ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى رەزىللىكنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك

文摘   2024-07-31 23:40   新疆  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا ئەگەر كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى رەزىللىكىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، يېقىندا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ئالاقىدار جۇڭگو ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

لىن جيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قەستەن ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ئەمەلدارلىرىغا قالايمىقان ۋىزا چەكلىمىسى قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن بۇ ھەقتە كەسكىن سۆزلىشىدۇ. قايتۇرما جازا سۈپىتىدە جۇڭگومۇ قانۇن بويىچە جۇڭگوغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگوغا جازا قوللانغان، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قوللىنىدۇ.

لىن جيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن قۇسۇر تاپىدىغان، كەلسە-كەلمەس بىلجىرلايدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى يوق. خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خالىغانچە نەيرەڭۋازلىق قىلىش مەسىلىسىنى بۇرۇنلا ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ، قاتتىق نەپرەتلەندى. ئامېرىكا ئەگەر كىشىلىك ھوقۇققا راستتىنلا كۆڭۈل بۆلسە، «قوش ئۆلچەم»نى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەينەككە قاراپ، ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رەزىللىكلىرىنى كۆرۈپ بېقىشى، دۆلەت ئىچىدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى، ھە دېسىلا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، جازالاش كالتىكىنى پۇلاڭلاتماسلىقى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



pasibann
你好。欢迎
 最新文章