كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
6 -قىسىم
6-قىسىم
بېلىمنى سۈندۇرۋېتەي دەمسىز؟
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، كۆپچىلىك داۋاملىق رېپېتىتسىيە قىلىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت بولدى.
مۇزىكا يېرىمىغا كەلگەندە، زىبارە تۇيۇقسىز قورسىقىنى تۇتۇپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
زىلالە، ئايگۈل قاتارلىقلار دەرھال كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:
- زىبارە، نېمە بولدى؟ - دەپ سوراشتى.
زىبارە بېشىنى ئارانلا كۆتۈرۈپ:
- ئاشقازىنىم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ، ھېچ نېمە بولمايدۇ! - دېدى.
- مۇشۇنداق ئاغرىۋاتسىمۇ، ھېچ نېمە بولمايدۇ دېگىنىڭىزنى قاراڭ، - دېدى زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، - ئايگۈل، ماڭا ياردەم قىلىڭ، ئىككىمىز دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى. - دېدى.
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، كونا كېسەل، دوختۇرخانىغا بارساممۇ پايدىسى يوق. - دېدى زىبارە زىلالەنىڭ بىلىكىنى ئىتتىرىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ، - سومكامدا دورا بار، بىر تال يەپ ئارام ئالساملا بولىدۇ . زىلالە، ئېلىپ بېرەلەمسىز. - دېدى.
- بولىدۇ. - زىلالە كەينىگە بۇرۇلۇپ، تام تۈۋىدىكى كىيىم جازىسىدىن زىبارەنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ، كىچىك ئۈستەلگە قويۇپ، سىيرىتمىنى ئاچتى.
ئاغزىنى ئېچىشىغىلا بىر مۇنچە سۈرەت كۆرۈندى.
سۈرەتتىكى جەسۇرنى كۆرۈپ، زىلالەنىڭ قولى توختاپ قالدى.
سۈرەتتە، جەسۇر چىملىقتا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، تىزىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىغا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قاراپ تۇراتتى.
زىبارە ئۇنىڭ كەينىدە مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ، يۈزىگە يانچە سۆيۈپ قويۇۋاتاتتى .
ئايگۈل ئىلمان سۇنى ئېلىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ:
- زىلالە، دورىنى تاپتىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زىلالە سۈرەتنى قويۇپ، تەپسىلىي ئاختۇرۇپ، سۈرەتلەرنىڭ كەينىدىن دورا قۇتىسىنى تاپتى.
- تاپتىم! - دېدى زىلالە دورا قۇتىسىنى ئېلىپ، بۇرۇلۇپ زىبارەنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
زىبارە دورا قۇتىسىدىن بىر تال دورىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ، كۈچەپ يۇتۇۋېتىپ، كۆپچىلىككە مىننەتدارلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ:
- كۆپچىلىككە رەھمەت، بەك سەت بولدى، دائىم كۆپچىلىككە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىمەن. - دېدى.
زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ:
- چىرايىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي! - دېدى.
- ھاجىتى يوق. - زىبارە قورسىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ـ ھاجىتى يوق، ۋاقىت بەك قىس، سىلەر داۋاملىق مەشىق قىلىڭلار، ئۆزۈم تاكسى توسۇپ قايتسام بولىدۇ. - دېدى.
زىلالە پات ئارىدا يىراق ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ بىر نەچچە كۈندە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپچىلىكنى رەپىتىس قىلدۇرۇشى كېرەك، ۋاقىت ھەقىقەتەن قىس.
- سىزنى ئۇزۇتۇپ قويايلى. - دېدى زىلالە بىلەن ئايگۈل ئوڭ-سول بىلىكىنى تۇتۇپ، مۇزىكا ئەترىتىدىن يۆلەپ ئېلىپ چىقتى.
ئايگۈل تاكسىنى توسۇپ، ئارقا ئىشىكنى ئاچتى.
زىلالە ئېھتىيات بىلەن ئۇنى يۆلەپ ئارقا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، يەنە تېخى ئەسكەرتىپ:
- بىئارام بولسىڭىز تېلېفون قىلىڭ، - دېيىشىنى ئۇنتۇمىدى.
- ماقۇل، سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم. - دېدى زىبارە ئاشقازىنىنى بېسىپ، بېلىنى ئېگىپ، ئىككىيلەنگە قول پۇلاڭلاتتى.
تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى قوزغاتتى، زىبارە كەينىگە ئېڭىشىپ، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىكى زىلالەغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ جەسۇرغا تېلېفون قىلدى.
تېلېفوندا جەسۇرنىڭ تەلەپپۇزى سەل تاقەتسىزلەنگەندەك چىقتى:
- زىبارە، تۈنۈگۈن سىزگە ئېنىق دېگەنتىم. - دېدى.
- جەسۇر ئاكا، خاتا چۈشەنمەڭ، مەن ئۇ ئىش ئۈچۈن تېلېفون قىلمىدىم... - دېدى زىبارە تەمكىن تەلەپپۇزدا، - بۈگۈن، قەيسەر مۇزىكا ئەترىتىگە كەلدى. - دېدى.
- نېمە؟ - دېدى جەسۇر بىردىنلا جىددىيلىشىپ، - نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- قەيسەر زىلالەغا تەھدىت سېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ، يەنە ئۆمەر ئاكىنىڭ ئىشىنى تىلغا ئالدى، كېيىن زىلالە ئۇنى قوغلىۋەتتى، بايا ئاشقازىنىم ئاغرىپ مۇزىكا ئۆمىكىدىن چىقتىم، يول بويىدىن بىر پارچە ماتېرىيال تېپىۋالدىم، قارىماققا بىر نەرسە يېزىلغاندەك... ھە ، مال بىلەن تەمىنلىنگۈچى سودىگەرلەر تىزىملىكى، سىزنىڭچە پايدىسى بارمۇ؟ - دېدى زىبارە.
جەسۇر ئۇنىڭ قولىدا ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بارلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھاللا :
- قەيسەر چۈشۈرۈپ قويغان ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
- مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئۈستىگە نېمە يېزىلغانلىقىغا قاراپ باقاي... تيەننىڭ ياتاق بىناسى .... - دېدى زىبارە.
- سىز قەيەردە، ھازىرلا بارىمەن. - دېدى جەسۇر.
ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جەسۇر ئازراقمۇ بوشاڭلىق قېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
- ئۆيگە كېلەي دەپ قالدىم، ئۇدۇل ئۆيگە كېلىپ مېنى ئىزدەڭ، - دېدى زىبارە
- بولىدۇ، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى. - دېدى جەسۇر.
تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، زىبارە مەنىلىك كۈلۈپ قويدى.
تاكسى داچا رايونىغا كىردى، زىبارە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، بىر مۈرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان پوپايكىسىنى كىيدى.
بىلىكىدىكى سائەتكە قارىدى، ئاندىن تېلېفوننى ئېلىپ زىلالەغا تېلېفون قىلىپ:
- زىلالە، بايا سومكامنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، قايتىپ كەلگەندە ئالغاچ كەلسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى.
- چاتاق يوق، ھازىرلا ئىشتىن چۈشىمەن، سەل تۇرۇپ ئاپىرىپ بېرەي. - دېدى زىلالە.
- رەھمەت سىزگە. - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
زىلالە كەينىگە ئۆرۈلۈپ زىبارەنىڭ سومكىسىغا بار تەرەپكە قارىدى.
كىيىم ئاسقۇچنىڭ يېنىغا كەلگەندە، زىبارە ئۇنتۇپ قالغان سومكىنى ئېلىپ، مۇزىكا ئۆمىكىدىن چىقتى.
ماشىنىغا چىققاندا، زىلالە بىر نەچچە قېتىم ئىككىلىنىپ قالدى.
ئاخىر قىزىقىشىنى باسالماي، زىبارەنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ، ھېلىقى سۈرەتلەرنى چىقاردى.
مېھمانخانىدا، جەسۇر پىيانىنو چالسا، زىبارە ئىسكىرۇپكا چالغان...
سەيلە كېمىسىدە، ئىككىيلەن بىللە تۇتقان چوڭ بېلىقنى كۆتۈرۋالغان...
چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، زىبارە يۈزىنى يانغا قىلىپ، قولىدىكى كاۋاپنى چىشلىگەن ...
بۇلارنىڭ ھەممىسى زىبارە بىلەن جەسۇرنىڭ سۈرىتى ئىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ سۈرەتلەردە بەك يېقىنچىلىق قىلغان كۆرۈنۈشلەر يوق.
زىلالە سۈرەتلەرنى قايتىدىن رەتلەپ، سومكىغا سېلىپ، بېشىنى يېنىك چايقىدى.
جەسۇر بىلەن ئەكبەر ئاكا-سىڭىللارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بار، بۇلار ھېچقانچە ئىش ئەمەس.
كۆپ ئويلىماسلىقى، جەسۇرغا ئىشىنىشى كېرەك.
زىلالە سومكىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا قويۇپ، ماشىنىنى قايتا قوزغاتتى.
زىبارە تېلېفوننى ئۈستەلگە قويۇپ، كۇتۇپخانىغا كىردى.
توردىن خالىغانچە مال كىرگۈزۈش تىزىملىكىنى تېپىپ، ئىسمىنى تيەننىڭ گۇرۇھىنىڭ ماتېرىيالىغا ئۆزگەرتىپ، پىرىنتېردا بېسىپ چىقىرىپ، رەتلەپ توپلام قىلىپ تۈپلىدى.
بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندا، جەسۇرنىڭ ماشىنىسى داچا سىرتىدا توختىدى.
زىبارە پەسكە چۈشۈپ ئىشىكنى ئېچىپ:
- ماتېرىيال ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاكامنىڭ كۇتۇپخانىسىدا، بىللە چىقىپ كۆرۈپ باقايلى، - دېدى.
جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئەكبەرنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كەلدى.
زىبارە ئۈستەلدىكى ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپ:
- مۇشۇلار ، قاراپ بېقىڭە، پايدىسى بارمۇ؟ - دېدى .
جەسۇر ماتېرىيالنى ئېلىپ، ئەستايىدىل كۆرۈپ:
- كونكرېت پايدىسى بارمۇ-يوق، تەكشۈرۈپ باقاي، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قېتىم سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. - دېدى.
- بۇنداق تۈزۈت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. - دېدى زىبارە كۈلۈمسىرەپ، - تۈنۈگۈن دېگەن گەپلىرىڭىزنى تەپسىلىي ئويلاپ چىقتىم، بۇ يىللاردا ئاكام ئىككىڭلارغا تايىنىۋېلىپ، شەخسىيەتچىلىك قىپتىمەن، جەسۇر ئاكا، كەچۈرۈڭ! - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ، تەلەپپۇزىمۇ تەبىئىيلا مۇلايىملىشىپ:
- ئۇ ئىشقا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ، سىز ناھايىتى مۇنەۋۋەر قىز، كېيىن چوقۇم سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىسىز. - دېدى.
زىبارە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- ئەگەر ئۇ سىزنىڭ يېرىمىڭىزچىلىك ياخشى بولسا، رازى بولاتتىم. - دېدى.
جەسۇرمۇ ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەنلىكىدىن خۇش بولۇپ:
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ چوقۇم مەندىن ياخشى. - دېدى.
زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قارىدى.
بۇ يەردىن ئولتۇراق رايوننىڭ ماشىنا يولىنى كۆرگىلى بولاتتى.
زىلالە ئۆزىنىڭ داچىسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىغا كىرىپ كەتتى.
ئۇنىڭ پات ئارىدا بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن زىبارە كۈلۈپ قويۇپ:
- مەنمۇ زىلالە ئىككىڭلارنىڭ ئۆمرۈڭلارنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ياشاپ، بالدۇرراق پەرزەنتلىك بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى.
- رەھمەت. - دېدى جەسۇر كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، - ئەمىسە مەن قايتىپ، ماتېرىيالدىكى مەزمۇنلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقاي. - دېدى.
- بولىدۇ، سىزنى ئۇزىتىپ قوياي! - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى كۇتۇپخانىدىن ئېلىپ چىقتى، پەلەمپەيگە كەلگەندە، قەستەن قۇرۇق يەرگە دەسسەپ، بەدىنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، قاتتىق يىقىلىپ، پەلەمپەينىڭ دوقمۇشىغىچە دومىلاپ باردى.
- زىبارە! - جەسۇر چۆچۈپ كېتىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن يۆلەپ،- قانداقراق تۇرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- تىزىم... ئاغرىپ كەتتى! - دېدى زىبارە قاپىقىنى تۈرۈپ، يوپكىسىنى تارتىپ.
ئۇنىڭ پۇتىدىكى يارلانغان جاينى كۆرگەن جەسۇر گۇمانلىنىشقا ئۈلگۈرمەي، ئېڭىشىپ كۆتۈرۈپ مېھمانخانىدىكى كىرېسلوغا ئېلىپ كېلىپ:
- بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، چاپىنىڭىزنى كەيدۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىراي. - دېدى.
زىبارە پولنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىدىن پەلەمپەيگە چىققان زىلالەنى كۆردى.
جەسۇرنىڭ زىلالەنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قولىنى سوزۇپ بوينىدىن قۇچاقلىۋېلىپ:
- جەسۇر ئاكا، قىمىرلىماڭ! - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ بىرەر سۆڭىكىنىڭ زەخىملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە مىدىر-سىدىر قىلماي:
- نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە جەسۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختىتىپ، بېشىنى كۆتۈردى.
مېھمانخانىنىڭ بىر تەرىپىدىكى دېرىزە ئارقىلىق، جەسۇر بىلەن زىبارەنى ئېنىق كۆردى.
زىبارە كىرىسلۇدا ئولتۇرغان، جەسۇر ئېڭىشىپ ئۇنى قۇچاقلىغان، زىبارەنىڭ بىلىكى ئۇنىڭ بوينىغا يۆگەشكەن، پوپايكىسىنىڭ بىر مۈرىسى سىيرىلىپ چۈشۈپ، مۈرىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆرۈنۈپ قالغان، جەسۇرنىڭ يۈزى ئۇنىڭ بوينىغا قويۇلغان... بۇ قىياپەت، سىرلىق ھەم يېقىنچىلىقنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
زىبارە پەلەمپەيدە قېتىپ تۇرۇپ قالغان زىلالەغا بىر قاراپ قويۇپ، زورىغا كۈلۈپ:
- تازىمۇبىر، جەسۇر ئاكا... ئۇنچە كۈچەپ نېمە قىلىسىز، بېلىمنى سۇندۇرۇۋېتەي دېدىڭىزمۇ! - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar