كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
47 | 46 | 45 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
48-قىسىم
48-قىسىم
نېمىشقا يوشۇردۇڭ
يىغىن تەشكىلىگۈچى تەرەپ ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا، دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
لېكىن ئوڭ-سول تەرەپتىكى ئىككىنچى ئورۇننىڭ ئىككىلىسى بىكار قىلىندى.
بوۋاينىڭ چىرايىنىڭ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەزىمەت پەس ئاۋازدا كۈلۈپ قويۇپ:
- ھازىر ئورۇن بىردەك كەينىگە چېكىنسە، بىردەمدىن كېيىن دىلارە خانقىز بىلەن ئىليارغا ئورۇن قالامدۇ؟ - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بوۋاينىڭ سۈرلۈك چىرايى سەل-پەل ئېچىلىپ:
- بۇنداق بولسا تېخى ياخشى، ئۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، يەنە ھېلىقى ئايالمۇ بار، بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا، ھەرقانچە يامان بولسىمۇ يەنە قانداق قىلالايتتى؟! - دېدى.
ئەزىمەت كۈلۈپ قويدى.
ھەممە ئادەم ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىرزات، ئىلزات ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىردى.
ئورۇنى تەبىئىي ھالدا مەركەزدىكى ئورۇنلاردا بولدى.
ئىليار، دىلارە ۋە نەۋقىران ئەڭ ئاخىرىدا كىردى.
بەلكىم ئۇلار دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئوڭايسىز ئەھۋالنى سەزگەن بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىك باشقىچە قىياپەتتە ئۇلارغا قاراپ تۇرۇشتى.
ئەمما ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى مەنىلىك، تەمكىن ۋە سالماق ئىدى.
بوۋاي ئۇلارغا سوغۇق نەزەردە قارىدى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى بۇ چاغدا ئاساسلىق ئورۇندا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- خوش، سىلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقانلىقىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن بۇ يەردە ئولتۇرغان مەشھۇر كارخانىچىلارنى ئەڭ سەمىمىيىتىم بىلەن قارشى ئالىمەن ۋە سىلەردىن مىننەتدارمەن... - دېدى.
پۈتۈن يىغىن زالىدا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئەمما كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى بۇ چاغدا تېخى ئولتۇرمىغان ئۈچەيلەنگە چۈشتى.
ئىليار سۈكۈتتە تۇرۇپ دىلارەنى سول تەرەپتىكى ئىككىنچى ئورۇنغا ئېلىپ كېلىپ، ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.
بوۋاينىڭ چىرايى بىردىنلا قارىداپ ئېغىز ئېچىپ بىر نېمە دېمەكچى بولدى، ئەمما گەپنى ئۇدۇللا يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىگە قارىتىپ :
- ئەپەندى، ئورۇن خاتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ - دەپ سورىدى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىنىڭ چىرايى سەل قېتىپ قالدى، ئۇ بۇرۇلۇپ بىر چەتتە تۇرغان نەۋقىرانغا قارىدى.
نەۋقىران گەپ قىلمىدى، پەقەت سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ ھېچقىسى يوق دەپ ئىشارەت قىلدى.
كۆپچىلىكمۇ بىر پەس پىچىرلاشتى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇننى نەۋقىران ئەپەندى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان، مەنمۇ رەت قىلالمىدىم، پېشقەدەم باش مۇدىر سەت بولدى، - دېدى.
بوۋاي قوشۇمىسىنى چىڭ تۈردى، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى دەرھال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- بۇ يىل مەن ئارتۇق گەپ قىلماي، ھازىر <مىڭلەن> گۇرۇھىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسئۇلىنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن، ئۇنىڭ كارخانىنىڭ تىجارىتى ۋە كەلگۈسى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! كۆپچىلىكنىڭ قانداق سوئالى بولسا،پەقەت ئىجتىمائىي ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتكە ئائىت مەسىلىلەردىن چىقىپ كەتمىسىلا، كەڭ-كۇشادە سورىساڭلار بولىدۇ! - دېدى.
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا چاۋاك چالدى، يىغىن زالىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەگىشىپ چاۋاك چالدى.
ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى نەۋقىرانغا چۈشتى...
نەۋقىراننىڭ ئۈن-تىنسىز ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىنچى ئورۇنغا كېلىپ، تەمكىن ھالدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپلا قالدى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئاستا-ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى، ھەممىسى ئالدىدىكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا گۇمان بىلەن قارىدى.
شۇ تاپتا، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىدىن باشقا، ئولتۇرمىغان بىرلا ئادەم قالدى.
ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلدى، ئەزىمەت تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ھېس قالغاندەك بولۇپ، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئىككى قولىنى چىڭ سىقتى.
ئەمما بوۋاي سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ:
- نېمىدېگەن سەتچىلىك بۇ ... - دېدى.
لېكىن، ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا، سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى بوشىتىپ بەرگەن ئاساسىي ئورۇننى كۆردى، ھازىر بۇ ئورنىدا ئىليار تۇراتتى ...
كۆپچىلىك گاڭگىراپلا قالماي، ئەمدىلىكتە ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپ قالدى.
ئۇلارنىڭ قەلبىدە دادىل پەرەز پەيدا بولدى.
لېكىن، يەنىلا ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
ئەگەر راستتىنلا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولسا، ئۇنداقتا بوۋاي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن قوغلاپ چىقارغان، يەنە تېخى بايا سىرتتا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ مەسخىرە قىلغان. ئاقپېشماق، يېشىل پوسما كىيىپ قالغان دەپ مازاق قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەۋقىران ئەپەندىدىن كەچۈرۈم سوراتقۇزماقچى بولغان ئىليار راستتىنلا ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرىدىغان ئادەممۇ؟...
بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر...
كىم بۇ ئىمكانىيەتنى ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان، ئاياللارغا بېقىنىپ ياشايدىغان بۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويالايدۇ؟
ياكى بولمىسا... بوۋاي راستتىنلا نەۋرىسىنىڭ باشقا سالاھىيىتى بارلىقىنىمۇ بىلمەمدۇ؟
كۆپچىلىك سول تەرەپتىكى ئىككىنچى ئورۇنغا قاراپ، دەرۋەقە بوۋاينىڭ چىرايىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس تارتىشىپ قالغانلىقىنى، ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان ئىليارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى، چىرايىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە قارىداپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
بوۋاي ئىليارغا بىر ھازا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا-ئاستا نەزىرىنى ئۇدۇلدىكى نەۋقىرانغا قارىتىپ:
- نەۋقىران ئەپەندى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ سىزمۇ خاتا ئورۇندا ئولتۇرۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ - دېدى.
نەۋقىران سۇس كۈلۈمسىرەپ، بوۋايغا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلىپ:
- چاقچاق قىلىۋاتامسىز، مەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالىغان ئىكەنمەن، ئۆزۈمنىڭ ئورنىنىمۇ تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەخمەقلىق قىلىشىم مۇمكىن ئەمەسقۇ. - دېدى.
بوۋاينىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ھاسا تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى.
ئۇ يەنە بىر قېتىم قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا:
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
نەۋقىران كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى، ئەمما بوۋاينىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.
نەتىجىسىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقىغۇ بۇ.
ئۇنىڭ بۇ بىھۇدە مەسىلىدە تالىشىشىپ ئولتۇرىشىنىڭ نېمە ھاجىتى.
بوۋاي بىلەن نەۋقىراننىڭ بۇ سۆھبىتى پۈتكۈل يىغىن زالىنى جىمجىتلىققا چۆمدۈردى.
بۇ گەپچە...
كۆپچىلىك يەنە بىر قېتىم نەزىرىنى ئاساسىي ئورۇنغا يۆتكەپ، روھىي ھالىتىدە بىر نەچچە قېتىم ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ، ئاندىن ئىليارغا تىكىلىپ قارىدى.
ئەينى چاغدىكى ئاقپېشماق دەپ قارالغان چاغدىكى روھىي ھالىتى قەيەرگە يوقالدى؟ نېمىدېگەن قامەتلىك، كەم كۈتىسىز ھە.
ئېنىقلا ئوخشاش بىر ئادەم، لېكىن كۆڭلىدىكى قارشى پىكىر يوقالغاندىن كېيىن، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ، بەرگەن تەسىراتىدا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى.
كۆپچىلىك شۇ تاپتا يەنىلا ھەيران قېلىشتى، پەقەت بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى بەك چوڭ بولغاچقا، بىر مەھەلگىچە ئىنكاس قايتۇرالمىدى.
بۈگۈن كەچ قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان، پۈتۈنلەي كۆزگە ئىلىنمىغان ئەرنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئالاھىدە سالاھىيىتى باركەن؟!...
ئۇلار ئىليارنىڭ ئاساسىي ئورۇندا سەل-پەل ئېگىلىپ، ئاستا ئولتۇرۇشىغا قاراپ تۇردى.
چىرايى يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىپ كېتىشتى.
بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، ئۇ ئەرنىڭ پەس، ئەمما سوغۇق ئاۋازىنىڭ ئاستا-ئاستا ياڭرىغانلىقىنى، ئالدىدىكى مىكروفون ئارقىلىق غايەت زور يىغىن زالىغا تارقالغانلىقىنى ئاڭلىدى.
- مەن ئىليار، <مىڭلەن> گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى. - دېدى ئىليار.
گەرچە بۇرۇنلا پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، كۆپچىلىك يەنىلا ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى.
راستتىنلا شۇكەن...
ئەڭ يۇقىرى مەسئۇل كىشىلا ئەمەس، ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ئىكەن.
بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانا خوجايىنى دەرۋەققە ئوتتۇز ياشىنىڭ قارىسسىنىمۇ ئالمىغان ياش بالىكەن...
بوۋايمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئىليارغا تىكىلىپ قاراپ، لەۋلىرى توختىماي تىترەپ:
- سەن.... نېمە دېدىڭ؟ - دېدى.
ئىليار ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ قويۇپ:
- كەچۈرۈڭ، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇم، مەن بوشى گۇرۇھىدىن ئايرىلسام ھېچنېمە ھېسابلانمايدىغان ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى بېقىش ئىقتىدارىم بار. - دېدى.
ئۆزىنى بېقىش ئىقتىدارى؟
بوۋاينىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ:
- سەن مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئاندىن بېشىنى چايقاپ:
- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ سەن نېمەڭ بىلەن بۇنداق چوڭ بىر گۇرۇھنى قۇرالايسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا بىر سەكرەپلا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن شىركەتنى قۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس! ئالدىمدا ھەيۋە كۆرسەتمەكچى بولساڭمۇ، ئىشنىڭ ھەقىقىي لوگىكىسىغىمۇ دىققەت قىلىشىڭ كېرەك... نەۋقىران ئەپەندى بىلەن بۇنداق ئويۇن ئويناپ، كېيىن ئىش ئاشكارىلىنىپ قالسا، تېخىمۇ سەت بولىدۇ... - دېدى.
نەۋقىران بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، بەخىرامان ھالدا بوۋايغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ :
- پېشقەدەم باش مۇدىرنىڭ شۇنچە ئەھمىيەت بەرگىنىگە رەھمەت، بىراق، مەن بىزنىڭ ئىليار باش مۇدىر بىلەن ياش جەھەتتە ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيمەن، سىز مېنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ، نەۋرىڭىزگە ئىشەنمەمسىز؟ بۇ قانداق روھىي ھالەت؟ مېنىڭچە بىزنىڭ ئىليار باش مۇدىرنىڭ ئىقتىدارى سىزگە ئەڭ تونۇشقۇ دەيمەن؟ - دېدى.
بوۋاينىڭ قولىدىكى ھاسا يىغىن ئۈستىلىگە ئۇرۇلۇپ، دۇڭ-دۇڭ قىلغان ئاۋاز چىقاردى.
ئۇنىڭ كۆزلىرى ساڭگىلاپ، چىرايى ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىدى.
بىر ھازادىن كېيىن، تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، مەسخىرىلىك ھالدا :
- ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ... - دېدى.
ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ئىش بولدى.
ئەسلىدە باشتىن-ئاخىر كۈلكىلىك ئىش قىلغان ئادەم ئۇ ئىكەن.
ئىليارنىڭ ئەينى چاغدا قىلچە ئىككىلەنمەستىن بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن ۋاز كېچىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ قولىدا تېخىمۇ چوڭ فىشكا باركەن.
بوۋاي ئۆمۈر بويى بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىليارنى نادان دەپ قاراپ كەلگەن.
ھەممىلا يەردە بوشى گۇرۇھى بىلەن ئىليارغا زەربە بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرۇپ قايمۇقتۇرماقچى بولسىمۇ، لېكىن ئىليار قەتئىي خالىمىدى، بوۋاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسە نەۋرىسىنىڭ نەزىرىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.
بوۋاي ھەتتا بىر ئايالغىمۇ تەڭ كېلەلمىدى...
بوۋاينىڭ شۇ چاغدىكى خىياللىرى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار كاللىسىدا ئاستا-ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى.
دەسلەپتە ئۇ بۇ نەۋرىسىنىڭ قانچىلىك ئەخمەق، قانچىلىك كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا، ھازىر ئۆزىنى شۇنچىلىك ئەخمەق، كۈلكىلىك ھېس قىلدى.
ئەڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنى ئۆزى بولدى.
ئەمەلىيەتتە نەق مەيداندىكى ھەممە ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى بوۋاينىڭكى بىلەن پەرقلەنمەيتتى.
بوۋاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قاتار ئىشلىرى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان، ئۇلار دىققەت قىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئومۇمىي ئەھۋالنى بىلىشتىن خالىي بولالمىدى.
ئەزەلدىن بوشى مالىيە گۇرۇھىنى ئۈستۈن كۆرۈپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇلارنىڭ بايلىق ھوقۇقىغا تايىنىپ، ئىليار بىلەن دىلارەنى نەچچە قېتىم مەسخىرە قىلغانلىقى ئۆزلىرىگە ئايان.
باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن بوۋاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىليار بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئىليارنى بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرلىق ئورنى ۋە سالاھىيىتى بىلەن مەسخىرە قىلىپ ھاقارەتلىدى.
ھازىر ئويلاپ باقسا، ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ئىش قىپتۇ.
شۇ تاپتا ئەزىمەتنىڭ چىرايىمۇ باشقىچە سەتلىشىپ كەتتى.
مانا ئەمدى ئۇ بوشى گۇرۇھىنىڭ نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ھەممىلا يەردە مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ، چوڭ-كىچىك ئىشلار كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، گۇرۇھنىڭ ئىقتىسادىنى ئاز-ئازدىن خورىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىر چۈشەندى.
بوشى گۇرۇھىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يوقىتىش دېگەن بۇ گەپ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەسكەن.
دۈشمەنگە بەك سەل قاراپ قاپتۇ.
بىراق، بوشى گۇرۇھىنىڭ مۇشۇنداق كۈچلۈك رەقىبى بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدىن ئىليارنىڭ بۇ گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى بوپقالغانلىقى قىزىق.
نېمە دېگەن كۈلكىلىك ...
دەسلەپتە بوۋاي غايەت زور بوشى گۇرۇھىنى ئەزىمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالىمىغان، كېيىن يەنە ئىليارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئەزىمەت پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئاران دېگەندە گۇرۇھنى قولىغا ئالغاندا، ئىليارنىڭ كۆزگە ئىلماي تاشلىۋەتكەن نەرسىسىنى تىرىۋالغان بولۇپ قالغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
ھەقىقەتەن كۈلكىلىك...
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar