پۇتىن بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ قۇرۇشنى تەستىقلىدى!
زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دېڭىز ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى پاترۇشېف بۇ كومىتېتنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەندى. بۇ كومىتېت رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىياتى، رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھەمدە رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئۈستى پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوللاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
پاترۇشېف 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پۇتىن دېڭىز ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ كومىتېتنى قۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئالاقىدار تارماقلار تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت