كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
6 | ||||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
7 -قىسىم
7-قىسىم
ئۇنىڭ زىبارە بىلەن زادى قانداق ئىش بار؟
مېھمانخانىدا بىر-بىرىنى قۇچاقلىشىپ تۇرغان ئەر-ئايالغا قاراپ ، زىلالە خۇددى تاش ھەيكەلگە ئوخشاش قېتىپ قالدى.
بەش سېكۇنتتىن كېيىن، ئاندىن ئەسلىگە كېلىپ، زىبارەنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرگەن پېتى كەينىگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەيدىن چۈشتى.
دەسلەپتە ئازراق ماڭدى، كېيىن يۈگۈردى.
ئاخىرىدا يول بويى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، بېلىنى ئېگىپ، ھاسىراپ كەتتى.
كاللىسىدا بايىقى كۆرۈنۈش... كۆز ئالدىدىن سانسىز قېتىم ئۆتتى.
مەيدىسى قاتتىق سىلكىنىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىردى، قول يۇيۇش تەكچىسىگە يېقىن كېلىشىگىلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئېتىلىپ چىقتى.
ئۇ بىر ئاز قۇسۇپ، ئىستاكانغا سۇ ئېلىپ ئاغزىنى چايقىدى، ھەرىكىتى تېز بولغاچقا، چايقىغان سۇ گېلىدىن ئۆتۈپ ، قاتتىق يۆتىلىپ مەيدىسى چىڭقىلىپ ئاغرىدى، كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ چىقتى.
بىردەمدىن كېيىن، يۆتەلدىن توختاپ، قولىنى قول يۇيۇش تەكچىسىگە تىرەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇدى، تېخىچە ئاغرىۋاتقان ئاشقازىنىنى بېسىپ، ماغدۇرسىز ھالدا ھاجەتخانىدا ئولتۇردى.
جەسۇر زىبارەنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ كەينىگە بىر قەدەم داجىپ:
- مىدىرلىماڭ، مەن ھازىرلا تېلېفون بېرىپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىراي. - دېدى.
- ھاجىتى يوق. - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ، - مۇنداقلا يىقىلىپ چۈشتۈم، دوختۇر چاقىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى.
- ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، ناۋادا سۆڭەكتىن چاتاق چىقسا ئاۋارىچىلىك، - دېدى جەسۇر.
زىبارە كىرىسلۇنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
- قاراڭ، شۇنداق ياخشى، زىلالە بىلەن بىللە كىنو كۆرۈشكە كېلىشىپ قويغانغۇ، تېز بېرىڭ، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى! - دېدى.
جەسۇرنىڭ كۆزى ئۇنىڭ يارلانغان تىزىغا چۈشۈپ، سەل خىجىل بولدى.
قارشى تەرەپ ياخشى كۆڭلى بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، نەتىجىدە يىقىلىپ چۈشتى، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداقلا كېتىپ قالسا بولماس.
- ياق، مەن يەنىلا سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقاي، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئېنىق قىلىۋەتكەن ياخشى. - دېدى جەسۇر.
- بىراق، ناۋادا زىلالە ئاچام بىلىپ قېلىپ، سىزنى خاتا چۈشىنىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ - دېدى زىبارە.
- زىلالە ئۇنداق ئادەم ئەمەس. - دېدى جەسۇر بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ پەلتوسىنى ئېلىپ مۈرىسىگە يېپىنچاقلاپ، - يۈرۈڭ! - دېدى.
جەسۇر زىبارەنى يۆلەپ ماشىنىغا چىقاردى، ئاندىن ماشىنىنى ھەيدەپ داچىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.
زىبارە يول بويىدىكى زىلالەنىڭ ئۆيىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ:
- جەسۇر ئاكا، سىز يەنىلا زىلالەغا دەپ قويۇڭ، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارغا تەسىر يېتىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. - دېدى.
- ماقۇل، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي. - دېدى جەسۇر تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، زىبارە ئوڭ قولىنى سوزۇپ تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ:
- ھازىر زىلالە ئەمدىلا ئىشتىن چۈشۈپ، ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، تېلېفون قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقمامسىز؟ يەنىلا مەن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ قوياي، - دېدى.
