مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 9-قىسىم_ سىز نېمانچە پەسكەش

文摘   小说   2024-09-17 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  










دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  38  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321


876







مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

9 -قىسىم

   



9-قىسىم

سىز نېمانچە پەسكەش(1)


زىبارە بوينىنى سىلاپ،  ياقىسىنى تارتىپ، ئېتىراپمۇ قىلمىدى، ئىنكارمۇ قىلمىدى.

يىراق بولمىغان جايدىكى زىلالەنىڭ كۆز ئالدىغا جەسۇر بىلەن زىبارەنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى يەنە بىر قېتىم كەلدى.

مەيدىسىگە بىر پارچە  تاش تىقىلىپ قالغاندەك ھەم قاتتىق سىقىلدى ھەم  بىئارام بولدى. ئەمما ئامال بار چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، تەلەپپۇزىنى تەڭشەپ:

 - كېلىڭلار،  داۋاملىق رەپىتىس قىلايلى.  - دېدى.

زىبارە ئىسكىرۇپكىسىنى كۆتۈرگەچ زىلالەنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ، يوشۇرۇنچە كۈلدى.

زىلالە پۈتۈن بىر كۈن  كۆپچىلىكنى جىددىي مەشىق قىلدۇردى.

چۈشتە باشقىلار ئارام ئالغاندا، ئۇ يەنە  ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىپ ئايگۈلگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئايگۈل مۇزىكا چېلىشقا باشلىغاندا، ئىختىيارسىز دىققىتى چېچىلىپ كەتتى.

بىر قېتىم چېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئايگۈل ئىسكىرۇپكىنى چۈشۈرۈپ:

 - بۇ قېتىم قانداق بولدى؟  - دەپ سورىدى.

  ھە... - زىلالە ئېسىگە كېلىپ، - كەچۈرۈڭ، بايا ئازراق دىققىتىم چېچىلىپ كېتىپ قالدى، - دېدى. 

 -  زىلالە، - دېدى ئايگۈل  ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، - يېقىندىن بېرى بەك چارچاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق، چىرايىڭىزمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس.  - دېدى.

 -  مەشىقنى كۆپ قىلغانلىقىمدىن بولسا كېرەك، ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. - دېدى زىلالە كۈلۈمسىرەپ، -  كېلىڭ، داۋاملاشتۇرايلى.  - دېدى.

ئايگۈلنىڭ بۇنىڭغا كۆڭلى ئۇنايتتىمۇ:

 -  بولمىسا ئىشخانىغا بېرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، - دېدى. 

 - ھېچقىسى يوق، كەچتە ئايروپىلاندا ئۇخلىۋالسام بولىدۇ، كېلىڭە داۋاملاشتۇرايلى!  - دېدى زىلالە.

 - ئۇنداقتا بوپتۇ.  - دېدى ئايگۈل بېشىنى لىڭشىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قايتىدىن  چېلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىم زىلالە ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

پۈتۈن مۇزىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،  ئورنىدىن تۇرۇپ ئايگۈلنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - ئەمەلىيەتتە سىز ناھايىتى مۇنەۋۋەر مۇزىكانت، ھازىر ئەڭ كەمچىل بولۇۋاتقىنى ئويۇن قويۇش تەجرىبىسى، غەيرەت قىلىڭ، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.  - دېدى.

ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - بارلىق كۈچۈم بىلەن  تىرىشىپ  سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن.  - دېدى.

بۇ چاغدا، باشقا مۇزىكانتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كېلىشىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە مەشىق قىلىشتى.

ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئايگۈل تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىلالەغا ياردەملىشىپ نوتىنى يىغىشتۇرۇپ :

- جەسۇر دىرېكتور چوقۇم سىزنى ئۇزىتىپ قويىدۇ، شۇڭا مەنمۇ بېرىپ ئوتتۇرىڭلاردا لامپۇچكا بولۇپ تۇرۇۋالماي، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەيرەت قىلىڭ !  - دېدى.

 -  رەھمەت سىزگە، ھازىرچۇ؟  ئۆيگە قايتامسىز، ئاپىرىپ قويايمۇ؟ - دېدى زىلالە.

 - مەن يەنە بىردەم مەشىق قىلماقچى.  - دېدى ئايگۈل.

 -  كەچتە قايتىش يولىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ.  - دېدى زىلالە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئىسكىرۇپكا ۋە نوتىنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىغا كېلىپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ماڭماقچى بولدى.

