يولدۇشۇمنىڭ مېھرىگە سىزىك ئايالمەن؟ئاياللارھېيلسى106-قسم

文摘   2025-01-01 20:59   海南  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم


-106-قىسىم 



-ئاڭلىسام،گىپىڭىز بەك يوغان،تۇرغۇن مۇدىر ۋە يىشىل شەھەرنى قۇتقازغىنى كەلدىم دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۇۋېلىپ،ئامانلىق ساقلىغۇچىلاربىلەن كاتىۋىم شۇنچە قىلىپمۇ،سىزنى توسۇپ قالالماپتۇ،مەن بىلەن كۆرۈشمىسىڭىز بولمايدىغان زادى قانداق مۇھىم ئىشىڭىز بار ئىدى؟ئەجەبا شۇنچە چوڭ يىشىل شەھەر گورۇھى سىزدەك كىملىكى نامەلۇم بىر ئايالنىڭ قۇتقۇزىشىغا ئىھتىياجلىق ھالغا چۈشۈپ قاپتۇما؟ - خانقىز بىر ئاماللارنى قىلىپ، دىمىگەن گىپى قالماي ئاران دىگەندە تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىۋىدى، تۇرغۇن مۇدىر ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئايالغا سىرلىق نەزەردە قاراپ شۇنداق دىدى.

- مەن يىشىل شەھەر ۋە سىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمەن دىگەن ئىكەنمەن،ئەلۋەتتە شۇنىڭغا تۇشلۇق ئاساسىم بار - دىدى خانقىز ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا،ئۇ بۈگۈنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،بارلىق ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشلىتىپ بولسىمۇ،تۇرغۇن مۇدىرنى قايىل قىلىشقا ئاللىقاچان بەل باغلاپ بولغان ئىدى.

- قېنى،قانداق ئاساسىڭىز باركىن؟مەن بىر ئاڭلاپ باقاي-دىدى تۇرغۇن مۇدىر،خانقىزنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالىتىگە قاراپ،دىمىسىمۇ تۇرغۇن مۇدىرمۇ ئالدىنقى قېتىم قانۇن تەرەپتىن چاقىرىتىلغاندىن كىيىن،كۈندە دىگۈدەك دەككە-دۈككە ۋە ۋەھىمە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە،خانقىز ئوخشاش تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئۆزىنى قۇتقازغۇچىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.

- شەمسىيەنى تونۇيدىغانسىز؟ - دىدى خانقىز تولىمۇ سىرلىق قىلىپ.

- شەمسىيە؟ -تۇرغۇن مۇدىر ئاللىقاچان ئىسىدىن چىقىرىۋىتەيلا دەپ قالغان بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ،دەرھال سابىق ئاكىسى سىدىقنى ئىسىگە ئېلىپ،يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى-شەمسىيەگە نىمە بوپتۇ؟

- ئۇنىڭغا ھېچچىش بولمىدى تۇرغۇن ئەپەندىم،قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاۋەرمەي، ئانچە مۇنچە جاھان خەۋەرلىرىگىمۇ نەزەر سېلىپ قويۇڭ،شەمسىيەخان ھازىر، سىزنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىڭىز ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورى بولدى،دىمەككى، ئۇ بۇنىڭدىن كىيىن سىزدەك تاغىسى بىلەن ئاشكارا رىقابەتلەشمەكچى-

- بۇ،مۇمكىن ئەمەس،ئۇ قانداقسىگە،قايسى ئىقتىدارىغا تايىنىپ،ماكانىمنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ قالىدۇ؟

- سىز مۇمكىن ئەمەس دىگەن ئىشىڭىز ئاللىقاچان رېئاللىققا ئايلىنىپ بولدى مۇدىر ئەپەندىم،بۇنچىلىك ئىشلارنىڭ بولۇشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋالغۇ؟بەلكىم ماكانىمنىڭ خوجايىنى رىشىت ئەپەندىم،ئۆزى قېرىغان بىلەن كۆڭلى قېرىمىغان ئادەمدۇر؟ۋە بەلكىم شەمسىيەنىڭ سەتەڭلەر ھىيلىسى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەندۇ! -

- ئۇنداقتا شەمسىيەنىڭ ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورى بولۇشى بىلەن،مىنىڭ ھەم يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ سىز نىمىگە ئاساسلىنىپ بىزنى تەھدىتكە ئۇچرىدى دەپ قارايسىز؟ -

- سىزنىڭچە، شۇنچە ئۇزۇن جىم ياتقان شەمسىيەخاننىڭ نىمىشقا تۇيۇقسىزلا ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ قالغۇسى كىلىپ قالغاندۇ مۇدىر ئەپەندىم، -دىدى خانقىز  شەھۋانىي كۆزلىرىنى تۇرغۇن مۇدىرغا تىكىپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قورقۇنۇچ سالسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سەتەڭلەر ھېيلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ.

- ماڭا بۇنداق قارىماڭ،مەن ئەزەلدىن ئومۇمنىڭ ئىشىنى، ئۆز خاھىشىمدىن ئەلا بىلىدىغان ئادەم،ئاۋۋال ماڭا تاشلىغان سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئېيتىڭ،ئۇنىڭدىن كىيىن باشقا ئىشلارغا كىلەيلى-دىدى تۇرغۇن مۇدىر،خانقىزنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ  ئۇدۇللا ئۇنى  رەت قىلىۋەتمەستىن ئۈمىد بىرىپ.

-بىر ھەپتە ئىلگىرى، كىلىنىڭىز شەمسىيەخاننى ئىزدەپ كەلدى،ئۇ ئۇنىڭغا سىزگە مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەرنى ئېيتىپ، سىزنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ،ئېچىنىشلىق نالە قىلدى،قېنى ئېيتىڭە ئۇ شەمسىيەگە زادى نىمىلەرنى دىگەندۇ؟ -

- نىمىلەرنى دىدى؟ -قايتۇرۇپ سورىدى تۇرغۇن مۇدىر،شۇ تاپتا ئۇنىڭ تاپىنىنىڭ ئۇچىدىن تارتىپ چوقىسىغىچە شۇررىدە بولۇپ ماغدۇرسىلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىشلىرىدىن شەمسىيەنىڭ خەۋەر تاپقانلىقىدەك كۆرۈنۈش كۆز ئالدىغا كەلدى.

-كىلىنىڭىزنىڭ دىگەن سۆزلىرىنىڭ راسلىقىغا مەن قەتئىي ئىشەنمەيمەن،شۇڭا ئاساسىي يوق  بۇنداق گەپلەرنى ھېچكىمگە، ھېچقانداق ئورۇندا دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن،ئەمما مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،كىلىنىڭىزنىڭ شەمسىيەگە نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىدىن سىز خەۋەرسىزمۇ ئەمەس،بەلكىم، خۇددى سىز ئەنسىرەۋاتقان ئاشۇ  ئىشلارنى دىگەن بولۇشى مۇمكىن-دىدى خانقىز،قەستەن سىرلىقلاشتۇرۇپ، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئەندىشىسىگە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق،ئۆزىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تەكىتلەش ئۈچۈن.

-ئەڭ ئاۋۋال،سىزگە شۇنى دەپ قويايكى،مەن جىيەن قىزىم بىلەن ئاداۋەتلەشكۈدەك،ياكى ئۇنىڭ ئالدىدا،تىلىم تۇتۇلغۇدەك، ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزگىنىم يوق،ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدا زىدىيەت بار دىيىلسىمۇ،پەقەت مەن ئۇنىڭ سىرتقا قاراپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ،ئۇنى يوقلىغاچ، سەگۈتكۈدەك ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپلا قويغان يىرىم بار خالاس،ئىككىنچىدىن،كىلىنىمنىڭ شەمسىيەنى نىمە مەقسەتتە ئىزدەپ بارىدىغانلىقى سىز دىمىسىڭىزمۇ، ماڭا ئايال،ئوغلۇم ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن،ئۇ ئانىسىنىڭكىگە بىر كىتىۋالغانچە،بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگىنى ئۇنىماي، ھەتتا نەۋرىللىرىمنى كۆرۈشۈمگىمۇ يول قويماي كەلدى،شۇ سەۋەبتىن مەن ئۇنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ئۈزىۋەتتىم،ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى چۆچۈتۈپ قويماقچى بولدۇم،ئېنىقكى ئۇ تۇرمۇشتىن قىينالغانلىقى ئۈچۈن،شەمسىيەنى ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغان،ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا،ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۇۋۋال بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،مىنى بەزىبىر جەھەتلەردىن مىنى ئەيىبلەپ بەرگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىنى بولمايدۇ،ئۈچىنچىدىن،شۇنىسى ئېنىق بولۇپ كەتسۇنكى، يىشىل شەھەر گورۇھىمىزنىڭ ئاساسىي ئىنتايىن پۇختا، مەن تۇرغۇن مۇدىرنىڭمۇ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىم پۈتۈن يىشىل شەھەر خەلقىگە بەش قولدەك ئايان، يىشىل شەھەر گورۇھى، ھەم مەن تېخى سىزدەك نەدىن كەلگىنى، كىملىكى نامەلۇم بىر ئايالنىڭ قۇتقۇزىۋېلىشىغا مۇھتاج بولۇپ قالغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمىز يوق،مەن بۇ ئۆمرۈمدە،سىزدەك تاكتىكىچى خۇمپەرلەردىن نۇرغۇننى كۆرگەنمەن،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى،مەن ساقچى چاقىرغۇچە، چىرايلىقچە كىتىۋېلىڭ- قۇۋلۇقتا خانقىزدىن قېلىشمايدىغدن تۇرغۇن مۇدىر،ھەرقانچە جىددىيلەشكەن بولسىمۇ ئەمما، ھەرگىزمۇ خانقىزنىڭ ئىككى ئېغىز گىپىگە ئىشىنىپ،ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئىشنى قىلمايتتى،ئۇ يىشىل شەھەر گورۇھى زورىيىپ،ساقتا ساخاۋەتلەر ئارقىلىق ئىناۋەت تاپقاندىن بۇيان،ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كىتىۋاتقان بولۇپ،ھەرقېتىملىق ھايۋانى نەپسى قۇترىغان چېغىدا،ياكى كۆزى يىشىل شەھەردىكى مەلۇم نازىنىنغا چۈشۈپ قالغان چاغلاردا،قول ئاستىدىكى قۇلاق كەستىللىرىنى ئوتتۇرىغا سېلىش ئارقىلىق،پۇلنىڭ چوڭىنى خەجلەپ،ئۇلارنى سېتىۋېلىپ،قاراڭغۇ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،نىقابلىق ھالەتتە ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھېچقايسىسىغا ئاشكارلىماي ھەم بىلىندۈرمەي كىلىۋاتاتتى،گەرچە خانقىزنىڭ باياتىنقى شەھۋانىي كۆزلىرى،ئۇنىڭ ھايۋانىي نەپسىنى قۇترىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۆزىنى ئاشكارلىغان ھالدا،بۇنچە ئاسان قىلتاققا چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس،ناۋادا، ھەقىقەتەن خانقىزغا ئېرىشىشنى ئويلىغان ۋە ئارزۇ قىلغان ھالدىمۇ، بۇنىڭ يولى يەنىلا كونا قائىدە بويىنچە بولاتتى.

-مۇدىر ئەپەندى،نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيدىغانسىز - خانقىزنىڭ  بۇنچە ئاسان مەغلۇپ بولغىنىغا ھېچبىر تەن بەرگۈسى كەلمەيۋاتاتتى- زادى قانداق قىلىپ بەرسەم ئاندىن ماڭا ئىشىنىسىز؟-

- ماڭا سىزنىڭ ھېچچىش قىلىپ بىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،چىقىپ كىتىڭ-

- مەن خانقىز،شەمسىيەنىڭ ئىرى يالقۇننى تارتىۋالغان ھېلىقى ئايال شۇ- خانقىز تۇرغۇن مۇدىرنى ئۆزىنىڭ سەمىمىيتىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىر راس سۆزى بىلەن يەمچۈك سالدى.

- داۋاملىق سۆزلەڭ-ئۇنىڭ بۇ يەمچۈكى راستىنلا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،تۇرغۇن مۇدىردا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراق قىزىقىش پەيدا قىلدى.

- شەمسىيەنى ئاددىي چاغلاپ قالماڭ مۇدىر ئەپەندى،بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،يالقۇن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلدى،گەرچە ساقچىلار ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ يەكۈن چىقارغىنى بىلەن،  نىمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى نامەلۇم!ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئاۋۋال شەمسىيەنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپلا قالماي،يەنە نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان،ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن،شەمسىيەك تىغ ئۇچىنى ماڭا قاراتتى،ھازىر ھەركۈنۈم ئۇ ماڭا يەنە قايسى يېڭى قاپقانلارنى قۇرىۋاتقاندۇ دىگەن ئەندىشە بىلەن ئۆتۈۋاتىدۇ،ئىشىنىڭكى ئەگەر مەن چاققان كەلمىگەن بولسام،مىنىڭ كۆرىدىغان كۈنۈممۇ يالقۇندىن قېلىشقۇسى بولغان بولاتتى،مەن پەقەت شەمسىيەنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە،ئۇنى كىلىنىڭىز ئېيتقان سۆزلەرگە ئىشىنىپ،سىزدىن ئۆچ ئېلىش ئويى بارلىقىنى قىياس قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا سىزنى ئىزدەپ كەلدىم،ئۇنىڭ ماكانىمغا كىرىپ،باش دىرىكتور بولۇشىلا بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى،مۇدىر ئەپەندى، بەلكىم ئۇنى بىر ئايال كىشى دەپ ياراتمايۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئۇنىڭغا سەل قارايدىغان بولسىڭىز،چوقۇم كەلگۈسىڭىزگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بالايىئاپەتلەرنى ئەكەلمەي قويمايدۇ،شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى،شەمسىيە ھازىر ئاللىبۇرۇن ماكانىم گورۇھىنىڭ مۇدىرى رىشىت ئەپەندىم بىلەن بىرلىشىپ،سىزدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولدى،ماڭا ئىشىنىڭ ،سىزگە بولغان ئەڭ چوڭ خىيىم -خەتەر قانداقتۇر رىقابەتچىللىرىڭىز ۋە سودىدىكى زىيان پايدىللىرىڭىزدىن كەلمەستىن بەلكى جىيەن قىزىڭىز شەمسىيەدىن كىلىدۇ،ئۇ ھەتتا ھېلىقى ماكانىم گورۇھىدىكى رىشىت مۇدىردىنمۇ خەتەرلىك،بىز بىرلىشىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرايلى،ئىشىنىمەنكى مىنىڭ ئەقلىم ۋە سىزنىڭ كۈچىڭىزنى بىرلەشتۈرىدىغان بولساقلا،بىز چوقۇم ئۇ ئايالنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى بىتچىت قىلىپ،ئامان-ئىسەن ھالدا ئۇنى مەغلۇپ قىلالايمىز -تۇرغۇن مۇدىرغا خانقىزنىڭ سۆزلىرى ئاڭلىغانسېرى ئورۇنلۇق بىلىنگەچكە بۇ قېتىم،ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئارلىماستىن ئاخىرلاشقۇچە تولۇق ئاڭلاپ تۈگەتتى.

-سىز مىنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرمەكچى بولسىڭىز،ئاۋۋال ماڭا،مۇنۇ ئۈچ ئىشنى قىلىپ بىرىشىڭىز كىرەك،شۇنىڭدا،مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى ھەمكارلاشماسلىقنى قارار قىلىمەن،بۇنى بىر قېتىملىق ئىمتىھان دەپ بىلسىڭىزمۇ بولىدۇ-ئۇ خانقىزنى ئالدىغا بىر ماتىرىيالنى قويۇپ سۆز باشلىدى
- بىرىنچىدىن،ھازىر يىشىل شەھەر گورۇھىمىز، ماكانىم گورۇھى بىلەن بىر قېتىملىق  چوڭ رىقابەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز،مەن سىزگە بەرگەن بۇ ماتىرىيال، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىشىل شەھەر ساياھەت مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، 30كىۋادىرات كىلومىترلىك زىمىنغا خېرىدار چاقىرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ماتىرىياللار، بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىش يىغىنى مەيلى بىز ئۈچۈن بولسۇن،  ۋەياكى ماكانىم ئۈچۈن بولسۇن، ئىنتايىن مۇھىم،ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كىم مۇشۇ زىمىنغا خېرىدار بولالىسا،بۇنىڭدىن كىيىن، يىشىل شەھەردە شۇنىڭ دىگىنى ھېساب بولۇپ قالىدۇ، دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ،شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق،زىمىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندىن باشقا،يەنە ئەڭ ئاخىرىدا  ھەرقايسى گورۇھ ۋە شىركەتلەرنىڭ پىلان ۋە لايھىيەسىگە قاراپ، ئاندىن كىمگە سېتىپ بىرىش توغرىسىدا قارار چىقرىلىدۇ.مەن سىزدىن بۇ زىمىنغا قارىتا بىرەر پىلان ۋە لايھىيە تۈزۈپ بىرىڭ دىمەيمەن،ماكانىمنىڭ لايھىيەسىنى ئوغۇرلۇقچە قولغا چۈشۈرۈپ بەرسىڭىزلا كۇپايە،كىلىنىمنىڭ شەمسىيەنى ئىزدەپ بارغان ۋە  پاراڭلاشقانلىرىدىن تەپسىلىي خەۋەر تاپالىغۇدەك ماھارىتىڭىز بولغان ئىكەن،مىنىڭچە سىزگە شەمسىيە ئارقىلىق ماكانىمنىڭ  لايھىيەسىنى ئوغۇرلاش تەسكە چۈشمەيدىغۇ دەيمەن، خېرىدار چاقىرىش يىغىنى ئەتە چۈشتىن كىتىن ئېچىلىدۇ، ئەتە ئەتىگەنگىچە لايھىيەنى ئوغۇرلىيالىسىڭىز،بىز ئۇلارنىڭ لايھىيەسى بىلەن ئۆز لايھىيەرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ  ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالىمىز، ماكانىم قايتا لايھىيە تۈزۈشكە ئامال قىلالمايدۇ دە،يىشىل شەھەر گورۇھى بۇ تۈرگە ئوڭۇشلۇق ھالدا خېرىدار بولالايدۇ دىگەن گەپ. سىز ماڭا قىلىپ بىرىدىغان ئىككىنچى ئىش بولسا،سىزگە تاپشۇرىدىغان ئىككىنچى ئىش بولسا،مىنىڭ رەپىقەم گۇلنىسانى تېپىپ چىقىش،چوڭ ئوغلۇم راخماننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن،ئۇ ئېلىىشپ قالغانلىقى ئۈچۈن،  ساناتورىيەدە داۋالىنىۋاتاتتى، بىرقانچە ئاي ئاۋۋال ئىز-دىرەكسىز غايىب بولغانچە،تا ھازىرغىچە تېپىلمىدى،ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن، پەقەت مىنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم ئىبراھىم ۋە رەھىمە ئىسىملىك ئايالنىڭلا خەۋىرى بار،بەلكىم بۇ ئىشلاردىن يەنە بىر ئالاھىدە ئادەمنىڭمۇ خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن،ئۇ دەل گۇلنىسانى يوشۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقان ئادەم، سىز كىلنىمنىڭ شەمسىيەنى ئىزدەپ بارغانلىقىنى ئېيتقاندىن كىيىن،مەن يەنە بىرخىل ئىھتىماللىقنىڭ بار يوقلۇقى ئۈستىدە ئويلۇنۇو قالدىم،يەنى،شەمسىيەنىڭ بۇ ئىشقا چېتىشلىقى بارمۇ قانداق؟ راستىنلا چېتىشلىقى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا گۇلنىسا زادى قەيەردە؟بۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىش سىزنىڭ يۈزلىنىدىغان ئىككىنچى سىنىقىڭىز،ئەگەر مۇشۇ سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىسىڭىز،ئۇنداقتا،مەن سىزگە رەسمىي ئىشىنىپ،يىشىل شەھەر گورۇھىدىن مۇھىم خىزمەتتىن بىرنى ئاجرىتىپ بىرىپ، سىز بىلەن ھەمكارلىشىمەن،قانداق،يۇقارقى ئىككى تەلىپىمنى ئورۇندىيالامسىز؟

-بولىدۇ، مۇدىر ئەپەندى، سىز ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىكەنسىز،ئۇنداقتا، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ بارىچە ئورۇنداشقا تىرىشىمەن،ئەمما سىز چوڭ-چوڭ تىجارەتلەرنى قىلىۋاتقان ئادەم،بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ، دىگەن قائىدىنى چوقۇم بىلىسىز، مىنىڭ بۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنداپ چىقىشىم ئۈچۈن كىتەرلىك خىراجەتلەرنى ئاجرىتىپ بىرەلەمسىز؟

-بۇنىڭدىن غەم قىلماڭ،خىراجەتنىڭ ئىشىنى مەن مالىيە بۆلۈمدىكىلەر تاپىلاپ قويىمەن،ئۇلار سىزگە چەك كىسىپ بەرسۇن، ئەمما، مەيدىڭىزگە ئۇرۇپ قىلىمەن دىگەن ئىشىڭىزنى ئورۇندىيالماي قالسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزمۇ مەندىن رەنجىمەڭ،مەن پۇلنى ھەرگىز بىكاغا خەجلىمەيمەن، ۋاقتى كەلگەندە،ھەسسىلەپ قايتۇرۇسىز-

-خاتىرجەم بولۇڭ مۇدىر ئەپەندى،مەن خانقىزمۇ  ئەزەلدىن قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلىپ كەلگەن،ئۈمۈدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن-خانقىز شۇنداق دەپ يەنە بىر قېتىم شەھۋەت ئۇرغۇغان كۆزلىرى بىلەن تۇرغۇن مۇدىرغا قارىدى، ئېنىقكى خانقىزنىڭ تۇرغۇن مۇدىرغا يېقىنلىشىشتىكى مەقسىدى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى ھەمكارلىشىش ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىش ئارقىلىق،ئاستا- ئاستا ئۇنى تىزگىنىگە  ئېلىپ، يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ ئايال خوجايىنىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ قېتىم ئۇ ئالدىنقى قېتىملاردىن ساۋاق ئالغىنى ئۈچۈن، قانداقتۇر يىشىل شەھەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئويىدا، بولۇپ تۇرغۇن مۇدىرنى قاقتى-سوقتى قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ يۈرمىدى،پەقەت  ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ،قانۇنلۇق ئايالى بولۇش ئارقىلىق،ئۇنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسىغا ئايلىنىش شىرىن چۈشىنىلا كۆرۈپ كۇپايىلەندى،نىمىلا دىگەن بىلەن يىشىل شەھەر گورۇھى يالقۇننىڭ ئايفىيانناسىدەك ئۇششاق شىركەت ئەمەس،ئەگەر ئۇنىڭ پەقەت بىر نەپەر  قانۇنلۇق مىراسخورى بولالىسىلا،ئېنىقكى ئۇنداق ئايفىياننادىن ئونغا تەڭلەشكۈدەك مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولىدىغان گەپ،ئۇنىڭ  ئۈستىگە قېرىپ-ماكچىيىپ كەتكەن تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگىمۇ ئۇزۇن قالمىغاندۇ بەلكىم،ۋە ياكى خانقىز ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىزلىتىدىغان چارىدىن بىرەرنى قوللانسىمۇ بولىدىغۇ؟ -

- چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ-خانقىز شۇ خىياللار بىلەن مال-دۇنيانىڭ شىرىن چۈشۈگە غەرق بولۇپ تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ شەھۋانىي قاراشلىرىدىن نەپسى قۇتراپ تۇرغان تۇرغۇن مۇدىر تەستە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،ئۇنىڭ ئەمدى بۇنداق قاراپ تۇرۇۋەرسە، پىرىنسىپىغا مۇخالىپ ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، قوپاللا ئۇنىڭ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلغاب ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى.

- يەۋەتكۈدەك قاراۋاتىتى بولمىسا بۇ نۇمۇسسىز ئوغرى، ئەجەپ قوپاللا ھەيدىۋەتتى دىسە-تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە نىقابلىق ئۇچرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز خانقىز، بۇ قېرى قاقۋاشنى قولغا كەلتۈرۈشتە مەغلۇب بولغىنىدىن ئاغرىنىپ ۋايسىغاچ يىشىل شەھەر گورۇھىدىن ئايرىلدى.

- جېنىم قابىلىم، ئاشىقىم، ھاياتىم،سىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسەن؟ - ئېنىقكى خانقىز شەمسىيە ئارقىلىق ماكانىمنىڭ لايھىيەسىگە ئىرىشىمەن ۋە گۇلنىسا توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىرىشىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ئاۋۋال قابىلدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشى كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئۇ سىرتقا چىقىپلا بۇ ئەخمەقكە  تىلفون ئۇرۇپ، ئۇ ئەڭ ئاسان تەسىرلىنىدىغان شەكىلدە ئەركىلەپ،ئاۋۋال ئۇنى تازابىر مۇرادىغا يەتكۈزىۋىتىپ،ئۇنىڭدىن كىيىن،ئۇ ئارقىلىق  مەقسىدىگە يەتمەكچى بولدى.

-ماڭا نىمە ھاجىتىڭ چۈشكەن بولسا، ئۇدۇل ئېيتىۋەر، گەپ ئەگىتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، -دىدى قابىل ئەتىگەنكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ غەشلىكىدىن تېخى قۇتۇلۇپ كىتەلمەي تۇرغاچقا، خانقىزنى تۇيۇقسىز قىزغىنلىقىغا كۆنەلمىگەندەك.

-نىمە،ئەمدى سىنى سېغىنىشىمغىمۇ باھانە كىرەك بولۇپ قالدىمۇ،جېنىم ئىرىم،سەن دىگەن مىنىڭ ئىرىم،قاچاندا سېغىنغۇم كەلسە سېغىنىۋېرىمەن مۇشۇنداق،بولماپتۇما ئەجەبا-دىدى خانقىز ئاۋازىغا تېخىمۇ ئەركىلەش تۈسى قوشۇپ.

-ياق،سېغىنساڭ بولىدۇ، ئەلۋەتتە سېغىنغىنىڭ ياخشى،ئەمما بۇنداق تۇيۇقسىزلا سېغىنىپ كەتسەڭ،مەن سەل غەيرى ئويلاپ قالىدىكەنمەن شۇ-

- ئوش جىق گەپ قىلماي،يىشىل شەھەر ئالىي مىھمانخانىسىدىن ياتاق زاكاس قىلىپ قويدۇم،دەرھال كىلىپ ماڭا تىلفون قىلە لامزەللە -دىدى خانقىز ئەركىلەش تۈسىنى يوقاتماي تۇرۇپ،مەينەت گەپنى باشلاپ-مۇشۇنداق دىمىسەم ئىشەنمەيسەنغۇ سەن،سەنغۇ مىنىڭ مۇشۇنداق تىللاشلىرىمغا خۇمارغۇ زادى-

-ماقۇل،ھازىرلا باراي-قابىل ئەزەلدىن خانقىزنىڭ لامزەللە دەپ تىللاپ تۇرۇپ بۇيرىغان بۇيرۇقىنى رەت قىلالمايتتى،دىمەككى ئۇ بۇرۇندىن، خۇددى خانقىز ئېيتقانغا ئوخشاش،ئۇنىڭ مەينەت سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغۇچە،ھاياجانلانمايدىغان لىڭتاسما  دەلدۈرۈم ئىدى،خانقىزنىڭ ئاشۇ مەينەت تىللىرىنى ھار ئالماستىن،ئەكسىنچە ئاشۇ ھار تىللىرىنى  ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كىلىپ،بۇيرۇقلىرىنى بىجاندىل ئورۇندايتتى.بەلكىم بۇ قابىلنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولسا كىرەك،ۋە ياكى خانقىزنىڭ ئاشۇ مەينەت تىللىرى ئاللىبۇرۇن قابىلنىك ھايۋانى نەپسىنى قوزغايدىغان شەرتلىك رېفلىكىسقا ئايلىنىپ كەتكەندۇ!

-بۇ مۇمكىن ئەمەس،تېخى باياتىن ئاجرىشىش خىتىنى قولۇمغا ئېلىپ كەلدىم،شەمسىيە ھەتتا سوتقىمۇ ئۆزى كەلمەي،ئادۇۋكاتىنى ئەۋەتىپتۇ،ئۇنىڭ پەقەتلا مىنى كۆرگۈسى يوقكەن،ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەي دىسەممۇ،ئامالىم يوق-قابىل بىر ھازالىق ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇشلاردىن كىيىن،رەسمىي يوسۇندا خانقىزنىڭ قولىدىكى قونچاققا ئايلىنىپ بولدى،خانقىز مەقسەتلىرىنى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن دەپ بىر بايان قىلىۋى،ھە دىگەندىلا ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ،ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە باشلىدى.

-نىمانداق ئۈمۈدىمنى يەردە قويىسەن قابىل،شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالمىساڭ،سىنىڭ نەرىڭ ئەركىشى زادى؟مەنمۇ باللىرىمنىڭ ھەم سىنىڭ كەلگۈسۈڭنى ئويلاپ شۇنداق قىلايلى دەۋاتىمەن،مۇشۇ ئىشنى پۈتتۈرسەكلا تۇرغۇن مۇدىر بىزگە بىر مىليون يۈەن بىرىدىغان بولدى،ساڭا ۋەدە بەردىمغۇ،ئاشۇ بىر مىليوننى ئالغان ھامان سەن بىلەن بىللە يىشىل شەھەردىن كىتىمەن دەپ،بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بولۇپ،بىللە،بەخىتلىك ياشىساقكەن دەپ ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەيدىكەنسەن،ئەجەبا بىزنىڭ بىللە بەخىتلىك ياشىشىمىز ئۈچۈن،مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن؟- - ئۇنداق بولسا، ئۇ ماتىرىيالنى قانداق قولغا چۈشۈرىمەن؟ -خانقىز قابىلنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى قىستىۋىدى،بۇنىڭ ھەر ھالدا ئاز-تولا ئۈنۈمى كۆرۈلگەندەك بولدى.

- شەمسىيەنى ماكانىم گورۇھىدىكى ئىشخانىسىغا ئىزدەپ بارىسەن،ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ خاتا قىلغانلىقىڭنى ئېيتامسەن،پۇشايمان قىلغىنىڭنى دەمسەن،ۋە ياكى مىنىڭ ساڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىمنى دەمسەن،نىىمە دىسەڭ دەپ،ئۇنى تەسىرلەندۈرىسەن،ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا مۇنداق مەزمۇندا گەپ قىل،يەنى باللىرىمنى ئويلاپ، خانقىزنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ سىزگە يۈزسىزلىك قىپتىكەنمەن، خانقىز ماڭا يەنە بىر قېتىم يۈزسىزلىك قىلىپ، بالىلار بىلەن كارى بولماي، باي  ئەرنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالدى، مەن ھازىر بالىلار بىلەن بەكلا قىينىلىپ قالدىم، بىزگە ياردام قىلغان بولسىڭىز دە، ھە راس،كىچىك قىزىمىز ئاينىگارنى بىللە ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالما، شەمسىيە ساددا ھەم كالۋا ئايال، ئۇنىڭ چوقۇم ساڭا ئىچى ئاغرىمىغان ھالدىمۇ، ئاينىگارغا ئىچى  ئاغرىپ، باغرى ئىرىپ كىتىدۇ،دەل شۇ پۇرسەتتە ئاينىگار تازىلىق ئۆيىگە كىرىمەن دەپ، تازا غەلۋە قىلسۇن، سەن مەن داداڭ تۇرسام قانداق  ئەكىرىمەن  سىنى، چىداپ تۇر دەپ تۇرىۋال، ئىشىنىمەنكى شەمسىيەخان شۇ چاغدا چوقۇم ئاينىگارنى تازلىق ئۆيىگە  ئەكىرىشكە تەشەببۇسكارلىك بىلەن ئۆزى ماڭىدۇ، سەن شۇ پۇرسەت  پۇرسەتتە، ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى ئاقتۇرۇپ، لايھىيەنى قولغا چۈشۈرىسەن، ۋاقتىڭ يىتىشسە، رەسىمگە تارتىۋال، ۋاقتىڭ يىتىشمەي قالسا، لايھىيەنى قوينۇڭغا تىقىپلا ئېلىپ كەلسەڭمۇ بولۇۋېرىدۇ - دىدى خانقىز ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشلىتىپ،ئۆزىنىڭ تاكتىكىچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ.

- چاتاق چىقماس ھە؟

- چاتاق چىقمايدۇ، باشقىلار بولغان بولسا بەلكىم چاتاق چىقىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئىشەنگىنكى شەمسىيەدىن ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ، ئۇ سىنى نەق مەيداندا تۇتۇۋالسىمۇ، ھېچقانداق قىلالمايدۇ، باغرى يۇمشاق، تاۋى نازۇك خېنىم ئۇ-دىدى خانقىز قابىلنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتمەكچى بولۇپ-ھە راس، يەنە بىر ئىش بار ئىدى، سەن شەمسىيەنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان چاغلىرىڭدا، گۇلنىسا دەيدىغان ئېلىشىپ قالغان ئايال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىپ باققانمۇ؟

-كىلىشىغۇ كەلگەن، رەھىمە دەيدىغان بىر قىز بىلەن مۇشۇ ئۆيدە  بىر مەزگىل بىز بىلەن بىللە تۇرغان، ئۇ ھېلىقى شەمسىيەنىڭ تاغىسى تۇرغۇن مۇدىر دىگەن ئادەمنىڭ ئايالىغۇ دەيمەن، ئاڭلىسام ئۇ ئادەم خورلاۋەرگەچكە ئۇ ئاخىرى ئەقلىدىن ئادىشىپ قاپتىكەن،ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر ساناتورىيە بىلەن كىلىشىۋېلىپ،قەستەن دورا - ئوكۇلنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىپتۇدەك، ھېلىقى رەھىمە دىگەن خانقىز شۇنداق دەيدۇ، ئۇ بۇرۇن ئاشۇ ساناتورىيەدە ئىشلەپ بېقىپتىكەن، ئۇ ئايالغىغۇ، مىنىڭمۇ شۇنداق ئىچىم ئاغرىغانتى -دىدى قابىل، ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن.

- ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ -خانقىز ئىشلىرىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىدىن سۈيۈنۈپ،نەتىجىسىنى چىقرىشقا ئالدىراپ، ئۇدۇللا سورىدى.دۇنيادا شۇنداقمۇ نۇمۇسسىز ئادەم بولامدۇ ھە! ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقانلارنىڭ ھاياتى، ئىستىقبالى، ساغلاملىقى بىلەن كارى بولماي، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان؟ خانقىز نىمە دىگەن نۇمۇسسىز، ئۇ ھەربىر ئېغىز گىپىدە شەمسىيەنىڭ قانچىلىك ئاقكۆڭۈل ئايال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ قىلچىلىك ئىچى  ئاغرىماستىن رەزىل مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن پىشكە قىلىۋالغان قىزىنىڭمۇ، شەمسىيەنىڭ سەسكەنمەي تۇررۇپ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانچىلىك ئىسىللىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قىلچىلىك تەپتارتماستىن، ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك بىلەن، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ نىمە دىگەن بىمەنە مەنتىقە ۋە نۇمۇسسىز مەقسەت ھە!

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章