دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: غەززەدە مەڭگۈلۈك، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 14-چېسلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو غەززەدە مەڭگۈلۈك، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە رايون ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، ئىراننىڭ ھانىيەنىڭ تېھراندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشى توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقىغا قارىتا، جۇڭگو ئىران بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچراشتىمۇ؟ جۇڭگو ئىراننى زەربە بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ جۇڭگو خاماس ياكى باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانلار بىلەن ئۇچراشتىمۇ؟ دېدى.
لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززە توقۇنۇشىنى بالدۇرراق تىنچىتىش ھەمدە ئۇنىڭ تاشقى تەسىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە ئىزچىل ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى.
ئۇ «جۇڭگو غەززەدە مەڭگۈلۈك، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە رايون ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇنۇش، قارشىلىشىشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدىن ساقلىنىشنى خالايدۇ» دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت