كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
35 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
36-قىسىم
36-قىسىم
ئۇنداق كۈن كەلمەيدۇ
گۈلباھارنىڭ بۇ گېپى موماينى خۇشال قىلىپ كۈلدۈرۈۋەتتى، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك بىر قولىنى كۆتۈرۈپ :
- ئىلتىماسىم بار! ئەۋرەمنىڭ ئىسمىنى مەن قويۇپ بېرەي! - دېدى.
دىلارە تۇرۇپلا قالدى.
بالىغا ئىسىم قويىدىغان ئىش بار ھە راست...
ئىليارنىڭ بىرەر ئويى بارمۇ-يوق بىلمىدى.
- بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، بولمىسا ئەركىلەتمە ئىسىم سىزگە تەئەللۇق بولسۇن؟ - دېدى گۈلباھار ئانچە خالاپ كەتمەي، موماينىڭ ۋاقتى كەلگەندە سەل كونىچە ئىسىملارنى قويۇشىدىن بەك قورقاتتى.
ھازىر بۇنداق ئىسىملارنى كىم قويىدۇ.
- بولمايدۇ، بولمايدۇ! مەن ئۇلۇغ مومىسى، ئىسىمنى ئەلۋەتتە مەن قويۇشۇم كېرەك. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سەل تۇرۇپ ئوبدانراق ئويلاپ باقاي، كۆپرەك ئويلىنىپ، ئىسىمدىن بىر نەچچىنى ئارتۇق تاپاي، ۋاقتى كەلگەندە ئىچىدىن تاللىۋالساڭلار بولىدۇ... - دېدى موماي.
- ئەمىسە بىرىمىز بىردىن قويايلى، - دېدى گۈلباھار ئازراق خاپا بولۇپ.
ئىككىيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، دىلارە ئىككىنچى مانتىنىمۇ يەپ بولدى، ئىككى يۇتۇم شوۋىگۈرۈچ ئىچتى، ئاندىن پەس ئاۋازدا:
- ئۇنداقتا ئىليار ئىككىمىزچۇ؟ - دېدى.
موماي بىلەن گۈلباھار تەڭلا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى-دە، تەڭلا :
- بۇنىڭ ئىشى ئاددىي، سىلەر يەنە بىر نەچچىنى تۇغساڭلار، قايسى ئىسىمنى ياخشى كۆرسەڭلار ، شۇنى قويساڭلار بولىدۇ، - دېدى.
دىلارە گەپ قىلالماي قالدى.
ئىسىم ئۈچۈن بالىدىن نەچچىنى ئارتۇق تۇغامدۇ؟
بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىدىيەسى سەل غەلىتىمۇ قانداق؟
- ئىشقىلىپ مەن ئەۋرەمنىڭ ئىسمىنى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويدۇم. - دېدى موماي.
مەنمۇ بىرنى زاكاز قىلىمەن. - دېدى گۈلباھار.
دىلارە گاڭگىراپلا قالدى.
ئەۋرىسىنىڭ ئىسمىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زاكاز قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشىك ئالدىغا مۆكۈنىۋالغان بوۋاينىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، قەستەن مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىزدەپ قاتتىق يۆتىلىپ قويدى.
بىر نەچچەيلەن بېشىنى بۇراپ، چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن بوۋاينى كۆرۈپ، چىرايىدىكى تەبەسسۇممۇ سوۋۇدى.
- سىلەر، - بوۋاي ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، بىر نەچچەيلەن يەنە بېشىنى بۇراپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.
بوۋاينىڭ ساقىلى ئاچچىقتىن تىترەپ:
- بۇ قانداق پوزىتسىيە؟ ! - دېدى.
موماي بىلەن گۈلباھار ئىنكاس قايتۇرمىدى.
دىلارە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان بولغاچقا، بوۋايغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر ئاز سوغۇق مەسخىرە بار ئىدى.
بوۋاي كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- نېمىگە قاراۋاتىسىز؟ ھەممە ئادەم سىزگە يان باسسا، بەك كۆرەڭلەپ كېتىۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز، مەن بايا پەقەت بالىنىڭ ئىسمىنى ئويلاۋاتاتتىم، سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. - دېدى.
بوۋاينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ:
- ئائىلىمىزنىڭ ئەۋرىسىگە ئىسىم قويۇشتا سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب ئەمەس! - دېدى.
پاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بىر كۆك گۈللۈك فارفۇر قاچا بوۋاينىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۇشتۇمتۇت چېقىلدى.
دىلارە تۇيۇقسىز كەلگەن كۈچلۈك ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتى.
ئۇ تېخى ئىنكاس قايتۇرماي تۇرۇپلا، موماينىڭ سوغۇققىنە ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى :
- بەك يوغان گەپ قىلىسىزغۇ! - دېدى.
گۈلباھار دىلارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، خاتىرجەم ھالدا شاپىلاقلاپ قويدى.
- سىز ... - بوۋاي ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئاچچىقلاپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئالدىدا.
چىرايى قارىداپ:
- ساراڭ بولدىڭىزمۇ! ؟ - دېدى.
- سىزنىڭ كالىڭىزدا مەسىلە باركەن! - دېدى موماي غەزەپ بىلەن، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئائىلىمىزنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشىدا دىلارەنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەسمۇ؟ كىم سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ ئەۋلادى ئىكەن؟ ھېچ ئىش بولمىسا بۇ يەرگە كېلىپ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىزدەپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ باشقىلارنى بىزار قىلىپ يەنە تېخى ئۈستۈنلۇق تۇيغۇسى تاپاي دەۋاتامسىز؟ ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ، بۇ يەردە چوڭلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرمەي! ئۇلار سىزنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئادەم قاتارىدا كۆرىدۇ، بىزنىڭ بۇنداق مەجبۇرىيىتىمىز يوق، بۇ يەردىكى قايسىمىزنىڭ سىز بىلەن يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىچىلىك بولسىمۇ مۇناسىۋىتىمىز بار؟ ! ئىشىڭىز بولمىسا بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىڭىزنى قىيناپ نېمە قىلاتتىڭىز، ئۆزىڭىزنى بەك ئۇزۇن ياشىدىم دەپ ئويلاپ قالىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
دىلارە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، خېلىغىچە يۇمالماي قالدى.
بۇ... يەنىلا ...ئۇ بىلىدىغان ھېلىقى ئوماق موماي شۇمۇ؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بوۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ، يۈزلىرى كۆكىرىپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.
-سىز ... سىز... ھەقىقەتەن ياخشى گەپ قىلدىڭىز... ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئىليارنىڭ بالىسى، مېنىڭ ئەۋرەم... - دېدى بوۋاي.
- بەك چىرايلىق گەپ بولدى! - دېدى موماي دەرھال ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ، - ئىليارنىڭ سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار،ئەمدى ئۇنىڭ بالىسى سىزنىڭ ئەۋرىڭىز بولۇپ قالدىمۇ؟ بەك قالتىس ئەمەسمىتىڭىز؟ قالتىسلىقىڭىز تۇتۇپ كېتىپ ئىليارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىڭىز، بىڭسىڭىز بولسا ئۆزىڭىز ئەۋرىدىن بىرنى تۇغۇپ بېقىڭ! بۇ يەردە سىزنىڭ ئەۋرىڭىز يوق! - دېدى .
بوۋاي موماينىڭ تالاش-تارتىش قىلىشىغا زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى، ھەر قېتىم موماي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەچكە، ئۇنىڭ ھەتتا گەپ قىستۇرغۇدەك پۇرسىتىمۇ بولمىدى.
ھازىر موماي ئۇنى تىللاپ گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى، ئۇ پەقەت قولىنى كۆتۈرۈپ بارماقلىرىنى تىترىتىپ:
- سىز... سىز ھەقىقەتەن ... - دېدى.
- يوقۇلۇڭ! - موماي سوغۇق چىراي بىلەن ئۇنىڭغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلدى، ھەقىقەتەن ئازراقمۇ يۈز خاتىرە قىلمىدى.
دىلارە سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
ئۇ ھەتتا بوۋاينىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ... ھەرقانداق ئەر ئايالى تەرىپىدىن مۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتى.
دىلارە يېنىدىكى گۈلباھارغا قاراپ، چىرايىنىڭ ئادەتتىكىدەك تەمكىن ئىكەنلىكىنى كۆردى، قارىماققا بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ بۇنداق كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ئىش ئوخشىمامدۇ؟
قانداقلا بولمىسۇن، موماي بۈگۈن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى.
بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز كېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر پەرەز قىلالايدۇ.
ئىشى بولمىسا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ قاتتىق گېپىنى ئاڭلىغىلى كەلمەيدۇ.
بىر بولسا بايا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك مەقسەتتە كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىليارنىڭ نام-ئابرۇيىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشقىلى كەلدى.
ياكى بولمىسا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا كۆز تىكىپ كەلدى.
قانداقلا بولمىسۇن، شاكىچىكلەرنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى مۇشۇ ئائىلىنىڭ قېنى.
بالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن، بوۋاي ئىليار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىشى، دىلارەگە بىر پەلەمپەي بېرىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن دىلارە بوۋايدىن مىننەتدارلىق بولۇشى، كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەت ئېيتىشى مۇمكىن.
دىلارەنىڭ ئىچى تار ئەمەس، ئۇنىڭ بوۋايغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەرگىز ئۇنىڭغا يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ.
لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، ھەممىنى ئەتراپلىق ئويلاشقىنى بىلەن، مومايدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر تاساددىپىيلىقىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
ئۇنىڭ سوققان پىلانىنى بۇزۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىپ، ئازراقمۇ ئەھمىيىتىنى قويمىدى.
بوۋاينىڭ قارىشىچە، دىلارەنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرىشىگە قوشۇلغانلىق ئۇنىڭغا بېرىلگەن چوڭ ئىلتىپات، لېكىن موماي ئۇنى نەگە بېرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەرگە بېرىڭ ، بۇ يەردە سىزنىڭ ئىشىڭىز يوق دەپ قوغلىدى.
يەنە پاراڭلاشقۇدەك نېمە قالدى؟
بوۋايغا ئەسلا گەپ قىلغۇدەك ئىمكانىيەت قالدۇرمىدى.
بوۋاي ھازىر ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، چۈشىدىغان پەشتاقمۇ تاپالمىدى.
دىلارە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇردى.
پۈتۈن ئۆي جىمجىت بولغاچقا، ھەممە ئادەم نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
- نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز؟ ئۇ يەردە توساق بارمىكەن؟ سىزگە دەپ قوياي، بوۋاي، سىز شىركەتنى ھەر قانداق نەرسىدىن مۇھىم بىلىسىزغۇ، بولىدۇ! مەن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئىگە بولالمايمەن، لېكىن مەن سىزنىڭ نەۋرەمنىڭ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشىڭىزغا ھەرگىز يول قويمايمەن. قايتىپ بېرىپ، بوشى مالىيە گۇرۇھىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ، بىز بىر ئۆمۈر ئەرزىمەس، چاكىنا، ئىقتىدارسىز بولۇشقا تېگىشلىك ئادەملەر! - دېدى موماي.
ئاۋازى بايامقىدەك سوغۇق ۋە غەزەپلىك چىقمىدى، شۇ تاپتا ئۇ خۇددى بايامقى ئۆزى ئەمەستەكلا تەمكىن سالماق قىياپەتتە تۇراتتى.
بوۋاي ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ:
- سىلەر بىر نەچچە ئايال كىشى، بىر ئۆمۈر ھېچ ئىش قىلماي، ئاددىي-ساددا، ئىقتىدارسىز ياشىيالايسىلەر، بۇنىڭ ئۆزى بىر شەخسىيەتچىلىك! - دېدى.
ئاندىن تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ، دىلارەنى كۆرسىتىپ غەزەپلىنىپ:
- سىلەر ئەرلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى قانداق جەزىملەشتۈرەلەيسىلەر؟ نېمە لازىم بولسا ئالالمىسا، ئەرلەر قانداقمۇ سىلەرنى ھەممىدىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلىسۇن؟ سىز بەك ئەخمەقمۇ ياكى بەك ساددىمۇ، بۇ دۇنيانى شۇنچە گۈزەل دەپ قارامسىز؟ مالىيە كۈچى بولمىسا، نەدىن كەلگەن بەختكەن ئۇ ؟
ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شۆھرەتپەرەسلىكى ۋە غايىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىليار ئۇنى دەپ بوشى گۇرۇھىدىن ۋاز كەچتى، ھازىر كىشىلەر قىلچە تەپ تارتماستىن ئۇنىڭ ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ، مەسخىرە قىلىشىۋاتىدۇ. بۇرۇن كىم ئۇنى بۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالايتتى؟
يەنە سىزمۇ بار موماي، شۇنچە يىللاردىن بېرى، مەن سىزنى ياخشى قوغداپ كەلدىم، سىز يەنە مانا مۇشۇنداق ساددىلىق قىلىپ يۈرەمسىز؟ - دېدى.
موماينىڭ چىرايى مۇزدەك سوۋۇپ كەتتى.
بوۋاي ھەسرەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:
- ئىليار ھازىر ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۈچۈن شۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، قورسىقىدىكى بالىسى تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇنىڭغا نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ بالىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش، بىر ئۆمۈر ئىقتىدارسىز بولۇشىنى خالامسىز؟ ! - دېدى.
- مېنىڭ ئىشىمدىن سىز ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بوۋاينىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، تۇيۇقسىز سوغۇق ئاۋاز كەينىدىن ئاڭلاندى.
كۆپچىلىك بېشىنى بۇراپ كەينىگە قارىدى، ئىليار كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ شۇ يەردە تۇراتتى.
- نېمە دېدىڭ؟ ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈستىدە ئويلانمامسەن؟ ! سېنىڭچە ھازىرقى سەن، كېيىن ئۆز بالىلىرىڭغا نېمە قالدۇرۇپ قويالايسەن؟ ! - دېدى بوۋاي.
- مەندە تەبىئىي ھالدا ئۇلارنى مۇتلەق پەخىرلەندۈرىدىغان نەرسە بار، باشقىلاردا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىمۇ چوقۇم بولىدۇ، باشقىلاردا يوق نەرسىلەردىنمۇ بەھرىلىنەلەيدۇ! بۇلارنى سىز ماڭا ئەسكەرتىپ قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئويلىغان نەرسىنى، مەن ئازراقمۇ ئويلاشمىغاندىمەنمۇ؟ ئەگەر سىز بۇ قېتىم يەنىلا بوشى مالىيە گۇرۇھىنى چوڭ بىلىپ كەلگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا كۆپ سۆزلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. - دېدى ئىيار.
- سەن بەك جاھىل ئىكەنسەن! - دېدى بوۋاي.
بوۋاي بۇ قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. <<شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، رېئاللىق ئىليارنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەپتۇ. نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق.>> دەپ ئويلىدى
بىر ھازادىن كېيىن، بوۋاي سوغۇق كۈلۈپ:
- ياشلار مەغرۇر كېلىدۇ، ئۆزۈڭچە مەغرۇرلانغۇدەك يېتەرلىك ئىقتىدارىڭ بارمۇ؟ ئۇ ھازىر كاتتا خانقىز بولغان تەقدىردىمۇ، سىنىڭ بىر نەچچە يىل ئاز كۈرەش قىلىشىڭغا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئەمما سەن بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى ئورنىدەك ئورۇنغا چىقماقچى بولساڭ، ھەرقانچە قابىلىيىتىڭ ۋە ياردەمچىڭ بولسىمۇ، نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلىشىڭ كېرەك!
بالىلىرىڭغا مەغرۇرلانغۇدەك نەرسە بەرگۈڭ بارمۇ تېخى، خىجىل بولماي چوڭ گەپ قىلىدىغان بولۇپ كېتىپسەن! - دېدى.
بوۋاي گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا ئىليارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ:
- ھازىرقى ئەھۋالىڭغا قاراپ باق، باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىپ، زادى قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتىسەن؟ تېخىچە چۈشەنمىدىڭمۇ؟ ئائىلىمىزدىن ئايرىلىپ، سەن زادى نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالدىڭ؟ ! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar