جۇڭگو بىرىنجى دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىگە كىرسە قانچىلىك ئەسكەر يىغ

文摘   2024-09-02 23:56   新疆  


پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

دۆلىتىمىز بىرىنجى دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىگە كىرسە قانچىلىك ئەسكەر يىغالايدۇ

图片来源:百度网

ت. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، دۇنيا ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ بولدى ، لېكىن قىسمەن ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش يەنىلا ئۈزۈلمىدى . ئۇرۇش ئادەمگە چەكسىز ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ . جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى تىنچلىق ۋەزىيىتىنى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن . ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن ، چىرىكلىشىپ ، ئارقىدا قالغانلىقتىن ، جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى ، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار ئىسسىق قان تۆكۈپ ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى . 

图片来源:百度网

گەرچە بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئىنتايىن قۇدرەت تاپقان بولسىمۇ ، لېكىن جۇڭگو يەنىلا جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە ، خەلقئارا ۋەزىيەت يەنىلا جىددى بولماقتا، دۈشمەن دۆلەت ۋە يۇشۇرۇن دۈشمەن دۆلەتلەر ئېغۋاگەرچىلىك ۋە پاراكەندىچىلىكنى توختاتمىدى، كەلگۈسى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەرەز قىلماق تەس. ئۇرۇش پارتلىغان ھامان جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىدۇ .جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى 4 - دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە بۆلۈنىدۇ ، 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتى بولۇپ ، ئۇرۇش پارتلىغاندا جۇڭگو 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىنى باشلايدۇ . ئەگەر جۇڭگو بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرسە ، جۇڭگونىڭ جەڭگىۋارلىقى قانداق بولىدۇ ؟ 

图片来源:百度网

بۇ ھەقتە گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىللىرى « يېڭىلمەس » دېگەن سۆزنىلا قىلدى . بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، جۇڭگودىكى بارلىق ئارمىيە سەپەرۋەرلىك ھالىتدە تۇرىدۇ ، بارلىق ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى 24 سائەت توختىماي ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىگە كىرىدۇ . تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى ، 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرگەن ھامان ، جۇڭگودىكى خەلىق ئازدلىق ئارمىيسى، جۇڭگو  قوراللىق ساقچى قىسىمىلاردىن سىرىت ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەربىي قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ ، ئۇرۇش ئېھتىياجى بولسىلا ، ھەر ۋاقىت جەڭگە ئاتلىنىدۇ . 

ئەگەر ھەقىقىي ئۇرۇش باشلانسا جۇڭگودا ئۇرۇشقا ئاتلىنالايدىغان قوراللىق قىسىملار 40 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ھەمدە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلغىلى بولىدۇ . بۇنداق غايەت زور سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ھەرقانداق دۈشمەن دۆلەتكە نىسبىتەن ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق. جۇڭگونىڭ جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي ، يەنە جۇڭگونىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ئەمەلىي كۈچىمۇ بار . 

图片来源:百度网

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى شىددەت بىلەن ئاشتى . جۇڭگونىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ سۇغا چۈشۈشى ، جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى قوغلىغۇچى پاراخوتلىرىنىڭ سۇغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ، دۇنيا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلاندى . ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتە ، جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان 5 - ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى قىرغۇچى - 20 بەلگىلىك ئايروپىلانى بار،  جۇڭگو ئامېرىكىدىن كېيىن 5 - ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلاندى . 

图片来源:百度网

قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى جەھەتتە ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ئىگە . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۆلەتنى قوغداش ئىلاھى قالقىنى» - ناملىق يۈرۈشلۈك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بار . يىغىپ ئېيتقاندا ، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ سۆزى جۇڭگونى قارىغۇلارچە ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەنلىك ئەمەس . جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىرادىسى بىر سۆز بىلەن يىغىنچاقلاپ ئېيتقانلىق. جۇڭگو ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدۇ ، تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ . لېكىن جۇڭگو ئەزەلدىن ئۇرۇشتىن قورقمايدۇ .

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




pasibann
你好。欢迎
 最新文章