ئىشىك سىرتىغا چىقىپلا زىبارەنى كۆرۈپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:

- سىز...  بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟ - دەپ سورىدى. 

 - زىلالە! - دېدى زىبارە ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ، - مەن مەن...  ئازراق ئىش توغرىسىدا سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەنتىم، - دېدى. 

- قېنى كىرىڭ! - دېدى زىلالە ئىشىكنى ئېچىپ،  ئىشخانىغا تەكلىپ قىلغاچ، - نېمە ئىشتى؟  - دەپ سورىدى.

 زىبارە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

  - مەن... سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.  - دېدى.

 - كەچۈرۈم سورامسىز؟ - دېدى زىلالە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەي، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

 - تۈنۈگۈن ئاخشام، مەن... مەن جەسۇر ئاكام بىلەن بىللە ئىدىم، - دېدى. 

زىلالەنىڭ سومكا كۆتۈرگەن بارماقلىرى ماغدۇرسىزلاندى.

گەرچە ئۇ بۇ نۇقتىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپ  سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقانلىقتىن بەرگەن تەسىرى يەنىلا ئوخشىمىدى.

 يېنىك نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى تىنچ ساقلاشقا تىرىشىپ:

 - ماڭا بۇلارنى دەپ نېمە دېمەكچى؟  - دەپ سورىدى.

 -  مەن... مەن پەقەت سىزدىن كەچۈرۈم سورىماقچى، يەنە جەسۇر ئاكامدىن ئاغرىنماڭ، بۇ ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ھەممىنى قىلغان مەن ... ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم،  ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىدىم، سىز... - دېدى زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، -  مېنى كەچۈرەلەمسىز؟ - دېدى. 

كەچۈرەلەمسىز؟

زىلالە ئىتىكلا بىلىكىنى كۆتۈرۈپ، زىبارە تۇتۇپ تۇرغان قولىنى چىقىرىپ:

 - ئەگەر سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بولسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولۇشىنى كەچۈرەلەمتىڭىز؟ - دېدى.

 - بىلىمەن، بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، لېكىن... - دېدى زىبارە يۈزىنى كۆتۈرۈپ،  - بىز ئەسلىدىمۇ ياخشى ئارىلىشىۋاتقان،  بۇرۇنقى  ئۆز بېشىمچىلىقىم تۈپەيلى جەسۇر ئاكام مەندىن خاپا بولغاچقا  ئايرىلىپ كەتتى، ئەگەر ئىلگىرى - كېيىنلىكنى سۈرۈشتە قىلىپ كەلسەك، ئۇنداقتا مەن ئاۋۋال تونۇشقان، - دېدى. 

 - شۇڭىچۇ؟ - دېدى زىلالە سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، ـ دېمەكچى بولغىنىڭىز، مەن سىزدىن جەسۇرنى تارتىۋالدىم، شۇنداقمۇ؟  - دېدى.

- مەن... بۇنداق دېمەكچى ئەمەس! - دېدى زىبارە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بىلىكىدىن يېنىك تارتىپ، - زىلالە، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، جەسۇر ئاكامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ، بولامدۇ؟ -  دېدى.

قايتۇرۇپ بېرىڭ؟

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

 - ھازىر مەن جەسۇرنىڭ ئايالى،  نېمىشقا ئۇنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرگۈدەكمەن؟ - دېدى.

- بىراق سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر، جەسۇر ئاكام ئىككىڭلار مەقسەت تۈپەيلى توي قىلغان، - دېدى زىبارە.

 - ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟  - دېدى زىلالە.

 - سىز... - دېدى زىبارە يېنىك چۆچۈپ، -  نېمىشقا بۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىلىسىز؟  - دېدى.

زىلالە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:

-  سىز مېنىڭ ئېرىم بىلەن تېپىشىۋېلىپ يولدىن چىققان تۇرۇقلۇق،  يەنە مېنى شەخسىيەتچى دەۋاتامسىز؟ - دېدى.

زىبارە قولىنى كۆتۈرۈپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ياش يۇقىنى سۈرتۈپ، بېشىنى قايتا كۆتۈرۈپ، سوغۇق تەلەپپۇزدا:

- جەسۇر ئاكامنىڭ نېمىشقا يولدىن چىققانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە، مەن بىلەن يەنە ئارىلىشامتى؟ - دېدى.

قارشى تەرەپنىڭ سۆزى ئۆتكۈر نەرسىدەك مەيدىسىگە سانجىلىپ، نەپىسى بوغۇلدى.

شۇنداق!

ئەگەر جەسۇر ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە،  قانداقسىگە يولدىن چىقىپ باشقا بىرىنى تېپىۋالىدۇ؟

 -  بىلىمەن،  جەسۇر ئاكام بىلەن توي قىلىشىڭىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن. ئەگەر سىزگە پۇل كېرەك بولسا، مەن بېرەي، بار مۈلۈكۈمنىڭ ھەممىسىنى بېرەي، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزلا بولدى، بولامدۇ؟  - دېدى زىبارە.

پۇل؟

زىلالە كۆزىنى يۇمۇپ، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:

 - شۇنداق، مەن پەقەت پۇل ئۈچۈن توي قىلدىم، ئەپسۇس ... سىزنىڭ پۇلىڭىز  جەسۇرنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس!  - دېدى - دە زىبارەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ،  ئىشىكنى تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ ئاچماقچى بولدى.

 - توختاڭ! - دېدى زىبارە كەينىگە بۇرۇلۇپ،  - زىلالە، بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، جەسۇرنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس، -  دېدى. 

زىلالەنىڭ ئىشىك تۇتقۇچىغا ئېسىقلىق تۇرغان بارماقلىرى بىردىنلا چىڭىدى ۋە  كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزىگە ھاكاۋۇرلارچە  قاراپ تۇرغان زىبارەغا ئاستىن - ئۈستۈن بىر قارىۋېتىپ:

 - ئەگەر ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە، نېمىشقا مەن بىلەن توي قىلىدۇ؟  - دېدى - دە  ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي، ئىشىكنى ئاچتى.

 ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئەكبەرنى كۆرۈپ ئازراق ھەيران بولغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.

ـ زىلالە، توختاڭ، مەن تېخى گېپىمنى دەپ بولالمىدىم... - زىبارە كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ، كارىدوردىكى ئاكىسىنى كۆرۈپ، يۈرىكى پوك-پوك بولۇپ قەدىمىنى توختىتىپ، - ئاكا، كېلىپ قاپسىزغۇ؟  - دەپ سورىدى.

- جەسۇرنىڭ دېيىشىچە، تۈنۈگۈن  قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپسىز، شۇڭا  ئالايىتەن سىزنى ئالغىلى كەلدىم. - دېدى ئەكبەر سىڭلىسىنىڭ چىرايىغا  تىكىلىپ قاراپ،  - تۈنۈگۈن كەچتە، جەسۇر ئەسلا  سىز بىلەن بىللە ئەمەس، ئىككىڭلار ئەزەلدىن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،  نېمىشقا زىلالەغا يالغان سۆزلەيسىز؟   زىبارە، بۇنداق پەسكەشلىك قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟  - دېدى.

 زىبارە بۇرۇنىنى تارتىپ:

- سىز...   ماڭا شۇنچە ئۆچ بولغاندىكىن، بۇ دۇنيادا ياشىمىساملا بولامدۇ. بۇنداق ياشىغاندىن ياشىمىغىنىم ياخشى؟  - دېدى.

 - زىبارە! - دېدى ئەكبەر ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ،  - مەن سىزنىڭ جەسۇرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن  بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتمەسلىكىڭىز كېرەك.  - دېدى.

 - سىزنىڭچە مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى خالامدىم؟  - دېدى زىبارە كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا يۈزىنى كۆتۈرۈپ،  -  باشقا ئامالىم يوق، ئەگەر بۇنداق قىلمىسام، جەسۇردىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىمەن. مۇھەببەت ئەسلىدىنلا شەخسىيەتچى بولىدۇ، بايا مېنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا  ئاشكارىلىۋەتمىدىڭىز، بۇ سىزنىڭمۇ زىلالەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ - دېدى. 

ئەكبەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- مەن... نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز، مېنىڭ زىلالەغا ئۇنداق خىيالىم يوق، -  دېدى. 

 -  ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنىڭغا بۇنداق ياردەم قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى زىبارە.

- چۈنكى ئۇ ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى ، - دېدى ئەكبەر.

ئۆمەر تىلغا ئېلىنىپ، ئەكبەر ئازراق ئويلىنىپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ زىبارەنىڭ مۈرىسىدىن تۇرۇپ:

 - ماڭا راست گەپنى قىلىڭ، ئۆمەرگە رەسىم ئەۋەتكەن ئادەم سىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章