بانكا بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچىلىك نەخ پۇل ساقلايدۇ؟

文摘   2024-09-04 21:46   新疆  


 

زەمران


بانكا بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچىلىك نەخ پۇل ساقلايدۇ؟ نەچچە يىل ئىلگىرىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ھەممىنى ئاشكارلىغان
ئىككى كۈندىن بۇيان، توردىن مۇنداق بىر سوئالنى كۆردۈم: بانكا شۇنچە پۇلدار تۇرسا، بىر قېتىمدا 2 مىليارد يۈئەن ئالغىلى بولامدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات يۆتكەشنىڭ قولايلىقى كىشىلەرنى بانكىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ناھايىتى ئاز ئىگە قىلدى، لېكىن ئۇلار زور مىقداردا نەق پۇل ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغاندا، كىشىلەر يەنىلا بانكىغا بېرىپ نەق پۇل ئېلىپ ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر: 2 مىليارد ئەمەس، مەندە 200 مىڭ يۈئەنمۇ يوق، دېيىشتى. بىراق ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى چوقۇم ئىنكار قىلىنغان.

بىرىنچىدىن، ھازىر پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئوبوروت ئەھۋالى سەۋەبىدىن، ھەر كۈنى نۇرغۇن مەبلەغ تۈرلۈك سۇپىلار ئارقىلىق ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز سودىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،دۆلەت ھەر قايسى بانكىلارنىڭ كۈندىلىك پۇل ئامانەت قويۇش ـ ئېلىش چېكىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. پۇل ئېلىش ئاپپاراتىدىن نەق پۇل ئالغان سوممىمۇ 10 مىڭ يۈئەن ياكى 20 مىڭ يۈئەن ئىچىدە بولىدۇ، شۇڭا بىر قېتىمدىلا بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ئاپىراتىدىن 20 مىڭ دىن ئارتۇق نەخ پۇلنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس...

ئۇنىڭدىن قالسا، ھەر بىر بانكا تور نۇقتىسىدىكى نەق پۇل ئاران بىر مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ، نەق پۇل ئاپتوموبىلىنىڭ بانكىغا تارقاتقان كۆچمە مەبلىغىمۇ مىليون يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، قالغان مەبلەغ شۇ كۈنى تولۇق يىغىۋېلىنىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەردە بولسىڭىز، تۇرىۋاتقان شەھەردىكى بارلىق بانكا تور نۇقتىلىرىنىڭ نەق پۇل ئومۇمىي سوممىسىنى قوشقاندا، 2 مىليارد يۈئەنگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بىر قېتىمدا بۇنچە كۆپ پۇل چىقىم قىلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. سىز داڭلىق مىلىيادىر بولۇپ بانكا سىزگە تۆلەشكە قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، بەلكىم بىر نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلىشى مۇمكىن. 

بىز بىر ھەقىقىي مىسال كەلتۈرەيلى: ئەسىر چوڭ ئوغرىسى دەپ نام ئالغان داڭلىق ئوغرى جاڭ زىچياڭ 20يىل ئىلگىرى جۇڭگودىكى بىرىنچى باي لى جياچېڭنىڭ چوڭ ئوغلى لى زېلىنى تۇتقۇن قىلغاندا، ئۇ لى جىياچىڭدىن 2 مىليارد يۈئەن نەق پۇل بېرشنى تەلەپ قىلغان.يۈرەكلىك جاڭ زىچياڭ پارتلاتقۇچ دورىنى ئۆز بەدىنىگە باغلاپ لى جياچېڭنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىغا بېرىپ نەق پۇل تەلەپ قىلغان. لى جياچېڭ ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: سېنى شۇنداق داڭلىق ئوغرى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، لېكىن بەكلا ھاماقەت ئىكەنسەن. بانكا  نەدىمۇ بىر قېتىمدىلا 2 مىليارد نەخ پۇل ئوبورت قىلسۇن، مۇشۇ ئەقەللى قائىدىنىمۇ بىلمەمسەن دىگەن.  جاڭ زىجىياڭ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن بۇنى باھانە قىلىپ قايتۇرۇۋېلىش سوممىسىنى 1 مىلياردقا ئازايتىدۇ. 

كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، لى جياچېڭ ئالدى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەردىن 40 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى نەق پۇل چىقىرىپ جاڭ زىچياڭغا بەردى. جاڭ زىچياڭ 40 مىليون يۈئەنلىك بۇ ساننى خەيرلىك ئەمەستەك ھېس قىلىپ نەق مەيداندا ئاران 38 مىليون ئالدى ۋە ئېشىپ قالغان 2مىلىيۇن يۈەننى لى جىياچىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ كېتىپ قالدى. ئەسلىدە دىيىشكەن 1 مىليارد يۈئەنگە كەلسەك، لى جياچېڭمۇ ھەر قايسى چوڭ بانكىلاردىن كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىپ چىقىشقا دىيىشكەن بولۇپ، بىر ئاي ئەتراپىدا ساقلىشى كېرەك ئىدى. 

بۇ يەردە چوقۇم كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئېلېكتىرونلۇق پۇل يۆتكەش ۋە يان تېلېفوندا پۇل تۆلەش تېخى گۈللەنمىگەن ۋاقىت بولۇپ، نەق پۇل ئىشلىتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. ئەمما، توردا چىقىم قىلىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن بانكا تور نۇقتىلىرىدىكى كەسپىي تارماقلار تەمىنلىگەن نەق پۇل سوممىسى ئاساسىي جەھەتتىن 1 مىليوندىن ئاشمايدۇ، بىر قېتىملىق نەق پۇل سوممىسى 50 مىڭدىن ئاشقاندا بانكا بىلەن ئالدىن كېلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. بانكا سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ، پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە قاراپ باقىدۇ.

ئەگەر سىز بىر قېتىمدا 2 مىليارد يۈئەن ئالسىڭىز، بۇ رايوندىكى بارلىق بانكىلاردا يېتەرلىك نەق پۇل زاپىسى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى چىقىرىۋېلىش چوقۇم بانكا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەمدە بۇ پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، چۈنكى پۇل سوممىسى قانچە كۆپ بولسا، خەۋپ ـ خەتەر شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سىز ئۇنى ئېلىپ چىقالىغان تەقدىردىمۇ، ساناش ۋە توشۇش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ بولىدۇ، بۇ زېھنىي كۈچنىڭ سېلىنمىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. 

بانكا يەنە ئوخشىمىغان جايلاردىن پۇلنى تۈركۈمگە بۆلۈپ سەپلىگەندىلا، ئاندىن سىز ئالماقچى بولغان پۇلنى ئارقا ـ ئارقىدىن يىغالايدۇ. بۇ تېخى ھەممىسى ئەمەس. ئىككى مىليارد يۈئەن كۆپ پۇل بانكا نۇرغۇن خىزمەتچى ۋە پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ سىزگە ساناپ بېرىشى كېرەك، بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا سىز جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ باي بولسىڭىزمۇ بانكىدىن بىراقلا 2 مىليارد يۈئەن نەق پۇل چىقىرىشىڭىز ئانچە مۇمكىن ئەمەس. رېئاللىقتا، مەيلى كارخانىنىڭ سودا كۆلىمى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، مەبلەغ چىقىمىدا بۇنداق بىۋاسىتە نەق پۇل سودىسى مەۋجۇت بولمايدۇ، بۇنداق كۆپ نەق پۇل تۆلەشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.سىز چوقۇم كۆپ مىقداردا نەق پۇل تۆلىشىڭىز كېرەك بولغان تەقدىردىمۇ، بانكا سىزنى پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن چىقىم قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئامال بار نەق پۇلنى ئاز ئىشلىتىدۇ.

چۈنكى ساناش قولايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەسۇل بولۇش جەريانى بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق. يەنە بىرى، بانكىدىن پۇل ئىشلىتىدىغان جايغا توشۇش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ۋاقىت بايلىق ۋە ساقچى ئارمىيە كۈچلىرى سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىدىن كۆرە، كۆپ سوممىلىق ئامانەت پۇلنى سودىنى تاماملاشقا توغرا كېلىدىغان جايغا بىۋاسىتە يۆتكەپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، يەنە نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، سىز بانكىدىن بىر قېتىمدىلا 2 مىليارد يۈئەن نەق پۇل چىقىرالمايسىز. جۇڭگونىڭ بانكىسىلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتىمۇ بۇ مومكىن ئەمەس. شۇڭا كىنولاردىكى تۇتقۇن قىلىش كۆرۈنىشلىرىدە بۇنداق زور سوممىلىق پۇل تەلەپ قىلسا بۇنداق كۆرۈنۈشلەرگە ئىشىنىپ كەتمەڭ، بۇ رېژىسور بىلەن سىنارىستتىكى سەۋىيە مەسلىسى.

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章