كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
44-قىسىم
45-قىسىم
يۆلەنچۈك
- ياخشى ئويلىشىمەن؟ - دېدى بوۋاي ئىليارغا يانتۇ قاراپ قويۇپ، - سىزنىڭ ئويلىنىش پۇرسىتىڭىز بارمۇ؟ نەق مەيداندىكى بارلىق كارخانىچىلاردىن سوراپ بېقىڭ، كىم سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ؟ - دېدى.
ئىليارنىڭ قاش-كۆزلىرى قاپقاراڭغۇ تۇمان ئىچىدە قالغان بولۇپ، بوۋايغا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرۇپ:
- قارىغاندا سىز مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندەك قىلىسىز. - دېدى.
بوۋاي كۈلۈپ قويۇپ:
- كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئويلاپ باق، ئۇ بۈگۈنكى بۇ سورۇندا قانچىلىك ئادەمتى، بىر سەن ئۇنى گۆھەر دەپ قارايسەن! ئۇنىڭ كىچىككىنە كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشامدۇ؟ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ قالغىنى ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
دىلارە بۇ چاغدا بوشقىنە كۈلۈپ قويۇپ، مۈرىسىنى ئىليارنىڭ قۇچىقىغا يۆلەپ :
- ئۆزۈمنى چوڭ چاغلاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشىنى سۆزلەشكەندە، مېنىڭ خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىمغا قاراش كېرەك. راست گەپنى قىلسام، بەزى ئادەملەرنىڭ مەن بىلەن ھەمكارلاشقۇدەك سالاھىيىتى يوق. - دېدى دىلارە.
بوۋاينىڭ يۈز مۇسكۇللىرى تىترەپ:
- نادان، ھاكاۋۇر تەلۋە! - دېدى.
دىلارە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ:
- ئۇنىڭغىمۇ تەلۋىلەرچە دەسمايە بولمىسا بولمايدۇ. مەن ئەلۋەتتە ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىمەن، سىز ئۆزىڭىزنى ئۈستۈن چاغلاپ يۈرگىنىڭىز بىلەن، لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە، سىلەرنىڭ مەن بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆزلىشىش سالاھىيىتىڭلار يوق. ھېچ بولمىغاندا مەن خالىمايمەن! - دېدى.
بوۋاينىڭ چىراي بىردىنلا سۈرلۈك تۈسكە كىردى، چىرايىدىكى غەزەپلىك كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قويۇقلاشتى.
ئەمما دىلارە تەۋرەپمۇ قويمىدى، چىرايىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇتۇلۇپ كەتتى .
- كىچىككىنە بىر بوشى گۇرۇھىنىڭ بۇ يەردە ئۆز كۆچىنى نايامان قىلىپ كېتىشى پەقەت كۆپچىلىكنىڭ سىزنى ئەخلاق ۋە ساپا جەھەتتىن ھۆرمەتلەشنى پەيدا قىلالايدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىڭىزدىن بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر راستتىنلا ئىنچىكە ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، سىز ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىڭىزمۇ پەقەت ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىسىز خالاس... - دېدى دىلارە.
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشتى.
پەقەت ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىسىز خالاس؟؟؟؟
نېمانچە چوڭ گەپ قىلىدۇ.
بۇ گەپلەر دەل بوۋاينىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسىغا تەگدى.
ئىككىنچى، ئىككىنچى ئورۇندا...
بوۋاينىڭ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئەزىمەت شۇ تاپتا ئالدىراپ ئالدىغا بېرىپ، ئەستايىدىل قىياپەتتە :
- دىلارە خانقىز، مەن يەنىلا سىزنىڭ چوڭلارنىڭ ئالدىدا كىچىكلەرگە ئوخشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، گەرچە دادام ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئىليارنىڭ ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. سىز شۇنچە ھۆرمەتسىز قىلىپ، كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ - دېدى.
- ئىككىنچى تاغا، كىچىكلەر كىچىكلىكىمىزنى قىلىۋاتىمىز، چوڭلارمۇ تەبىئىيلا چوڭلارغا ئوخشىشى كېرەك، ئۆزى قىلالمىغان ئىشنى باشقىلارغا تاڭماسلىق كېرەك، ھۆرمەت قىلىش ئۆز-ئارا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەگەر بوۋاي ھەيۋە قىلمىغان بولسا، بۈگۈن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئۇ يىغىنىغا قاتناشقىلى كېلىپلا، مېنىڭ يىغىنىدا پەيدا بولۇشقا يول قويمامدىكەن. بۇنىڭ قانداق دەۋلى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، - دېدى دىلارە.
ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈردى،
- ئۇنىڭغا قۇرۇق گەپنى ئاز قىل، ئەمدىلا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان كىچىك كارخانا، مېنىڭ بوشى مالىيە گۇرۇھىمنى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ مازاق قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ يۇمۇر بولدى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئەخمىقانە گەپ قىلغىنىمۇ بىلمەيدىكەن! - دېدى بوۋاي.
دىلارە سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئۆزىمىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىمىز ئۆزىمىزگە ئايان.ئەلۋتتە مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە... - دېدى دىلارە.
كۆپچىلىك بىر ھازاغىچە گەپ قىلماي، ئىچىدە < يەنە بارمۇ؟ ! > دەپ ئويلىدى.
- ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىر سىزگە يېتەلمىسەممۇ، لېكىن مېنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان ۋاقتىم يەنىلا ناھايىتى كۆپ.ئادەم يىراقنى كۆزلەش كېرەك، ھازىرغۇ مېنى تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمىدىڭىز، لېكىن ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارغا يەتمەيسىزغۇ؟ مېنىڭ شىركىتىم ھازىرچە كىچىك، لېكىن مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار، ھامان بىر كۈنى سىزدىن كۈچلۈك بولالايمەن. - دېدى دىلارە.
بوۋاي كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە، مەزمۇت تۇرالماي قالغىلى تاس قالدى.
- سىز...سىزنىڭ يۆلەنچۈكىڭىز ..
بىلىمەن ... رەنا خانىم ...- دېدى بوۋاي .
- مۇمام ئەلۋەتتە مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە، مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم مومام ئەمەس! قانداق دېسەم ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز، سىزنى بېسىپ تۇرغان مىڭلەن گۇرۇھىنى تارتىپ چىقمىسام، قەلبىمىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان چىگىلىپ قالغان چۈشكۈنلۈكنى پەسەيتىشكە يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ! - دېدى دىلارە.
- دېمەكچى بولغىنىڭىز ... سىزنىڭ يۆلەنچۈكىڭىز مىڭلەن گۇرۇھىمۇ؟ - دېدى بوۋاي.
دىلارە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىليارنىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ، قولىنى سوزۇپ ئىليارنىڭ ياقىسىنى سىلاپ قويۇپ، تەمكىنلىك بىلەن :
- بولمىسا، مەن بۇ يەردە سىز بىلەن شۇنچە ئۇزۇن گەپ تالىشىشىقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلالايمەن؟ - دېدى.
مىرزات ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار نېمىشقا يەڭگىسىنىڭ يۆلەنچۈكىنىڭ مىڭلەن گۇرۇھى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؟
بىر نەچچەيلەن كۆزلىرىنى ئىليارغا تىكتى.
ئىليارنىڭ بۇ خەۋەر سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتى.
ئۇنىڭ يۆلەنچۈكى مىڭلەن گۇرۇھىمۇ؟
مىڭلەن گۇرۇھى؟
بۇ ئۇلارنىڭ بۈگۈن ئىنتىزار بولغان تېمىسى.
مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسئۇلى بۈگۈن ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ دېگەنغۇ، لېكىن ئادەم ئۆزىچۇ؟
شۇنىڭ بىلەن نەزىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىپ، تەڭلا دىلارەگە تىكىشتى.
ئەمدى گەپ سوراي دەپ تۇرۇشىغا، ياندىكى تاراتقۇلارمۇ خەۋەر تېپىپ يېتىپ كېلىشتى.
- دىلارە خانقىز، سىز <مىڭلەن> گۇرۇھىنى بىلەمسىز؟ ئۇنداقتا مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى ھازىر قەيەردە؟ بىز بايا سىرتتا ناھايىتى ئۇزۇن ساقلىدۇق، ئەمەلىيەتتە، سىز ۋە سىزنىڭ ھەمراھلىرىڭىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم يىغىن مەيدانىغا كەلگەن مېھمانلار بولۇپ قالدىڭلار. - دېدى.
-‹ ‹ مىڭلەن › › گۇرۇھى بۇ يىلمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ، شۇنداقمۇ؟
- ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالامسىز؟
تاراتقۇلارنىڭ سۆزى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.
روشەنكى، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم مېھمان بولغاچقا، مىڭلەن گۇرۇھى بۇ يىل يەنە ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
دىلارە تەمكىنلىك بىلەن:
- ئەلۋەتتە كېلىدۇ، ئۇ مەن بىلەن بىر يەرلىك، مەن ئۇنىڭ بىلەن مەركىزى شەھەردىكى دوختۇرخانىدا تونۇشقان، كېيىن ئۇ بەك كەينىمدىن چاپلىشىۋالغاچقا، قېچىپ قۇتۇلالمىدىم، شۇڭا داۋاملىق باردى-كەلدى قىلىشىپ كەلدۇق... - دېدى.
ھا...ھا ! !
مىرزات بىلەن ئىلزات رومكىنى بىر-بىرىگە تەگكۈزۈپ قويۇپ، ئىچىملىكىنى ئەمدىلا ئاغزىغا ئاپارغانىدى، دىلارەنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاغزىدىكى ئىچىملىكمۇ تەڭلا ئېتىلىپ چىقتى.
مىرزاتنىڭ ئاغزىدىن پۈكۈلۈپ چىققان ئىچىملىك ئۇدۇل ئىلزاتنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى.
ئىلزات يۈزىنى سۈرتۈۋېتىپ:
-تازىمۇبىر! ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىڭىز بارمۇ، ئاغزىڭىزدىكى سۇنىمۇ تۇتالمايدىغان؟ ! - دېدى.
مىرزات دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ ئىلزاتنىڭ يۈزىنى سۈرتۈشكە ياردەملەشتى.
ئۇ ئىلزاتنىڭ يۈزىنىڭ بۇيىلىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەن كارى بولماي، دىلارە ۋە ئىليارغا تىكىلىپ قارىدى.
ئەمما، ئۇ تېخى گەپ قىلماي تۇرۇپلا، ئەتراپتىكىلەر دىلارەنىڭ گېپىدىن چۆچۈپ كېتىشتى.
- ئەسلىدە مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى مۇشۇنداق ئادەم ئىكەندە؟
- سىلەر نېمىشقا دوختۇرخانىدا كۆرۈشىسىلەر؟
- ياق، ياق، ياق، بۇ مۇھىم نۇقتا ئەمەس، مۇھىم نۇقتا شۇكى، سىز مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئارىلىشىپ باققانمۇ؟ !
بۇ گەپ چىقىشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەر جىمىپ قالدى.
ھەممەيلەن نەزىرىنى دىلارەگە تىكتى.
ئۇ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئارىلىشىپ باققانمىكەن؟
كۆپچىلىك ئاڭسىز ھالدا دىققىتىنى ئىليارغا قاراتتى.
ئۆزىنىڭ ئايالى بۇنداق سورۇندا ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن بولغان مۇھەببەت تارىخىنى ئاشكارا ئاشكارىلىسا، مەيلى ئاقپىشماق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، يۈز-ئابرۇي جەھەتتە ھامان ئازراق ئوسال ھالەتتە چۈشۈپ قالىدۇ.
لېكىن، ئىليار باغرىدىكى ئۇستىخىنى يوقتەك يۇمشاق، تۈلكىدەك مەككار، كەپسىز شوخ ئايالغا قاراپ، يېنىك كۈلۈپ قويدى.
- ھى. - بۇ چاغدا بوۋاي سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، - ھەقىقەتەن ئۇيات بولدى . سەن بۇ ئايالنى گۆھەر دەپ بىلگىنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋىتى باركەن. ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭ بۈگۈن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالىشىدىكى سەۋەب باشقىلارنىڭ كەينىدە ياردەم بەرگەنلىكىدىن بوپتۇ! ئەمما سەن، باشقىلار بېقىۋالغان ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەپسەن، بۇ ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇمۇر بولدى! - دېدى.
دىلارەنىڭ بېشى ئاغرىپ قېشىنى ئېتىپ قويدى، بۇ بوۋاي راستتىنلا ئۇلارنى ئايىغى ئاستىدا دەسسىمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ.
- مەن قاراپ باقاي، ھېلى ئۇ ئادەم كېلىدۇ، سىز ئۇنىڭغا قانداق يۈز كېلەلەيسىزكىن؟ - دېدى دىلارە.
نەق مەيداندىكى كىشىلەر ئەڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
بولۇپمۇ ئىليارغا قارىغان ۋاقتىدا.
چىرايى ھەر خىل - ھەر ياڭزا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا، مىرزات تۇيۇقسىز ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئىليارنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، چۆچۈپ كېتىپ:
- ئىليار ئاكا، يەڭگەم دوختۇرخانىدا دەيدىغۇ... - دېدى.
دىلارە بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، ھە، مىرزات ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى يادىغا كەلدى.
بىراق، ئۇ ئىليارنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
ئىلزات ئىليار بىلەن دىلارەنىڭ مۇھەببەت تارىخىنى بىلمەيتتى، ئۇ مىرزاتنىڭ ھەيران قالغاندىكى قىياپىتىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئالىيىپ:
- ھەي، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ ئىشنىڭ قالايمىقان بولغىنىمۇ يەتمىدىمۇ؟ - دېدى.
مىرزات ئىليارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئىلزاتقا قاراپ:
- سىز... سىزمۇ بىلمەمسىز؟ ئىيار ئاكام ئۇ ئۇ... - دېدى.
مىرزاتنىڭ سۆزى ئېغىزدىن چىقىشقا ئۈلگۈرمەيلا، ئەتراپتىكى تاراتقۇلار ئۇنى بىر چەتكە قىستاپ چىقىرىۋەتتى.
- ئۇنداقتا... دىلارە خانقىز، مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى قاچان كېلىدۇ؟
- ئىليار ئەپەندى بۇ ئىشنى بىلەمدۇ؟
- مىڭلەن گۇرۇھى مەسئۇلىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى سىر ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىشنى تاللىدىڭىز؟
- دىلارە خانقىز، سىز ئۇنىڭ بىلەن يەنە نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەنتىڭىز؟
تاراتقۇلارنىڭ بىر قاتار سوئاللىرىدىن دىلارەنىڭ قاپاقلىرى سۈزۈلۈپ:
- كىم بىزنى ئايرىلىپ كەتتى دەيدۇ؟ - دېدى.
ئەتراپتىن سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
- ئايرىلىپ كەتمىدۇق بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ !
بوۋاينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاچچىقلاپ:
- سىز بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنى ئەخمەق قىلىۋاتامسىز؟ نومۇسنى بىلمەيدىغان! ئەخمەق قىلىش ئەمدىلىكتە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدىمۇ، سىز ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن … - دېدى.
دىلارە چوڭقۇر نەپەس ئالدى، كۆزلىرىدىن تاقەتسىزلىك چىقىپ:
- بىزنىڭ ھەتتا بالىمىزمۇ بار، نېمىشقا ئايرىلىپ كېتىمەن؟ - دېدى.
يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ھەتتا بالىسىمۇ بارمۇ؟ !
بۇ ... ئىليار بۈگۈن كەچتە زادى قانداق رول ئالىدۇ؟
ئۇنىڭ چىرايلىق كېلىشكەن چىرايى بولغاچقا، دىلارە ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ نەق مەيداننى تىنچلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغانمۇ؟
بۇ ئايال ھەقىقەتەن بەك رەھىمسىز ئىكەن.
ئەرلەرنى بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
ئەمما بۇ مۇھىم نۇقتا ئەمەس، ئىليارنىڭ يارامسىز بولۇش-بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دىلارە بىلەن مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىنىڭ مۇناسىۋىتى.
ھەتتا بالىسىمۇ باركەن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىۋالسا، مىڭلەن گۇرۇھى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
تاراتقۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۆپچىلىكنىڭكىدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، بىردەمدىلا تاراتقۇلار سىرتقا قىستىلىپ چىقىپ كەتتى، دىلارەنى كىشىلەر ئورىۋالدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar