گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 47-قىسىم _ مېنىڭ بالام ئەمەس

文摘   小说   2024-09-20 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 














دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  75  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 44 43 4241 40



 46 45





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

47-قىسىم



47-قىسىم

ئۈچىنچى

دىلارە ئەزىمەتنىڭ گېپىدىن خاپا بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ:

- بوشى مالىيە گۇرۇھى  ‹ مىڭلەن › گۇرۇھى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق پەسلىشىپ كېتەمدۇ؟ ھەمكارلىقتا كېلىشەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، ئۆزۈڭلار ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ئادەمنى قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورىسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى.  

بۇنى ئاڭلىغان ئەزىمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىليارنىڭ نەۋقىران ئەپەندىنى رەنجىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەبىمۇ سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بولدى، دىلارە خانقىز.  - دېدى .

دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

- شۇنداقمۇ؟ لېكىن مېنىڭچە كەچۈرۈم سوراشنىڭ  ھاجىتى يوق. - دېدى.

- سىز... - دېدى ئەزىمەت.

- ئەگەر سەن راستتىنلا ئۆزۈڭنى ئائىلىمىزنىڭ ئادىمى دەپ قارىساڭ، ئىليار، بۈگۈن ياۋاشلىق بىلەن نەۋقىران ئەپەندىدىن ئەپۇ سورا!  - بۇ چاغدا بوۋاينىڭ سوغۇق تەلەپپۇزدا گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى،بوۋاي يەنە؛

- ئەگەر مەندىن كەچۈرۈم سورىماقچى بولساڭ، مەن ساڭا بۇ پۇرسەتنى بەرمەيمۇ تۇرۇۋالمايمەن. لېكىن بۈگۈن، نەۋقىران ئەپەندىدىن  چوقۇم كەچۈرۈم سورىشىڭ كېرەك!  - دېدى بوۋاي. 

توغرا، ئۇنىڭ بۇ نەۋرىسىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق.

بوۋاينىڭ ئىلگىرىكى بەزى ھەرىكەتلىرىدە ھەقىقەتەن ئاچچىقىنى باسالماسلىق ئامىلى بار، كېيىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغاندا، ھەقىقەتەن ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. شۇڭا بوۋاي ئىليارغا   باش ئېگىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سوراش سەۋەبىنى ئاشكارلايدىغان پۇرسەت كەلدى. دەپ ئويلىدى.

ئىليار يەنىلا ئۇنىڭ نەۋرىسى.

ئۇ ئەلۋەتتە بىر ئايالنى دەپ نەۋرىسىدىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ.

بۇنداق قىلغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئادەم پەقەت ئۆزى بولىدۇ.

ئىلزات بىر چەتتە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئالىيىپ قويۇپ:

-  بوۋا، بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ <مىڭلەن> گۇرۇھىغا ياخشىچاق بولۇشىدىكى مەقسىتى پۈتۈنلەي سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلار بويىچە بولغان، ئاكامنىڭ ھازىر بوشى مالىيە گۇرۇھى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، سىز يەنە ئۇنى گۇرۇھ ئۈچۈن قەددىنى ئىگىپ قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغۇزامسىز؟ ئۇنى ھازىرغىچە نەۋرەم دەپ قارىغاندىكىن، سىزنىڭ بۇ قارارىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە بوشى  گۇرۇھىنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىدىن رەھىم-شەپقەت تىلىشىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟ مىڭلەن گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، مۇشۇنداق تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىشلارنى قىلغۇدەك، بوشى گۇرۇھى زادى قانچىلىك بوشاڭ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؟  ئۆزىڭىزنىڭ يۈزىنى تۆككەندەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

بوۋاي ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ:

-  ھېچنېمىنى بىلمىگەندىكىن ئاغزىڭنى يۇم! مەن ئۇنىڭ قەددى-قامىتىنى سۇندۇردۇممۇ تېخى؟ ئۇنىڭ ھازىر يەنە سۇندۇرغۇدەك قەددى قامىتى، قىممىتى بارمۇ؟ ئۇنىڭ ھازىر بۇ يەردە زادى قانچىلىك كۈلكىلىك مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلمىدىڭمۇ! مەن ئۇنىڭ يەنىلا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا چوڭ يۈز بەرگەنلىكىم، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەي، يەنە مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ چۈشەندىڭمۇ؟ - دېدى. 

 بوۋاي ھەقىقەتەن  ئۆزىنى  زىيادە چوڭ تۇتىدىغان ئادەم.

ئىلزات  بوۋايغا ئاچچىقى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.

-  ئۇ ئايالنىڭ نەۋقىران ئەپەندى بىلەن بالىسىمۇ باركەن، ھازىرغىچە ھوشىڭنى تاپماي يۈرىۋاتىسەن، يېشىل پوسمىنى شۇنچە ئېگىز كىيىۋالساڭ،  چىرايلىق بولۇپ كېتەمدىكەنسەن؟ !   - دېدى بوۋاي ئىليارغا قاراپ.

ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرغان نەۋقىران ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قېشىنى ئېتىپ قويدى.

بۇ قانداق سىرلىق تەرەققىيات بولۇپ كەتتى؟

دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئۇنىڭ بالىسىمۇ؟

كۆزىنى بىرنى ئايلاندۇرۇپ ئىليارنىڭ قۇچىقىدىكى ئايالغا قارىدى.

شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، دىلارەنىڭ بۈگۈن كەچتىكى ياسىنىشى ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيتتى.

ئەمما دىلارەنىڭ بالىسى قانداق قىلىپ ئۆزى بىلەن چېتىلىپ قالىدۇ...

- كۆزىڭىزنى ئۇيۇۋالىمەن ئىشىنەمسىز؟ - دېدى ئىليار سوغۇق ئاۋازدا.

كۆپچىلىك يەنىلا ئىليارنىڭ پوزىتسىيەسىدىن ھەيران قېلىشتى، ئەمما نەۋقىران نەزىرىنى قايتۇرۇپ، مۇشتىنى لېۋىگە قويۇپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئىككى قېتىم يۆتىلىپ قويدى.

- ھۆئۈ....

ئەزىمەتنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلدى، ئىشنىڭ بىر ئاز بىنورماللىقىنى ھېس قىلغاندەك قىلدى.

گەرچە ئىليارنىڭ مىجەزى بىلەن، ئۇنى باشقىلارغا باش ئەگدۈرۈش ھەقىقەتەن تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەزەپ باشقىچە تۇراتتى.   ھاكاۋۇر ھەم مەنمەنچى ئىليار بۈگۈن كەچتە نەۋقىراننىڭ ئالدىدا ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

لېكىن ئىليارنىڭ پوزىتسىيەسىنى بوۋاي قوبۇل قىلالايدۇ، ئەمما نەۋقىراننىڭ ھازىرقى يۈرۈش-تۇرۇشى، ھەقىقەتەن يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىنكاسقا ئوخشىمايتتى.

باشقىلار بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئۇ باشتىن-ئاخىر ھېچنېمە دېمىدى، ئاتالمىش غەزەپلىنىشتىن ئەسەرمۇ يوق.

بۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

نەۋقىران  ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن قېشىنى يېنىك قاشلاپ تۇرۇپ:

- ئۇنىڭ تەبىئىي ھالدا مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق، مەنمۇ قوبۇل قىلالمايمەن، - دېدى.

ھەقىقەتەن يۈرەك سۆزىنى قىلدى.

ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە باشلىقى  راستتىنلا خاتا قىلغان تەقدىردىمۇ،  يەنىلا توغرا، يەنە باشلىقتىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلامدۇ؟  ئۇنىڭ يەنە بىر نەچچە يىل راھەت ياشىغۇسى بار، ئىليارنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا...  ئۇنىڭ يىللىق دەم ئېلىشى يوققا چىقىدۇ... 

 لېكىن، بۇ گەپ كۆپچىلىكنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ، نەۋقىراننى بۇ قېتىم راستتىنلا خاپا بولۇپ قالدى، دەپ ئويلىدى.

بوۋاي قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ، ئىليارغا سوغۇق قاراپ قويدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ نەۋقىرانغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:

- بەك خىجىلمەن، نەۋرەمنىڭ مىجەزى ئەزەلدىن قوپال، رەنجىتىپ قويغان يەرلىرى بولسا ... - دېدى.

نەۋقىران قولىنى سوزۇپ بوۋاينىڭ سۆزىنى توسۇپ:

- پېشقەدەم باش مۇدىر، مېنىڭچە بۇ يەردە چوقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق بار. مېنىڭ  دىلارە خانقىز بىلەن  سىلەر ئويلىغاندەك مۇناسىۋىتىم يوق، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا كەلسەك،   بالا ھەقىقەتەن مېنىڭ بالام ئەمەس...  ئىليار ئەپەندىمنىڭ ھەقىقەتەن مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ  ھاجىتى يوق... - دېدى. 

كۆپچىلىك بارغانسېرى چۈشەنمەي قالدى.

ئەمما  بوۋاي تىنىق ئالالماي قىينلىنىپ، ئاچچىقىغا پايلىماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاس قالدى.

-  نېمە دېدىڭىز؟ ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالا سىزنىڭ ئەمەسمۇ؟   - دەپ سورىدى بوۋاي.

نەۋقىران بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ئەلۋەتتە مېنىڭ ئەمەس، دىلارە خانقىز قول يەتمەيدىغان ئاچچىق شاپتۇل، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشەلمىدىم. - دېدى. 

ئەتراپتىكى ئامما ۋە تاراتقۇلار تەمكىن ھالىتىنى ساقلىيالماي قېلىشتى.

- بالا سىزنىڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ بايا نېمە دەپ سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ؟ 

- ئۇ يەنە سىزنى ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈكى دەيدۇ! راستتىنلا ئۇنداق ئىش يوقمۇ؟ ! 

- ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،  يالغانچىلىقنىڭ نەق مەيداندا ئاشكارىلىنىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خىجىل قىلىدۇ! لېكىن ئۇنىڭ مىڭلەن گۇرۇھىنى ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈكى دېيىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟  ئۇ نېمىنى كۆزلىگەندۇ؟  باشلىقلار يىغىنىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ؟ 

- ئۇغۇ شۇ، ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتىكى ياسىنىشىمۇ، كۆزگە ئالاھىدە چېقىلىپ تۇرىدۇ! 

ئىشنىڭ بۇ ھالەتكە يېتىشى نەۋقىراننىڭ بېشىنى ئاغرىتتى.

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەندە، بۇ ئىشنى...  ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

ئىش شۇنداق ئېنىق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ھەممە ئادەم ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىليارغا قاراتماي، باشتىن-ئاخىر ئۇنى  ئاقپېشماق دەپ قارايدۇ؟

نەۋقىران بېشىنى چايقاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىليارغا قارىدى، كۆزلىرىدىن  ئامالسىز چىقىپ تۇراتتى:

- قارىغاندا سىزنىڭ ئاقپېشماقلىق رولىڭىز باشقا روللارغا قارىغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئوخشايدۇ، ئۆزىڭىزنى ئاقپېشماق قىلىپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن، سىزگە قايىل بولۇشۇم كېرەكمۇ ياكى يېنىڭىزدىكى بۇ ئىقتىدارلىق خانىمغا قايىل بولۇشۇم كېرەكمۇ بىلمىدىم؟  - دېدى.

ئىليار چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، سوغۇق ئاۋازدا:

- ئۇنىڭغا قايىل بولۇڭ. - دېدى. 

ئىلزات، مىرزات ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ كەتتى.

تازىمۇبىر، خاپا بولۇۋېتىپمۇ يەنە مۇشۇنداق ئايالىغا يان بېسىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىنى قارا.

كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئايالىنىڭ مەڭگۈ توغرا.

مەيلى تۆھپە قوشسۇن ياكى خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ئايالى مەڭگۈ تۆھپىكار.

مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ياخشى بولغىنى چوقۇم ئايالىنىڭ بولىدۇ.

ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆز - كۆز قىلىپلا يۈرگەن.

ئادەمنىڭ جىلە قىلىپ.

 ئىليارنىڭ جاۋابىدىن نەۋقىراننىڭمۇ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن دىلارەغا بىر قاراپ قويۇپ:

- دىلارە خانقىز ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىكەن. - دېدى. 

دىلارە بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.

نەۋقىران بىلەن ئىليار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت كەيپىياتى ئاخىرى كۆپچىلىككە ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ھەممەيلەن گاڭگىراپ، چۈشەنمەي قالدى.

بۇ قانداق ئەھۋال، قارىغاندا نەۋقىران ئەپەندى راستتىنلا خاپا بولمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئىليار بىلەن تونۇشىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ.

دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئۇنىڭ ئەمەسكەن؟

بىراق، دىلارە دەسلەپتە بالىنى مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بالىسى دېگەندۇ؟

بۇ زادى قانداق ئىش؟

بىر چەتتە تۇرغان يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىن شۇ تاپتا سائىتىگە قارىدى، ئۇنىڭ چىرايى بارا-بارا جىددىي تۈسكە كىرىپ:

- بولدى، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ھازىر كۆپچىلىك ياندىكى يىغىن مەيدانىغا كېلىپ ئولتۇرۇڭلار، بۇ يىللىق  باشلىقلار يىغىنىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى باشلايلى، بۇ بىزنىڭ ھەر يىللىق ئاساسىي تېمىمىز.  - دېدى.

 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى سۆھبەت يىغىنى بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان  بارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىلار بىر يەردە ئولتۇرۇپ، خۇلاسە چىقىرىپ، ئىلگىرىكى تۆھپىسى ۋە سەۋەنلىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىستىقبالىنى تەھلىل قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تىجارەت ئۇسۇلى ۋە دائىرىسىنى ئۇلار بۇ يەردە   ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.


مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇڭا  باشلىقلار يىغىنى ئادەتتە نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ.

- بۇ يىل تەلىيىمىزگە <مىڭلەن> گۇرۇھىنىڭ ئالىي مەسئۇلىنى نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھەم ئۆتكۈر سودا قىلىش ۋاسىتىسى ھەممىمىزگە ئايان.   شۇڭا بۇ يىللىق  باشلىقلار   سۆھبەت يىغىنىنىڭ بېشىدا، بىز مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ ئالىي مەسئۇلىنى كۆپچىلىككە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز، ئۇ بىزگە ياردەم قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى   ئىقتىساد   تەرەققىياتى ۋە   مۆلچەرىنى تەھلىل قىلىپ بەرسۇن، ئىشىنىمەنكى، بۇ چوقۇم  نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش !  - دېدى يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى.

 مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئۇشتۇمتۇت باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى مۇقەررەر، مىڭلەن گۇرۇھىدىن تەلىم ئېلىشىنى ئەلۋەتتە ھەممەيلەن خالايدۇ.

كۆپچىلىك بەس-بەستە چاۋاك چېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەقەززالىقىنى ئىپادىلىدى،  ئارقا-ئارقىدىن ياندىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

ئۇ يەردە سىرتتىكى زىياپەت زالى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يىغىن زالى بار، يىغىن ئۈستىلى يۇمىلاق، ئىچىدىن سىرتىغا ئۈچ ئايلانما ئورۇندۇقلار تىزىلغانىدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ دەرىجىسى ناھايىتى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،دەرىجىسى بويىچە ئايرىلغان.

بۇ قېتىملىق رەت تەرتىپى قانچە ئالدىغا تىزىلسا، ئورنىمۇ تەبىئىي ھالدا مەركەزگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.

بوۋاينىڭ چىرايى تۈزۈك ئېچىلمىدى، گەرچە ئوتتۇرىدا ئولتۇرالىغان بولسىمۇ، لېكىن دەل ئوتتۇرىدىكى ئاساسىي ئورۇننىڭ سول يان تەرىپىدىكى ئىككىنچى ئورۇن ئىدى.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئاساسى ئورۇن بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ ئورنى ئىدى.

ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن  چىرايى باشقىچە قارىداپ سەتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى بۇ چاغدا ئۇدۇل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇنى ئۈچىنچى ئورۇنغا باشلىدى.

ئوڭ تەرەپتىكى ئەسلىدىكى ئىككىنچى ئورۇندا ئولتۇرماقچى بولغان كارخانىچى ۋاھاب ئەپەندىمۇ ئۈچىنچى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

گەرچە سەل نارازى بولغان بولسىمۇ، ۋاھاب يەنىلا خانىمىنى ئېلىپ كەينىگە بىر ئۇرۇن سۈرۈلدى.

بوۋاي ئۆزىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ئويلاپ، ۋاھاپنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن  قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، لېۋىنى يۇمۇپ، كۆڭلىدىكى غەزىپىنى بېسىپ، سول تەرەپتىكى ئۈچىنچى ئورۇندا ئولتۇردى.






 

 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章