دىللاردا سەنەم109-قسىم

文摘   2025-01-09 21:07   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىمدىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىمدىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم






ـئۇنىڭ ئالدىدا مىڭ ئېغىزىم باردەك سۆزلەپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم، ئۆلۈپ بېرىدىغاندەك يالۋۇرۇپمۇ ئۆزۈمنى ئاقلاپ بولالمىدىم. ئاخىرى ئوغلۇمنى تارتىۋېلىپ ئۇمۇ مېنى ھەيدىۋەتتى، بۇنىڭدىنمۇ ئاجراشقاندىن كېيىن قەتئىيلا توي قىلغۇم كەلمىدى، ئىشلار شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بەلكىم بېشىمغا كەلگەن ھەر ئىشلارنى لايىقىدا قوبۇل قىلىپ ياشاۋەرگەن بولاتتىم. لېكىن بالامنىڭ دادىسى باشقا بىر ئايالغا ئۆيلىنىپتۇ، بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم، شۇنىڭدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى ماھىنۇر خېنىمنىڭ ئېزىز مىسگەرنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپلا ئۆستەڭگە سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ بىرھازا كۈلىۋېدىم، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەي بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلگەندە ئوخشاشلا كۆتۈرەلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، مەنمۇ ئۆلۈم يولىنى تاللىدىم. لېكىن كىشىلەر مېنى دەريادىن سۈزۈپ قۇتقۇزىۋېلىپ، ئۇدۇل مۇشۇ قەسىرگە ئەكىلىپ ئالدىلىرىدا قويۇپتۇ، باي ئاكام بىلەن سىلى مېنى قۇتقۇزىۋاپتىلا، بۇ شەپقەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەتلىرىنى قىلىشقا تىرىشىپ، چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ، بىجانىدىللىق بىلەن يانلىرىدا بولدۇم. كېيىنكى ئىشلار ئۆزلىرى بىلگەندەك. مېنىڭ باشتىن- ئاخىر بىرلا خاتالىقىم كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگىنىم، مۇھەببەتنى بەك كاتتا، بەك چوڭ بىلىۋالغىنىم، مۇھەببەتسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانلىقىم، ھەممە ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش ئويلاپ قېلىپ «مەنلا ياخشى مۇئامىلە قىلسام ھەممەيلەن ماڭا چىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، مەنلا سەمىمىي كۆڭۈل بەرسەم باشقىلارمۇ ماڭا سەمىمىي كۆڭلى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ» دەپ ئويلىۋالغانلىقىم، باشقىلارغا خاتا ئىشىنىپ قېلىپ، مېڭىشقا تېگىشلىك بولمىغان يولدا مېڭىپ ئاخىرى پۇشايمانغا قالغانلىقىم... تاكى ھازىرغىچە ئويلايمەن، ئەگەر ئەينى چاغدا ئېزىزدىن ۋاپا كەلگەن بولسا مۇنچە سورۇقچىلىق تارتىپ پاراكەندە بولۇپمۇ يۈرمەس ئىدىم، بەلكىم ئايسەنەم خېنىم ئېزىز ئىككىمىز توي قىلىپ قۇرغان ئائىلىدە تۇغۇلار ئىدى، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى «بىتەلەي باقما شۇم» بولماستىن، ئاتا- ئانىسى بار، ھەقىقى بەختلىك بالىغا ئايلىنار ئىدى...


ئايسەنەم خېنىمنى بېقىۋالغانلىقى ئۈچۈن باي ئاكامنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ خېلى كۆپ ئېگىز- پەسلىكلەر بولۇپ ئۆتتى، بۇنى چۈشىنىپ تۇرىمەن، ھەممە ئىشلارغا ئۆزۈمنىڭ، ئۆزۈمگە قوشۇلۇپ ئايسەنەم خېنىمنىڭ سەۋەبچى بولۇپ قالغىنىنى ئويلىسام ئۆزۈمنى كەچۈرگۈم كەلمەيدۇ. ئەمما بولىدىغان ئىش بولغاندا ئۆزۈمنى ئەيىبلەش بىلەن ھېچنېمىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيمەن، شۇڭا مەن ئامالنىڭ بارىچە سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى ياخشى قىلىپ، بىر كىشىلىك كۈچۈمنى مۇشۇ ئۆينىڭ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى، خاتىرجەملىكى، بەخت- سائادىتى ئۈچۈن چىقىرىپ، سىلىنىڭ يانلىرىدا تۇرۇپ خىزمەتلىرىنى قىلالىسام ئەنە شۇنى سىلەرگە ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشۇم بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم...


