پەلەستىن ۋەكىلى: ئىسرائىلىيەنى قانداق توسۇماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟

文摘   2024-07-31 23:40   新疆  

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىسى مەنسۇر 17-ئىيۇل خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدىغان «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» نى قوللاش پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشى. پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئورتاق تونۇش باشقا ھەرقانداق خەلقئارا قارالمىدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما بىر يىگانە ئەسەبىي ھۆكۈمەت بۇنداق خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى يەنىلا رەت قىلدى ھەمدە قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا مەسئۇل ھەر بىر ئورگانغا ھۇجۇم قىلدى. مەنسۇر يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي يوقىتىش ئۇرۇشىنى داۋاملىق قوزغىشىنى قانداق قىلىپ توسۇماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ دەپ سورىغۇم بار، دېدى.

pasibann
你好。欢迎
 最新文章