رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: رۇسىيەنىڭ «شىمالىي قىسىم» جىتۈەنجۈنى كۇرسىك يۆنىلىشىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، دېدى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى سېرسكى 16-ئاۋغۇست كەچتە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىيغا مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى شۇ كۈنى كۇرسىك ئوبلاستىدا ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە داۋاملىق بىر كىلومېتىردىن ئۈچ كىلومېتىرغىچە ئىلگىرىلىدى، بارلىق ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كونتروللىقىدا بولۇۋاتىدۇ.