شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاۋغۇست، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيەت رايونىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئېنىق ئورنى ۋە كونكرېت سانىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاۋغۇست ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئائۇستىن بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانتنىڭ سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى بۇ رايونغا يېتىپ بېرىش ئىشى مۇزاكىرە قىلىنغان.
2-ئاۋغۇست ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.