ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاۋغۇست كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مۇھەممەد جاۋاد زەرىف شۇ كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
زەرىف ئۆزىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن رازى بولمىغانلىقىنىڭ ئىستېپا بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا يەنە باشقا مەسىلىلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنىڭ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زەرىف بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1-ئاۋغۇست ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا، قوشۇمچە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2013-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان.