گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 37-قىسىم _ ھەقىقىي باي

文摘   小说   2024-09-15 14:08   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  68  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130



3635





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

37-قىسىم



37-قىسىم

ھەقىقىي باي

ئىليار سۇسقىنە قىياپەتتە بوۋايغا قاراپ، سالماقلىق بىلەن :

- بوشى مالىيە گۇرۇھى بەك ياخشى، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قانچىلىك ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئاڭلاش ۋاقىت ئىسراپ قىلىش، پەقەت تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭچە، ھازىرقى بوشى گۇرۇھى، سىزنىڭ بۇنچە پەخىرلىنىشىڭىزگە ئەرزىگۈدەك نەرسىمۇ ئەمەس. 

مەن ئەينى چاغدا گۇرۇھتىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان ئىكەنمەن، ھايات قېلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى تۆكۈپ قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ باقمىدىم. شۇڭا گۇرۇھنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى بىلەن مېنى ئازدۇرۇشنى ئويلىماڭ، راستىنى ئېيتسام، گۇرۇھ توغرىسىدىكى ھەممە نەرسە مېنى جەلپ قىلالمايدۇ. - دېدى. 

بوۋاينىڭ ھاسسا تۇتقان قوللىرى چىڭقىلىپ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى، يۈز تېرىسى ئىختىيارسىز تارتىشىپ:

- بولىدۇ، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن،   نەسىھەتنى ئاڭلىمىدىڭ، بۇرۇنۇڭغا سۇ كىرمىگۈچە پۇشايمان قىلمايدىغان ئوخشايسەن! مەن سېنىڭ قايتىپ كېلىپ  يالۋۇرغىنىڭنى كۆرۈشنى ساقلايمەن! - دېدى. 

ئىليار يېنىك پىخىلداپ كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ سەل ئامالسىز قالغاندەك:

- خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنداق بىر كۈن بولمايدۇ.  - دېدى.

ئاددىي بىر ئېغىز گەپ بىلەن، مۇتلەق غۇرۇر ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئىپادىلىدى.

ئىليارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ئادەتتىكىدەك ئىدى، لېكىن بوۋاي يەنىلا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.

ئىليارغا خېلى ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قارىدى، بايىقى ئاچچىقى بارا-بارا بېسىقىپ:

- زادى نېمە ساڭا بۇنداق ئىشەنچ ئاتا قىلدى؟ مەن ئەزەلدىن ساڭا ئادەم بولۇشتا ئاتالمىش ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ پايدىسى بار دەپ ئۆگىتىپ باقمىغان. - دېدى. 

ئۇنىڭغا ئادەم بولۇش توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ:

- مەن كىچىكىڭدىن تارتىپ ساڭا  نېمىنى قىلىشقا بولمايدۇ، نېمىگە تېگىشكە بولمايدۇ، ھەممىنى تولۇق ئۆگەتكەن. سەن ھازىر پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلدىڭ، ئىليار، سۆزۈم ئوڭ قۇلىقىڭدىن كىرىپ، سول قۇلىقىڭدىن چىقىپ كەتتىمۇ؟ !  - دېدى.

- دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا. - دېدى ئىليار سۈكۈتتە تۇرۇپ، - ـ بىراق، بۇ دۇنيادا پەقەت مەن قىلىشنى خالىمايدىغان، تېگىشنى خالىمايدىغان ئىشلار بار، مەن قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان، تېگىشكە بولمايدىغان ئىشلار يوق. - دېدى.

بوۋاي چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:

-  ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسەن، چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن، - دېدى. 

ئىليار يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  دېدىمغۇ، ئۇنداق بىر كۈن بولمايدۇ. - دېدى.

بوۋاينىڭ ئەمدى بۇ يەردە تۇرغۇسى كەلمىدى، موماينىڭ يۈزىنى قىلمىغانلىقى، ئىليارنىڭ مەنمەنچىلىكى ئۇنى چەكسىز قايغۇغا سېلىپ، غەزەپلەندۈردى.

بۇ دەل ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ھەممىسىنىڭ قانىتى قېتىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ.

ئەگەر ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشىراق بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالماي، دىلارەنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىپ، سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ چوڭ نەۋرە كېلىنى بولۇشىنى قوبۇل قىلاتتى.

لېكىن، ئۇلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئۇنىمىدى.

بوۋاي قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى ھەم قاتتىق غەزەپلەندى.

بۇ خىل كەيپىياتىنىڭ تۈرىتكىسىدە بوۋاي قورۇقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە بوشى مالىيە گۇرۇھىغا بېرىپ، ئەزىمەتكە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىشنى ئۇقتۇردى.

 دىلارەنىڭ  زىيارىتىنى  كۆرگەندىن كېيىن، ئىليار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ باشتىكىدەك ئۇنداق خالىغانچە بولمىدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن بوۋاي راستتىنلا ئۆز ئاغزى بىلەن ئىليار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىمەن دېمىگەن.


بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بوۋاينىڭ  كامېرا ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

بەزىلەر ھەتتا توردا ئىليارغا قارىتىلغان سەلبىي سۆزلەر بوۋاينى غەزەپلەندۈردى، بۇ قېتىم ئۇ ئۆز نەۋرىسىگە يۆلەك بولۇش ئۈچۈن كەلدى، دەپ پەرەز قىلىشتى.

بۇ ۋاقىتتا بوۋاي  تەمكىنلىك بىلەن:

- كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقىنىغا رەھمەت، بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى مېنىڭ  شەخسىي نامىمدا ئېچىلدى.   - دېدى  .

 موماي  ئېكراندىكى كۆرۈنۈشكە سوغۇق نەزەردە قاراپ، كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

پاتىمە  تىت-تىت بولۇپ يىغلىۋەتكىلى تاس قېلىپ:

- خانىم، بوۋاينىڭ نېمە قىلغىنى، ئۇ بايا بۇ يەردە شۇنچە ئاچچىقلاپ كەتتى، ئەمدى بىۋاسىتە شىركەتكە بېرىپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپتۇ، ئۇ ... - دېدى.

موماي دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:

- بوشى مالىيە گۇرۇھى ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا بەك كۆپ ئىشەنچ ئاتا قىپتۇ، - دېدى.

پاتىمە يالۋۇرۇپ تۇرۇپ:

- خانىم، بوۋايغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ، ھازىر ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاندا، ئاسان ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇ راستتىنلا...  بىرەر ئىش بولسا ئىشتا  بۇرۇلۇش ئىمكانىيىتى بولۇشى  تەس توختايدۇ. - دېدى. 

 ساپادا ئولتۇرغان دىلارەنىڭ چىرايىمۇ سەل - پەل قارىداپ كەتتى.

بوۋاينىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، بەلكىم پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرەز قىلالىشى مۇمكىن.

ئەگەر بوۋاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەقىقەتەن بىر نەرسە دېسە، ئۇنداقتا ئۇ...

ئۇ زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدى، بىر ئوبدان ئائىلىنى پارچە - پارچە قىلىپ، ھەتتا مۇشۇ دەرىجىگە ئاپىرىپ قويىدىمۇ؟

ئۇ ھەرقانچە ئويلاپمۇ چۈشىنەلمىدى، لېكىن نەتىجىدە ئۇنى ئازراق خىجىل قىلىپ ئۆكۈندۈردى.

شۇ تاپتا ئۇنىڭ كەيپىنى پەملەپ بولغان گۈلباھار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەسەللى بېرىپ:

- بۇ ئىشتا  سىزدە خاتالىق يوق، ئۇ  ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان قېرى جاھىل. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى بولسىلا، ھەممىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەر، ھەر قانداق ئايال بۇ ئائىلىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئەينى چاغدىمۇ مېنىڭ دادىڭىز بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلماي، بىر مۇنچە غەلۋە قىلغانغۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.  - دېدى.

ئىليار سافانىڭ يېنىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئادەتتىكىدەك بولۇپ، ئەمما كۆزىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بىر قەۋەت سوغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى.

بۇ چاغدا ئېكراندىن يەنە بوۋاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،.

- بۇ ئىككى كۈندە مەن بەزىلەرنىڭ چوڭ نەۋرەمگە باھا بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلدىم، گەرچە ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولساممۇ، لېكىن بۇ سۆزلەرگە رەددىيە بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئۇ ھەقىقەتەن  قاملاشماي قالدى، مەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا پۇرسەت بەردىم، لېكىن ئۇ يەنىلا  جاھىللىق قىلدى،  بىر ئايالنى دەپ مۇشۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتتى.

مەن ئەزەلدىن بىزنىڭ ئائىلىدىكى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدەك بىر ئايالدىن تاماق تەلەپ قىلىپ يەيدىغان يۇمشاق باشنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم! بۇنداق نەۋرەمنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايمەن، مېنىڭ  بۇنداق نەۋرەم يوق! بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،  كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويايكى، ئىليارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، سىلەر ئۇنى قانداق مۇلاھىزە قىلىسىلەر، قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر،  ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يۈزىنى ئويلاشمىساڭلارمۇ بولىدۇ!  - دېدى بوۋاي.

بوۋاينىڭ بۇ گېپى چىقىشى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەر ھەيران قالدى.

- ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزنى ئىليار ئەپەندى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟  - دەپ سورىدى بىرەيلەن.

-  مەن دىلارە باش دىرېكتورنىڭ ھازىر ئىليار ئەپەندىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، سىزنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكىتىڭىز، دىلارە باش دىرېكتورنى ئېتىراپ قىلىشىڭىزنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ سىلەرنىڭ ئائىلە بىلەن قانداشلىقى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ 

- ئەپەندىم، مېنىڭ بەكمۇ بىلگۈم بار، سىز زادى نېمىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىسىز؟ ئەينى چاغدا مەخبۇبە خانقىز بىلەن ئىليار ئەپەندىنى تېپىشتۇرۇپ قويۇشىڭىزدىكى سەۋەبنىڭ زور بىر قىسمى كېرەم ئائىلىسىنىڭ نەسەبى ۋە ھوقۇقى سەۋەبىدىنغۇ دەيمەن؟ لېكىن ھازىر، دىلارە باش دىرېكتورنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەينى چاغدىكى مەخبۇبە خانقىزدىنمۇ قالتىس ئورۇنغا چىقتى. لېكىن  پوزىتسىيەڭىز نېمىشقا يەنىلا شۇنداق قەتئىي؟  - دېدى بىرەيلەن.

بوۋاينىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ قارىداپلا كەتتى.

بۇ سوئالنىڭ ئۆزىدىلا   بىر تەرەپلىمە قاراش بار، لېكىن زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق جاھىللىق قىلىپ قەتئىيلىك بىلەن ئىش قىلىدۇ؟

پەقەت، بىر ئۆيلۈك ئادەملەر ئۇنىڭغا بەك ھۆرمەتسىزلىك قىلدى خالاس.

لېكىن بۇنداق ئىشنى ئۇ قانداقمۇ ئېتىراپ قىلسۇن؟

- دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق دەپ بولدۇم، بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، كەلگىنىڭلارغا رەھمەت.  - دېدى بوۋاي.

بوۋاي ئارتۇق گەپ قىلمىدى، بىر مەيدان   يىغىن  ئالدىراپ-تېنەپ باشلىنىپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى   يىغىن  توردا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى.

- تازىمۇبىر،  بۇ قانداق ئەھۋال؟ راستتىنلا مۇناسىۋەتنى بىكار قىلدىمۇ؟ 

- ھەتتا ئەۋرىسىنىمۇ ئالمامدىكەن؟ شۇنداق دەپ كېتىشكە ئەرزىمدۇ؟  مەن تېخى ئۇنى ھەيۋەيلىك تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ، دىلارە باش دىرېكتورنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن! 

- مەنمۇ باشتا شۇنداق ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق نەتىجە چىقتى! دىلارە باش دىرېكتور ئۇلارنىڭ ئارپىسىنى خام ئورىۋىىتپتىمۇ؟ نېمە دېگەن ئاداۋەتخور؟ 

- بۇ بوۋاي جاھىللىقتا جىننېس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلسا، چوقۇم نەتىجە يارىتالايدۇ! 

- بىراق ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ توغرا، ئاياللارغا تايىنىپ جان باقىدىغان يۇمشاقباشنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن  بەختسىزلىك! 

- ئىليار ئەپەندى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغۇدەك دەرىجىدە يۇمشاق باشلىق قىلغانمىدۇ؟ 

ئەزىمەت بوۋاينىڭ بۈگۈن قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلمىدى، بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

ئەگەر ئىشنىڭ بۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسا، ئەينى چاغدا بۇنچىلىك كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلمايتتى.

بۇ ئىش توردا داۋاملىق قىزىپ كەتتى.

بوۋاينىڭ بۇ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، بەزىلەر ئىليارغا گەپ قىلغاندا گەپ-سۆزلىرىدە قىلچە تەپ تارتمىدى.

دىلارە بۇ ئىشقا پەرۋا قىلماي تۇرالمىدى، ئەگەر ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، بىر كۆزىنى ئېچىپ، بىر كۆزىنى يۇمۇۋالالايتتى.

لېكىن ئىليارنىڭ ئىشىغا  چىداپ تۇرالماي، يان تېلېفونىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى.

 بىر نەچچە قېتىم قاتتىق غەزەپلەندى، شىركەتنىڭ قانۇن ئىشلىرى بۆلۈمى ئارقا-ئارقىدىن ئۇ كىشىلەرگە ئادۋوكاتلىق خېتى ئەۋەتتى.

لېكىن ئىليار بۇ ئىشقا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.

خىزمەتكار ئۇنىڭغا دىلارەنىڭ ھەر كۈنى يان تېلېفونى بىلەن ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئىليار دىلارەنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار چاغدا، يان تېلېفونى قاتارلىق تورغا چىققىلى بولىدىغان بارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى مۇسادىرە قىلىشىنى تاپىلىدى.

دىلارە ئىليارغا ئىچ ئاغرىتتى ھەم ئۆكۈنۈپ:

- سىز ئازراقمۇ پەرۋا قىلمامسىز؟ ئۇ كىشىلەر سىزنى مۇشۇنداق ئوسال قىلسا بولامدۇ؟ - دېدى.

ئىليار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ:

- مېنىڭ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا بولىدىغان ھېسسىياتىمنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

دىلارە ئاغزىنى يۇمۇپ، ئىليارنىڭ ئۆزىنىڭ توردا باشقىلار تەرىپىدىن قارا سۈركىلىپ، ھاقارەتلەنگەندىكى ھېس قىلغانلىرىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلدى.

- مېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىم، سىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىڭىز بىلەن ئوخشاش. ئۇنداقتا ماڭا ئېيتىپ بېرىڭە، ئەينى چاغدا قانچىلىك بىئارام بولغانتىڭىز؟ - دېدى ئىليار.

دىلارە سۈكۈتكە چۆكتى، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزىدە ھېچقانداق ئېنىق تەسىرات بولغانلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى.

چۈنكى بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئىشلار يەنىلا ئۇنىڭ كونتىروللىقىدا، بەزىلەرنىڭ ئۇنى تىللىغىنىنى كۆرسە،  ناھايىتى خۇشال بولاتتى.

لېكىن ئىليار ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ - دە؟

-  ئۇنداقتا بوۋامنىڭ گېپىچۇ؟ - دېدى دىلارە. 

ئىليارنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.

دىلارە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- بولمىسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقاي  ... - دېدى.

ئىليار ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ:

-  بېرىپ بېقىڭە قېنى؟ - دېدى. 

 قاراشلىرى ۋە تەلەپپۇزدىن ئۇنىڭ سىناپ بېقىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، ئەگەر راستتىنلا سىناپ باقسا،  ئاقىۋىتى چوقۇم بەك ئېچىنىشلىق بولىدۇ.

- ئۇ ئەسلىدىمۇ بىزنى مەجبۇرىي خاتالىقنى بوينىمىزغا ئېلىشقا قىستىماقچى،  بارسىڭىز،  كېيىن تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەمدۇ؟ - دېدى ئىليار. 

دىلارە بوۋاينىڭ بۇنداق مەقسىتى بارلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، لېكىن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلمىسا قانداق بولىدۇ؟

- ھەي، بۇ ئىشنى ئويلىماڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆيدە لاياقەتلىك ھامىلىدار ئايال بولۇڭ، - دېدى ئىليار. 

دىلارە بېشىنى لىڭشىتتى.

لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە:

-   خاتىرجەم بولالمايمەن. ئۇلارنىڭ   سىزنى تىللىغىنىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ  ... - دېدى.

ئىليار ئامالسىز ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

-  مېنىڭ زادى قانچىلىك باي ئىكەنلىكىمنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ - دېدى.

دىلارە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ :

- بوشى گۇرۇھىدىنمۇ بايمۇ. - دېدى. 

ئىليار قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، ئېڭىشىپ ئۇنىڭ لېۋىگە سۆيۈپ قويدى.

دىلارە قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، ئېڭىكىنى ئازراق كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى، تىت-تىت بولۇپ تۇرغاندا، ئىليارنىڭ پەس ئاۋازىنىڭ ئاستا ياڭرىغانلىقىنى ئاڭلىدى.

- ئېرىم دەپ چاقىرىڭە، مەن سىزگە يەنە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرىمەن، - دېدى ئىليار. 

دىلارەنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى، ئىككىسىنىڭ توي قىلغىنىغىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئېرىم دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چىقىرىش تەس كەلدى.


-  قانداق مەخپىيەتلىك؟ - دېدى دىلارە ئويلىنىپ، ئېرىم دەپ چاقىرىشقا زادى ئەرزىمدۇ-يوق قاراپ باقماقچى بولدى.

ئىليار قوشۇمىسىنى سۈزۈپ:

- سىزنى خۇشال قىلىدىغان مەخپىيەتلىك. - دېدى. 

دىلارە قىزىرىپ ئاغرىغان لېۋىنى سىلاپ، بىر ھازا ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئېڭىكىنى  پەس قىلىپ چاقىردى.

 يېنىك ئاۋازى ئىليارنى رازى قىلالمىدى.

- ئاڭلىمىدىم!  - دېدى ئىليار.

دىلارە كۆزىنى چىمچىقلاتتى.

ئىليار خاپا بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:

- بىلگىڭىز بولمىسا بوپتۇ، - دېدى. 

دىلارە بۇنى كۆرۈپ، دەرھال  مۈرىسىدىن تۇتۇۋېلىپ:

- ئېرىم، ئېرىم ... - دەپ چاقىرىدى.

ئىليار كۈلۈپ تۇرۇپ، قايتىدىن ئېڭىشىپ پېشانىسىگە سۆيدى.

دىلارە ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇۋېلىپ:

-  زادى قانداق مەخپىيەتلىك؟- دەپ سورىدى. 

ئىليار چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ:

-  ياۋاشراق بولۇڭ، سەل تۇرۇپ دەپ بېرەي. - دېدى.

دىلارە  گەپ قىلالمىدى.

ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى! !

ئىليار دىلارەنىڭ خىيالى بارا-بارا تارقاپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە، ئاخىرى  قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ، كۆڭلىدىكى سىرنى ئېيتىپ بەردى.

بىرئازدىن كىيىن ئىلىيار سىرتقا چىقىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلدى.

-نەگە بارىسىز-دېدى دىلارە.

ئىليار ئېڭىشىپ ئۇنىڭ لېۋىگە سۆيۈپ قويۇپ:

- مەخپىيەتلىكىمنى بىلىپ بولدىڭىز،  ئالدىراش  بولۇشۇمنى مۇۋاپىق دەپ قارىمامسىز؟ - دېدى.

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق بولۇشى كېرەك!  - دېدى.

ئىليار كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئىشىكتىن چىقتى. دىلارە چاققانلىق بىلەن ئىلىيارنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقان سىيماسىنى رەسىمگە تارتىۋالدى.

دىلارە سەل چارچاپ قالدى،لېكىن ئىليار ئېيتقاندەك، ئۇ ھازىر ھەقىقەتەن بەك خۇشال.

ھەتتا توردا ئىليارغا بېرىلگەن سەلبىي باھالارنى كۆرۈپمۇ خۇشال بولدى.


 


 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章