زىبارە جەسۇرنىڭ يان تېلېفونىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، :
- زىلالە، مەن زىبارە، سەت بولدى، جەسۇر ئاكامنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇڭ. ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتۈم، جەسۇر ئاكام ئاۋارە بولۇپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان بولدى، ھەرگىز خاپا بولۇپ قالماڭ ھە! - دېدى ۋە يان تېلېفونىنى قۇلۇپلاپ جەسۇرغا قاراپ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ:
- ئەمدى خوتۇنىڭىزنىڭ كۈندەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! - دېدى.
جەسۇر كۈلۈپ قويۇپ، ماشىنىنى داچا رايونىنىڭ دەرۋازىسىدىن ھەيدەپ چىقتى.
ئۇ نەدىن بىلسۇن، زىبارەنىڭ بايىقى ئۇچۇرى زادىلا يوللانمىدى.
تېلېفوننى ئورۇندۇققا قويۇپ، زىبارە پەسكە قاراپ، سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
جەسۇر زىبارەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاۋۋال يارىسىنى بىر تەرەپ قىلدى، ئاندىن CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈپ، پەقەت تېرىسى ۋە گۆشىنىڭلا يارىلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ ئاخىرى ئۇھ دېدى.
دوختۇرخانىدىن چىقىپ، 2-ئايلانما يول بويىدىكى ئاشخانىدىن ئۆتكەندە، جەسۇر ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ:
- مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، سىزگە كەچلىك تاماق ئېلىپ چىقاي، - دېدى.
بۇ ئاشخانىنىڭ قورۇمىلىرىنى زىلالە ياخشى كۆرەتتى .
بۈگۈن كەچتە ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن كىنو كۆرۈشكە كېلىشىپ قويغان، لېكىن ئەمەلگە ئاشمىدى، ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىدىن ئالغاچ بارسا تولۇقلاپ بەرگىنى بولۇپ قالار.
ماشىنىدىن چۈشۈپ، تېز قەدەم بىلەن ئاشخانىغا كىردى.
قايتىپ كەلگەندە، قولىدا ئىككى چوڭ قەغەز خالتا بار ئىدى.
- مېنىڭچە، بۇلارنى ماڭا ئەمەس، زىلالەغا ئېلىپ ماڭدىڭىزغۇ دەيمەن، - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ.
- ئۇ بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. - دېدى جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، - ئەلۋەتتە، سىزگىمۇ بىر ئۈلۈش بار. - دېدى.
زىبارە كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
جەسۇر ماشىنىنى قايتىدىن قوزغىتىپ، ئۇنى داچىسىغا ئاپىرىپ قويدى.
- قايتىپ بېرىپ ئايالىڭىزغا ھەمراھ بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. - دېدى زىبارە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى كەچلىك تاماقنى ئېلىپ، ـ تېز بېرىڭ، ئۆزۈم قىلالايمەن. - دېدى.
- ماقۇل، ئەمىسە مەن قايتاي، ئەگەر بىرەر يېرىڭىز بىئارام بولسا، تېلېفون قىلىڭ. - دېدى جەسۇر قايتىدىن ماشىنىغا چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
زىلالە ئۈچۈن ئالاھىدە سېتىۋالغان كەچلىك تاماقنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانىغا كىردى، تاماقنى ئۈستەلگە قويۇپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ:
- خوتۇن، مەن قانداق ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئالغاچ كەلگەندىمەن... - دېدى.
ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئىنكاس قايتمىدى.
جەسۇر كارىدوردىن ئۆتۈپ چوڭ ياتاقنىڭ ئىشىكنى ئاچتى.
دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئىسكىرىپكىنى ئەستايىدىل سۈرتىۋاتقان زىلالەنى كۆرۈپ، ئىتتىك كېلىپ بېلىدىن قۇچاقلاپ:
- بىلىمەن، بۈگۈن ياخشى قىلمىدىم، ۋەدەمگە ۋاپا قىلىشىم كېرەك ئىدى، كەچۈرۈڭ. - دېدى.
زىلالە قولىدىكى ئىسكىرىپكىنى قويۇپ، جەسۇرنىڭ قولىنى ئىتتىرۋېتىپ:
- ھېچقىسى يوق. - دېدى.
جەسۇر يان تەرەپتىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىپ:
- خاپا بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- ياق،- دېدى.
- بىلىمەن، خوتۇنۇم ئۇنداق ئىچى تار ئەمەس. - دېدى جەسۇر يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، - يۈرۈڭ، سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىدىن ئالغاچ كەلدىم، پەسكە چۈشۈپ تاماق يەيلى، - دېدى.
زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى.
كۆز ئالدىدىكى چىراي، شۇنچىلىك تونۇش، ھەم شۇنداق ناتونۇش بىلىندى.
ئۇ ھەقىقەتەن ئەخمەق ئىكەن!
بىر قېتىم قەيسەرنىڭ دامىغا چۈشكىنى تېخى يېتەرلىك بولماپتۇ، جەسۇرغا مۇشۇنداقمۇ ئاسان ئىشىنىپ قالامدۇ؟!
مۇشتىمىنى چىڭ تۈگۈپ، يەنە بوشىتىپ، تىرىشىپ كۈلۈپ قويۇپ:
- بايا قورسىقىم ئېچىپ تاماق يەۋالدىم، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، بېرىپ مۇزىكا مەشىق قىلاي. - دېدى.
ئۈستەلدىكى ئىسكىرۇپكىنى ئېلىپ، بۇرۇلۇپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى.
- خوتۇن. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكىنى بايقاپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۈرىسىدىن تۇتۇپ، - چىرايىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى زىلالە يۈزىنى سىلاپ، پەسكە قاراپ، كۆزلىرىنى توسۇۋېلىپ، ـ بەلكىم يېقىندىن بۇيان ئالدىراش ئىشلەپ ھېرىپ قالغان ئوخشايمەن، - دېدى.
جەسۇرنىڭ ئىچى ئاغرىپ:
- بىلىمەن، ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ پۇشايمىنىنى تولۇقلاشنى ئويلايسىز، لېكىن سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم، بىلەمسىز؟ - دېدى.
- ھەئە. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - بۇنى بىلىمەن. - دېدى.
- بولمىسا مەن سىزگە بىر ئىستاكان شاكىلاتلىق سۈت پىشۇرۇپ بېرەيمۇ؟ - دېدى جەسۇر.
- كەچلىك تاماقنى بەك تويۇنۇپ يەۋاپتىمەن، بولدىلا. - دېدى زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىنى ئاستا ئىتتىرىپ، ئىسكىرىپكىنى مۈرىسىگە قويۇپ ئەستايىدىل چالدى.
ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن جەسۇرنىڭ ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقتىنى ئالمىدى.
ئۇ ئالدىنقى قېتىم مۇسابىقىدىن چېكىنىشنىڭ زىلالەنىڭ ھاياتىدىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇمۇ زىلالەنىڭ بۇ ئەپسۇسلىنىشنى تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مۇسابىقىنىڭ ئىشىدا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدۇ.
ھازىر، بىردىنبىر قىلالايدىغىنى ئۆمەرگە پايدىلىق ئىسپاتلارنى تېزدىن تېپىپ چىقىش.
پەسكە چۈشۈپ بىر ئىستاكان ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈت قاينىتىپ ئۈستەلگە قويۇپ، يەڭگىل ھالدا ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
ئارقىسىدىن كەلگەن ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان زىلالەنىڭ كامانچە تۇتقان بارماقلىرى يېنىك تىترەپ، بىر ئاۋازنى خاتا تارتىپ قويدى.
كۆڭلىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، كامانچىنى قايتىدىن تارىغا قويۇپ، بارلىق دىققىتىنى يىغىپ ئەستايىدىل مەشىق قىلىشقا باشلىدى.
ئەپسۇسكى، ئۇ ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، ھەرقانچە نىقابلانسىمۇ، كۆڭلىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازابنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.
ئىچى تىتىلداپ تۇرغان زىلالە دىققىتىنى يىغالماي، قايتا-قايتا خاتا چېلىپ، ئامالسىز ئىككى قولىنى چۈشۈردى.
لېۋىنى چىشلەپ، ئىسكىرىپكىنى ئۈستەلگە قويدى.
ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيدىن چىقتى.
ئالدىنقى قېتىم، خاتا چۈشىنىپ قالغان.
بۇ قېتىممۇ خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ؟
بەلكىم، جەسۇرنىڭ زىبارەنى ئىزدەپ بېرىشىدا باشقا سەۋەبى باردۇ؟
بۈگۈن كەچتە، چوقۇم ئېنىق سورىشى كېرەك.
ئۇنىڭ زىبارە بىلەن زادى قانداق ئىش بار؟
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar