كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
44 | 43 | 42 | 41 | 40 |
48 | 47 | 46 | 45 | |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
49-قىسىم
49-قىسىم
نېمە ئۈچۈن
بىر چەتتە تۇرغان يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندى نەق مەيداندىكى كەيپىياتنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ كەيپىياتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ:
- ئىليار ئەپەندى، سىز ئاۋۋال <مىڭلەن> گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟ - دېدى.
كۆپچىلىك ئارقا-ئارقىدىن ئېسىگە كېلىپ، نەزىرىنى ئىليارغا قاراتتى.
ئىليار تەمكىنلىك بىلەن:
- ھېچقانداق ئالاھىدە ئىشمۇ يوق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنىڭ مەھسۇلى، دەسلەپتە پەقەت ئويۇن-تاماشا ئۈچۈنلا قۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كۆلەمگە ئىگە بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. - دېدى.
بۇ گەپ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىنى قىزىرىپ كوللېكتىپ بوغۇلۇپ قالغىلى تاسلا قالدى.
بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە كۆپ لىق كارخانا سەرخىللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئۇلارنى بېسىپ چۈشۈپ، بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ يەردە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان كەچۈرمىشلەر ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر بار دەپ ئويلىغانىدى، نەتىجىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئويۇن ئۈچۈن قۇرۇپ قويغان شىركەت دەيدۇ؟
ئۇ ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەسلىكىنى، ئىگىلىك تىكلەشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى زادى بىلەمدۇ - بىلمەمدۇ؟
ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا، ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە ئىگىلىك تىكلەش ئېنىقلا ئويۇن ئويناش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالدى، يەنە كېلىپ ئويۇن ئويناپ يۈرۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىلىپ بىلمەيلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گۇرۇھقا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئۇلاردەك نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلغان، ھەتتا ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئاساسىغا ۋارىسلىق قىلغان كىشىلەر بۇ خىل كىنايىگە قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ !
بۇنى ئاڭلىغان دىلارەمۇ ھەيرانلىق بىلەن قېشىنى ئېتىپ ، گۇمان بىلەن قارىدى.
ھەقىقەتەن مۇشۇنداقمۇ؟
مىڭلەن گۇرۇھىنى ئىليار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا قۇرۇپتۇ؟
دېمەك، مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ تارىخىي يېشى خېلىلا چوڭكەن.
كۆپچىلىك چىشىنى غۇچۇرلىشتى، بىر چەتتە تۇرغان يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ:
- گوروھىڭىزنىڭ ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايسى جەھەتلەردە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالامسىز؟ مەسىلەن، تىجارەت دائىرىسى ۋە يۆنىلىشى ... - دېدى.
ئىليار يېنىكلىك بىلەن:
- دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەش شەكلىنى قوللاندىم، بارلىق كەسىپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدىم، قايسى يىلى قايسى تۈرنىڭ بازار ئەھۋالى ياخشى بولسا، شۇ تۈردىن نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدۇ. - دېدى.
كۆپچىلىك چىشىنى چىڭ چىشلەپ، ئىچىدە <بۇ نەدىن كەلگەن قالماشمىغان ئادەم بۇ، دەرھال ئېلىپ كېتىڭلار!> دېيىشتى.
ئادەمنى ئەجەب جىلە قىلدى!
ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى بۇ يىل ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆسسە، ئالتۇن سودىسى قىلىدۇ!
كېلەر يىلى ئالماسنىڭ باھاسى ئۆسە، ئالماس سودىسى قىلىدۇ!
كېيىنكى يىلى ئۆي-مۈلۈك سودىسى ياخشى بولسا، ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلامدۇ؟ !
بۇ تىپىك مەيدانى ئېنىق بولمىغان، پايدا - مەنپەئەت ئالدىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شامال قەيەردە پۈۋلىسە، شۇ يەردا ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئادەم ئىكەنغۇ!
تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك نېمىسى بار؟ !
مىرزات بىلەن ئىلزات ئىليارنىڭ جاۋابىدىن ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلەلمەي قىينىلىپ كەتتى.
بۇ ئۆچمەنلىك پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇشىغا يېتىدۇ.
دىلارەمۇ تەبىئىي ھالدا ئىليارنىڭ جاۋابىغا نىسبەتەن سەل ئىلاجىسىز قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قارىدى.
ئىليار ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى سۈزۈپ:
- سىز مەندىن گۇمانلىنىۋاتامسىز؟ - دەپ سورىدى.
دىلارە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئىليار قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ :
- گۇمانلانسىڭىز بولمايدۇ. دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست. - دېدى.
دىلارە گەرچە ھەيرانلىقتا چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىليارغا يۈز بېرىپ بېشىنى لىڭشىتتى.
كۆپچىلىك ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئەپەندىمۇ سەل تەخىرسىزلىنىپ :
- ئىليار ئەپەندى... - دېدى.
ئىليارنىڭ كۆزلىرىدىن تاقەتسىزلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ نەزىرىنى دىلارەنىڭ يۈزىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، چوڭ يىغىن زالىغا سوغۇق نەزەر سېلىپ، يەنە بىر قېتىم تەمكىن ئاۋازدا گەپ قىلدى.
- مۇكەممەل تىجارەت پىلانى، دەۋرنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش قارىشى، دەۋرنىڭ ئالدىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاقىللارنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېنىق تونۇش، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىش، شىركەتنىڭ قايسى قەدەمگىچە بارالىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىمىڭىزنىڭ قانچىلىك سىڭىپ كىرىشىگە باغلىق. مانا مۇشۇلار، ئىلگىرىكى ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ يامان دەپ قارىغان نەرسىلەر، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەن نەق مەيداندىكىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھېس قىلالايسىلەر، - دېدى.
كۆپچىلىك ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.
خۇلاسە ھەم ئاممىباب ھەم تومتاقلا چىقتى.
ئۆزىنىڭ بايىقى گېپىنىڭ ئازراق يۈزى - خاتىرە قىلمىغاندەك چىققانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ ئىشقىلىپ ئىليار يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلدى.
- ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشالايدىغان ئادەم بولۇشقا بولمايدۇ، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئادەم بولۇشقىمۇ بولمايدۇ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇنى تارتىپ ماڭىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك . - دېدى.
كۆپچىلىك بىردىنلا ئېسىنى يىغدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى ئاسانلا چۈشەندى، بۇ ئېنىقلا ئۇلارنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرغانلىق.
گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىلار بولسىمۇ، ئەمما دەۋىردىن ھالقىغان ئىشلارنى قىلىشتا، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئەڭ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك .
لېكىن، ئىليارنىڭ سۆزى ئەنە شۇ يەردە توختىدى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ چىرمىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ، بۇرۇلۇپ نەۋقىرانغا قاراپ:
- سىز شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، كونكرېت ئەھۋالنى ماڭا ۋاكالىتەن سۆزلەپ بېرىڭ. - دېدى.
گېپى تۈگىشىگىلا يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كۆپچىلىك ئىليارنىڭ دەرھال ئورۇن بوشىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
نەۋقىران قولىنى سوزۇپ قوشۇمىسىنى چىمداپ قويۇپ، ئاخىرىدا ئىليارنىڭ كۈچلۈك نەزىرىدە ئامالسىز ئورنىدىن تۇردى.
بۇ دەل باش مۇدىرنىڭ ئىمتىيازى، پەقەت ئۇ خالىسىلا، قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسى شەرتسىز ئورۇنلىشى كېرەك.
ئەمدىلا چىقىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغاندا، ئىليارنىڭ ئورنىدىن تۇرالمايلا، غالتەكلىك ئورۇندۇقنى سۈرۈپ، دىلارەنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ بارغانلىقىنى كۆردى.
نەۋقىران ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى يېنىدىكى خىزمەتچىگە بىر قاراپ قويدى، خىزمەتچى دەرھال بىر ئورۇندۇقنى ئەكېلىپ ئاساسىي ئورۇنغا قويدى.
نەۋقىران سوغۇققىنە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، ئاساسى ئورۇنغا ئۆتتى.
ئىليار ھەممە ئىشنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى، ئەمما دىلارە ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئىليارغا :
- نېمىگە غەلۋە قىلىسىز، مۇشۇنداق كەسكىن سورۇندىمۇ... - دېدى.
- نېمىگە غەلۋە قىپتىمەن؟ بىر ئوبدان داۋاملىشىۋاتىدىغۇ؟ - دېدى ئىليار.
ئەگەر ئۇ راستتىنلا جېدەل قىلسا، يىغىن توختاپ قالامدۇ؟
دىلارە ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئامالسىز قېلىپ:
- بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، چوقۇم بەزىلەر سىزدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ ... - دېدى .
ئىليار لەۋلىرىنى يىمىرىپ تۇرۇپ:
- ئەگەر ئۇلار يېگۈدەك تاماق بولماسلىقىدىن قورقمىسا، مەندىن قاتتىق نارازى بولسا تامامەن بولىدۇ، - دېدى.
دىلارە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- سىز ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ئىكەنسىز. - دېدى.
ئىليار قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- ئۇنچىلىك قابىلىيىتىم بولمىسا ئېرىڭىز بولۇشقا قانداق لايىق كېلىمەن؟ - دېدى.
نەۋقىراننىڭ پېشانىسىدىن بىلىنەر-بىلىنمەس كۆك تومۇرلار بۆرتۈپ چىقىپ، قاتتىق يۆتىلىپ قويۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا:
- كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نەۋقىران... - دېدى.
ئاۋاز ھەش ـ پەش دېگۈچە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قايتۇرۇپ كەلدى.
دىلارەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ نەۋقىرانغا قاراپ، ئىليارغا قايتا كۆز يۈگۈرتمىدى.
نەۋقىران نېمىلا دېگەن بىلەن ئىليار ئۇنىڭغا ئارتىپ قويغان ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئون نەچچە مىنۇت سېخىيلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئاخىرى ۋەزىپىنى تاماملىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن سوئال سوراش ۋاقتى كەلدى، ئىليار پۈتكۈل جەرياندا يات ئادەمدەك چەتكە چىقىۋېلىپ، باشقىلارغا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراش پۇرسىتى بەرمەي، پۈتۈن دىققىتىنى يېنىدىكى ئايالىغا قاراتتى.
ئەمما دىلارە ئۆزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى كەيپىياتنىڭ ئىنتايىن غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئەزىمەت بىلەن بوۋاي ئورنىدا ئولتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشقا قىزىقمايدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي، بوۋاي تۇيۇقسىز ھاسىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىليارغا قاراپ:
- سەن بۈگۈننىڭ كېلىشىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ، گوروھىڭنىڭ ئىشىنى مەندىن يوشۇرغان شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ئىليارنىڭ چىرايى بارا-بارا سوۋۇپ:
- سىز بۈگۈنكى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى دېمەكچىمۇ ياكى ھامان بىر كۈنى مېنى بوشى گۇرۇھىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغانلىقىڭىزنى دېمەكچىمۇ؟ - دەپ سورىدى
بوۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ ساقىلى تىترەپ:
- سەن مېنىڭ سېنى راستتىنلا بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن قوغلاپ چىقىرالمايدىغانلىقىمنى بىلىسەن! - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ:
- نېمىنى كۆزدە تۇتۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، سوئالىمغا جاۋاب بەرسەڭلا بولدى، - دېدى.
ئىليارنىڭ چىرايى تېخىمۇ سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاۋازىدا ھېچقانداق داۋالغۇش كۆرۈلمىدى:
- سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز. مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى راستتىنلا بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. - دېدى.
يىغىن زالى ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى.
دىلارەنىڭ چىرايىمۇ بارا-بارا سوۋۇدى.
بوۋاينىڭ چىراي ئىپادىسى سەل-پەل قېتىپ قېلىپ:
- ئۇنداقتا سەن نېمە ئۈچۈن مىڭلەن گۇرۇھىنى قۇردۇڭ؟ يەنە نېمىشقا مەندىن يوشۇرىسەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوشى گۇرۇھى بىلەن قارشىلىشىدىغان يېتەرلىك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش ئۈچۈنمۇ؟ سەن زادى قانچىلىك ئۇزۇن ئويلاندىڭ، قانداق قىلىپ مېنىڭ يېنىمدا شۇنچە يىل باش چۆكۈرۈپ يۇشۇرالىدىڭ؟ ! - دەپ سورىدى.
دىلارەنىڭ چىرايى بىردىنلا قارىداپ كەتتى، ئەمما ئىليار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، باش بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ قويۇپ:
- مەن بوشى گۇرۇھى بىلەن قارشىلىشىشنى ئويلاپ باقمىدىم، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يول قويۇشۇمدىكى سەۋەب پەقەت سىزنىڭ تەلىملىرىڭىزنى ئاڭلىغانلىقىمدىن بولدى. - دېدى.
بوۋاي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- نېمە؟ - دېدى.
ئىليار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ دىلارەنىڭ مۈرىسىگە يېنىك قويدى، ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇردى.
ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ :
- سىز ھاراققا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئاياللار تېخىمۇ خەتەرلىك، ئاياللار ئاجىز، ئېغىر يۈك، مەپتۇن بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، خۇمار بولۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، مۇھەببەت دېڭىزىغا چوڭقۇر پېتىپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ، ھەرقانداق ئامىل مېنىڭ ئىدىيەمگە تەسىر يەتكۈزسە، ھۆكۈم قىلىشىمغا تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ دەپ تەلىم بېرىپ كەلدىڭىز. شۇڭا مەن يەنە نېمىگە ئاساسەن بۇ نەرسىلەرنى مېنى چۈشەپ قويۇشىغا قاراپ تۇرالايمەن؟
- مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە، تەپ تارتماي ئېرىشسەم بولىدۇ، ئىگە بولسام بولىدۇ. مەيلى ئاجىز بولسۇن، مەيلى يۈك بولسۇن، مەن ئېلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىكەنمەن، چوقۇم ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر يېنىمدا ئېلىپ يۈرەلەيمەن.
سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە توغرا، مەنمۇ قوشۇلىمەن ھەم ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ مېنىڭ ئىدىيەمنى ئاسانلىقچە كونترول قىلىشىغا يول قويمىدىم، مەسىلەن، سىز بوشى گۇرۇھى بىلەن مەن قىلىشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلغۇزىمەن دەپ تەھدىت سالسىڭىز، بوشى گۇرۇھىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن رەت قىلىشقا يېتەرلىك ئاساسىم بار. - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar