جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھەربىي پارات

文摘   2024-09-02 23:56   新疆  



تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى


يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھەربىي پارات تاشقى دۇنيانى ۋەھىمىگە سېلىۋەتكەن


ھەربىي پارات ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، 1941ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل مەيداندىكى ھەربىي پاراتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ستالىن قاتارلىق ئالىي قوماندانلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جەڭگىۋارلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان، ئارقىدىن جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن ئەسكەرلەر بىۋاسىتە ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى كۆپ قېتىم چوڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما تاشقى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ھەيران قالارلىق، ئەڭ ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات 84ـ يىلىدىكى ھەربىي پارات بولۇپ، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار قارىماققا ئىنتايىن ۋەھشى كۆرۈنىدۇ، غەرب مۇخبىرلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن 84ـ قېتىملىق ھەربىي پاراتتا ۋەھشى بولىدۇ؟

بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، پاراتقا قاتناشقان قىسىم ئەمدىلا قان ۋە ئوتنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن.جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر خىل قەتىيلىك چىقىپ تۇراتتى، قاش ـ كۆزلىرىدىن، ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ۋەھشىيلىك چىقىپ تۇراتتى.بۇ ئاپتورنىڭ سىرلىق قىلىپ كۆرسەتكىنى ئەمەس، پەقەت 84ـ قېتىملىق ھەربىي پاراتنىڭ سۈرىتىگە قارىساقلا پاراتتىن ئۆتكەن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇلار تېخى 85 تىپتىكى ھەربىي كىيىمنى ئالدىن ئالماشتۇرغان بولۇپ، كۆزلىرى قەيسەر، چىرايى سوغۇق ئىدى، جۇڭگو تارىخىدا تاھازىرغىچە ھېچقانداق ھەربىي پارات 1984-يىلىدىكى ھەربىي پاراتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلمىدى. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار ئەينى يىللاردىكى ھەربىي پاراتنىڭ سىنالغۇ لېنتىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، 

视频来源:腾讯视频

ئىككىنچى سەۋەب، كۆرگەزمە قىلىنغان قورال ـ جابدۇقلار كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۇنجى قېتىم ئاشكارا مەيدانغا چىقتى. دېڭىز ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا چاسا ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا چاسا ئەترىتى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتىنىڭ ھەممىسى مەيدانغا چىقتى، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېلىپ ماڭغان چاسا ئەترەتنىڭ چوڭ تىپتىكى سۆرىگۈچى ئاپتوموبىلى جۇڭگونىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يىراق مۇساپىلىك، ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە قىتەلەر ئارا ئۇچىدىغان ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندا، ھەممە ئادەم قايناپ تاشتى، بۇ پەلەككە تاقاشقان شەمشەر ناملىق يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك بومبا جۇڭگونىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى مۇستەھكەملەيدۇ. 

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاشكارا قويۇپ بېرىلىشى ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ، خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ نۇرغۇن خەۋەر بېرىپ، جۇڭگو يادرو ستراتېگىيىلىك تەھدىت كۈچىگە ئىگە بولدى دەپ كۆرسەتتى. بۇنى تۈز يەردە گۈلدۈرلىگەن چاقماق دېيىشكە بولىدۇ!ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە تايمىس گېزىتى مۇنداق خەۋەر بەرگەن: جۇڭگو بۈگۈن تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچىنى دۇنيا ئالدىدا نامايەن قىلدى، بۇ ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بىر ئۇخلاپ ياتقان شەرق گىگانت ئادىمى ئويغاندى، ئۇ دۇنياغا: ياق دېيىشكە جۈرەت قىلالايدۇ. دەپ خەۋەر بەردى. 

ئۈچىنچى سەۋەب شۇكى، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا ھەيۋەتلىك مىلتىقلار ئېتىلدى، پاراتقا قاتناشقان بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى تەقلىدى ئۇرۇش مەيداندىن قايتىپ كەلگەنلەر بولۇپ، ئەسلىدىنلا ئوق- دورا ھېدى پۇراپ تۇراتتى، يىراقتىن قارىغاندا مىلتىقلار ئورمانلىققا سانجىلغاندەك كۆرۈنەتتى، يېقىن بېرىپ قارىساق، چاقناپ تۇرغان مىلتىقلارنىڭ نەشتىرى بىر سىلكىنىپ بىر پارقىراپ كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالاتتى.














ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا


pasibann
你好。欢迎
 最新文章