ئايسەنەم خېنىمنى ئۆز كۆرەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، باي ئاكامنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى، يەنە تېخى بۇ ئۆيدە بىر تالاي كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىپ ئايچېھرە خېنىمنىڭ يۈزى كۆيۈپ كەتتى. ئەگەر مەن ئايسەنەم خېنىمنى تاپقان دادىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ شۇ يەردە تۇغالىغان بولسام، باي ئاكام ئۇنى بېقىۋالىمەن دەپ ئۆز تۇرمۇشىنى پاراكەندە قىلمىغان بولسا بەلكىم كېيىنكى بۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمەس ئىدى. مەن پەقەت شۇلارنىلا ئويلايمەن. ئىشقىلىپ ھەرقايسىلىرىغا جېق قەرزمەن، ئالدىلىرىدا گەپ قىلغۇدەك يۈزۈممۇ يوق، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ماڭا مۇشۇنچىۋالا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىرىدىن بېشىم كۆككە تاقىشىدۇ، قانچە مىننەتدار بولساممۇ، قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ياندۇرۇپ بولالمايمەن. كېچە- كۈندۈز ئويلايدىغانلىرىم شۇ بولغاچقا ئىمكانىمنىڭ يېتىشىچە بۇ ئۆيدىكى ھەممە ئىشلارغا قاراشسام، سىلىنىڭ ھاللىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالسام، بالىلارغا ئوبدان قارىسام، قولۇم يېتىدىغانلىكى، مەن قىلالايدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ يۈكلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەتسەم دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە يەنىلا قەسىردىن قوغلاندىم، نېمە سەۋەبتىن قوغلانغانلىقىمنى بىلمەي ئىچىم پۇشۇپ ساراڭ بولايلا دېگەن ئىدىم، ھېچكىم مېنىڭ نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغىنىمنى، نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز قوغلاندى بولىدىغانلىقىمنى دەپ بەرمىگەن ئىدى.


ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىگە قايتقىنىمدىن كېيىن ئۇلارمۇ بۇ مەسىلىنى جېق سوراپ مېنى جېق دۆكۈشلىدى، لېكىن مەن ئۆزۈم بىلمەيدىغان ئىشقا جاۋاب بېرىشكە ئاجىز كەلدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە مېنىڭ تويۇمنى قىلىش ئۈچۈن ئەلچىلەر ئىچىدىن كۈيئوغۇل تاللاشقا باشلىدى، دەل مېنىڭ تويۇم بولىدىغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە باي ئاكام تۇيۇقسىزلا بېرىپ مېنى ئېلىپ قېچىپ، باشقا بىر يەرگە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ مېنى كۆرگىلى بارغاندىلا نېمە سەۋەبتىن قەسىردىن قوغلاندى بولغىنىمنى بىلىپ ھەيران قالدىم، تاكى شۇ چاغقىچە ئىشلارنىڭ مۇنداق بولارىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانكەنمەن. مەن ھەم ئەزەلدىن ئۆزۈمنى باي ئاكامغا لايىق كۆرۈپ باقمىغان، ماڭا ئوخشاش نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، قىلچە تەربىيە كۆرمىگەن، سىلى تۆردە ئولتۇرسىلىرى پەقەت پەگادا قول باغلاپ تۇرۇشقىلا لايىق كېلىدىغان مەندەك بىر مالاي ئايال سەيدۇللا بايدەك كاتتا بىر كىشىگە لايىق كۆرۈلۈشى قانداق كۈلكىلىك ئىش ھە!؟ مېنى قەسىردىن قوغلىۋەتكەنلىرىگە باشتىمۇ رەنجىمىگەن ئىدىم، شۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك رەنجىمىدىم. ئەكسىچە سىلىنى توغرا چۈشىنىپ «سائادەت خېنىمنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ ئۆز ئوغلۇمنىڭ ئۆزىدىن خېلى بەك تۆۋەن تۇرىدىغان نامرات كىشىلەرنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولاتتىم» دەپ ئويلىدىم. تۇرۇپلا يەنە باشقا ئىشلارمۇ كۆڭلۈمدىن كەچتى. ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىم، توي قىلمايلا قورساق كۆتۈرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئورمانلىقتا ئوغرىلىقچە تۇغۇپ شۇ يەرگە تاشلىۋېتىپ قايتىپ كەتكەنلىكىم، ھەممە ئىشلاردىن كېيىنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك غېمىمدە يوق ياشاپ ھازىرغا كەلگىنىمنى بىلگەندىن كېيىن سىلى ئەلۋەتتە ئاچچىقلاپ قالاتتىلە، ھەم مېنى كۆزگە ئىلمايتتىلە، ئامراق ئوغۇللىرىنىڭ مەندەك يولدىن چىققان، كىچىك تۇرۇپلا بۇزۇلۇپ كەتكەن ھەم ئوغرىلىقچە قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغالايدىغان قاپ يۈرەك ئايالنى خوتۇنلۇققا  ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىرىنى توغرا چۈشەندىم. ھېلىھەممۇ شۇ قاراشتىمەن، ئۆزۈمنى ئەزەلدىن باي ئاكامغا لايىق دەپ ئويلىمايمەن. لېكىن سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىدىغان، بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىدىغان ھەرقانداق پۇرسەت بولسا قولدىن بەرگۈم كەلمەيدۇ. گەرچە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بېشىم تۆۋەن بولسىمۇ... يەنە گەرچە ئايسەنەم خېنىمنىڭ چىرايىغا قارىغۇدەك يۈزۈم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا بەكلا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ مېنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئانام دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئىشقىلىپ... سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىدىغان ئازراقلا پۇرسەت بولسىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن قەدىرلىۋالسام دەپلا ئويلايمەن. باشقىلار بەلكىم مېنى «تاپتىن چىققان بۇزۇق خوتۇن، نومۇسسىز ئايال» دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھاياتتا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدىغان، مۇھەببەت سەۋداسىدا مېڭىشقا تېگىشلىك بولمىغان يوللاردا مېڭىپ قالمايدىغان، سۆيۈلۈپ ياشاش ئىستىكىدە ھەركىملەرگە ئىشىنىپ قالمايدىغان يەنە كىملەر باردۇ؟... ئەگەر مېنىڭ قىلغانلىرىم تولۇق خاتا دېيىلسە، ئالداپ شىلاپ مېنى ئۆزىگە ئىشەندۈرىۋېلىپ، يالغان گەپلىرى بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈپلا ئىپپىتىمنى بۇلغاپ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈسىز ھالغا چۈشۈرۈپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا تىلىمنى تۇتۇق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قارىسىنىمۇ كۆرسەتمەي مەندىن قېچىۋالغانلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟ ئاشۇنداق ئەر كىشى تۇرۇپ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، ئېغىزىدىن چىققان لەۋزىگە ئىگە بولمايدىغان ئادەملەرنى يەنە نېمە دېيىش كېرەك؟ بۇنداق دەپ ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن ئەمما شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئىچىمدە مىڭ تونۇر ئوت كۆيىدۇ، بۇ ئوتلار ھەم ئۆچمەنلىكتىن، ھەم غەزەب- نەپرەتتىن، ھەم ئۇۋالچىلىق، ھەم پۇشايماندىن...


ھازىرغا كەلگەندە تاشپولات بايۋەتچىنىڭمۇ ماڭا ئۆيلەنگۈسى بارلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا كەلگىنىدە مەن ئۇنى پەقەت ئىنىمدەك كۆرۈپ ھەم سىلى ئورۇنلىرىدىن تۇرالمايدىغان بولغاچقا سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا غەمخورلۇق قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويغان ئىدىم. لېكىن بۇ ئىشىمنىڭ ئۇنىڭدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىلىرىدىن ئۆزرە سورايمەن، لېكىن بۇنىڭ چوقۇم جاۋاب بېرىشىم كېرەك بولغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپتۇ. كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلىرى بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەي، مەن تاشپولات بايۋەتچىگە ياتلىق بولۇشنى، ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى پاراكەندە قىلىشنى خالىمايمەن، بۇ ئۇنىڭ مېيىپلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن باي ئاكام ماڭا ئۆيلەنگۈسى بارلىقىنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئېيتقانىكەن، ھەم بۇ ئىش قەسىردىكىلەر ئارىسىدا پۇر كەتكەنىكەن، ئاز كۈندە تالا- تۈزگىمۇ يېيىلمايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ھازىر ئاشۇنداق گەپ تارقىلىپ كەتسە، ئارقىدىنلا مەن تاشپولات بايۋەتچىگە ياتلىق بولسام، خەق مېنى ئەمەس، باي ئاكامنى، سىلىنى زاڭلىق قىلىدۇ، مەن بۇنداق بولۇشنى پەقەتلا خالىمايمەن، يەنە كېلىپ تاشپولات بايۋەتچىگە كىمنى ئېلىپ بېرەيلى دېسە ئاتا- ئانىسىنىڭ قۇربى يېتىدۇ، لېكىن باي ئاكامنىڭ يۈزىنى تۆكۈش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. باي ئاكامغا ياتلىق بولسام دەپ ئارزۇلاپ باقمىدىم، پەقەت ئايسەنەم خېنىمنى كۆرۈپ تۇرالىسام، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلالىسام، ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ قەسىرگە كېلىپ بولسىمۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، يانلىرىدا بىردەم ئولتۇرۇپ، ئايسەنەم خېنىمنى كۆرىۋېلىپ كەتسەم، مەن شۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلغان بولاتتىم... شۇنچە يىللاردىن بېرى تارتىپ كەتكەن ئەزىيەتلىرىم، جاپالىرىم ئاز ئەمەس، لېكىن ئەمدى مۇشۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئارزۇيۇم قالمىدى، ھەم مۇشۇلاردىن بەخت ھېس قىلىپ، قەلبىم لىققىدە مۇھەببەتكە تولۇپ ياشاۋاتاتتىم... مېنى بۇ بەختتىن مەھرۇم قويمىسىلىكەن دېگەن ئۈمىدتە مەن...

شەرۋانەم ئاشۇلارنى دەپ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھۆرمەت بىلەن سائادەت خېنىمنىڭ قولىنى سۆيدى. بۇ ئىش يىللاردىن بېرى پالەچ بولۇپ ياتقان، ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىدىن باشلاپ مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ ھۆرمىتىدىن قالغان سائادەت خېنىم ئۈچۈن بەكمۇ كاتتا ھۆرمەتلىنىش، كۆككە كۆتۈرۈش بولۇپ تۇيۇلۇپ، قەلبى لەرزىگە كەلدى. شۇ ھامان شەرۋانەمنىڭ قولىنى چىڭڭىدە سىقىپ، يەنە بىر قولىدا كۆزىدىن سىرغىۋاتقان يېشىنى سۈرتتى. ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى ھەم چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ يېشىنى ئاستا سۈرتكەنلىكىنى شەرۋانەم كۆرۈپ ئولتۇردى. بۇ چاغدا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلىدە ئالەمچە مۇھەببەت، سۆيۈلۈش ۋە مىننەتدارلىق داۋالغۇيتتى.


باشتا بىلگىنىمىزدەك، سائادەت خېنىم شەرۋانەمنىڭ شۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى ئىمىنتوختى باينى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئوغلىغا يەتكۈزدى. باشقا ھەممە گەپنى جىممىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان ئىمىنتوختى باي شەرۋانەمنىڭ سەيدۇللا باينىڭ يۈز- ئابرويىنى، بۇ قەسىرنىڭ ئىناۋىتىنى ئويلاپلا تاشپولات بايۋەتچىنى رەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلاندى ھەمدە ئانىسىغىمۇ يۈز- خاتىرە قىلماي، جالدىقىنى چالغىنىچە ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنداقلا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە مەيلى ئىدى، لېكىن ئۇ مۇشۇ ئىشنى تۇتقا قىلىۋېلىپ سەيدۇللا بايغا ئېغىردىن- ئېغىر ئاداۋەت ساقلىدى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئاكا- ئىنى ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قېلىپ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەقەتلا ياخشىلاشتۇرغىلى بولمىدى. خۇددى بالىلىق دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئويۇنچۇق تالىشىپ، قوينىڭ قوزىلىرىنى تالىشىپ ياكى بارىدىغان يەرلەرنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش، بىر ئاداۋەتلەشكىنىچە بىر- بىرىگە قاراشتىن، گەپلىرىنى ئاڭلاشتىن، بىر سورۇندا، بىر داستىخاندا بىللە ئولتۇرۇشتىن، بۇرۇنقىدەك ئىجىل- ئىناق ئۆتۈشتىن يالتايدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان سائادەت خېنىم تەپسىلىي قارىۋېدى، ئىمىنتوختى باي ئاكىلىق ئورنىنى ئۇنتۇپ ئۆز ئوغلىغا يان بېسىپ، ئىنىسى سەيدۇللا بايغا تەتۈر قاراپ يۈرەتتى. بۇ ھەم شۇ قەدەر يولسىزلىق ئىدىكى، ھېچقانداق بىر ئايالنى «چوقۇم مېنىڭ ئوغلۇمغا تېگەتتىڭ» ياكى شۇ ئايالغا كۆڭلى بار ئادەمگە «ئاۋۇ قىزنى ماقۇل كەلتۈرۈپ مېنىڭ ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرسەڭ بولاتتى» دەپ شەرت قويغىلى بولمايتتى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章