كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
34 | 33 | 32 | 31 | 30 |
39 | 38 | 37 | 36 | 35 |
43 | 42 | 41 | 40 | |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
44-قىسىم
44-قىسىم
قۇسۇرچى
- ھە، ئېسىمگە كەلدىڭىز...
ھەيرانلىق ئىچىدىكى چۆچۈش ئاۋاز ئاڭلاندى، يەنى بىر ئايال دىلارەنى كۆرسىتىپ، خۇشال بولۇپ ھاياجانلىنىپ قالدى.
دىلارە ئۇئايالغا قاراپ، ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە رېستوراندا كۆرگەن ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ۋاھاب ئەپەندىنىڭ خانىمى بولۇشى مۇمكىن دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى.
مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ياخشىمۇسىز، ئايگۈزەل خانىم. - دېدى.
- راستتىنلا سىزكەنسىز! ئاخشام ئەھۋالنى ئازراق چۈشىنەلمىگەنىدىم، كېيىن ھېس قىلدىم، دىلارە خانقىز، نۇرزىبا خانىم سىزنى بەك سېغىندى؟! - دېدى ئايگۈزەل.
دىلارە سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى، ئەمما بىردەمدىن كېيىن ھەممىنى چۈشەندى.
f رايوندىكى باشلامچى كارخانىچىنىڭ نۇرزىبا خانىمنى تونۇشىدىغانلىقى ئەجەبلەنگۈدەك ئىش ئەمەس.
- ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى. مەنمۇ ئوخشاشلا ئۇنى بەك سېغىندىم. - دېدى دىلارە.
ئايگۈزەل خانىم خۇشال ھالدا ئالدىغا بېرىپ ئۇنى يېنىك قۇچاقلاپ:
- نۇرزىبا خانىم ئىشلىتىۋاتقان ئەتىرىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر بوتۇلكا سوۋغا قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ھىم، بەك ئەدەپسىزلىك بولدى، ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ مەن ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن ئەتىرىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، - دېدى.
دىلارە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەلۋەتتە بولىدۇ، مېنىڭ لايىھەمنىڭ سىلەرنىڭ ياقتۇرۇشۇڭلارغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆزى مېنىڭ شەرىپىم. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال تەييارلىق قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىمەن... - دېدى.
- بولمايدۇ!
دىلارەنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئىليار ئۇنىڭ سۆزىنى ئېغىر ئاۋازى بىلەن بۆلۈۋەتتى.
كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، ھېچقانداق مەسلىھەتلەشكۈدەك ئورۇن يوقمىدى.
ئايگۈزەل خانىمنىڭ چىرايى سەل قېتىپ قېلىپ، بېشىنى بۇراپ يېنىدىكى بۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئەرگە قارىدى.
بەلكىم ئۇنىڭ ھەيۋىسى بەك كۈچلۈك بولسا كېرەك، ئىختىيارسىز ھالدا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلدى، ياندىكى ۋاھاب ئايالىنى يېنىغا تارتىپ، چىڭ قۇچاقلاپ:
- نېمە ئىش يۈز بەردى؟ - دەپ سورىدى.
دىلارە ئالدىراپ-تېنەپ چۈشەندۈرمەكچى بولدى، ئەمما ئىليار ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، چىرايىدىن يەنىلا خۇشال ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.
- نېمىنى تەييارلاپ بېرىسىز؟ ئاۋۋال قورسىقىڭىزدىكى ئىككى شاكىچىكنىڭ قوشۇلىدىغان - قوشۇلمايدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ؟ - دېدى.
ئۇ گەپ قىلىش جەريانىدا دىلارەنىڭ تومپىيىپ چىققان قورسىقىغا قاراپ، سەل قارىغان ئىككى شاكىچىكنى ئەسكەرتتى.
دىلارە ئىختىيارسىز قولىنى قورسىقىغا ئۇزاتتى.
ئايگۈزەل خانىم ئىليارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاز - تولا چۈشەنگەن بولسا، دىلارەنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ بىردىنلا ھەممىنى چۈشىنىپ:
- كەچۈرۈڭ، ئاشۇرۋېتىپتىمەن! سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزگە سەل قاراپتىمەن. ئالدىرىمايمەن، راستتىنلا ئالدىرىمايمەن، تەبىئىي ھالدا بالىنى تىنچ-ئامان تۇغۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىڭىز كېرەك. - دېدى.
دىلارە ئەپۇ سوراپ:
- راستتىنلا بەك خىجىلمەن. - دېدى.
ۋاھاب ئەپەندىمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىپ، خانىمىنى ئاستا قويۇۋەتتى.
ئايگۈزەل خانىم خۇشال ھالدا دىلارەگە قاراپ:
- بىراق سىز ھامىلىدار تۇرۇپ، بۈگۈنكى گىرىمىڭىز سەل ئېغىر بوپكەتتىمۇ قانداق؟ ھازىرقى گىرىم بۇيۇملىرىدا نۇرغۇن خىمىيەلىك تەركىبلەر بار، بۇ ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك... - دېدى.
بۇنى تىلغا ئالغاندا، بىر چەتتە تۇرغان بوۋاينىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ كەتتى.
ھەرقانچە رەھىمسىز بولسىمۇ، يوشۇرۇن ئېڭىدا دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئۆزىنىڭ ئەۋرىسى دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ بۈگۈن قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئويلاشماي، قېنىق گىرىم قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىردىنلا قاتتىق غەزەپلىنىپ:
- بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بالىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى بولماپتۇ... دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئايال بۇنداق رەھىمسىز ئىشنى قىلمايدۇ! نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالا ئەمەسمۇ، بىر ئادەم زادى قانچىلىك دەرىجىدە رەھىمسىز، سوغۇققان بولغاندا،ئاندىن مۇشۇنداق ئىشنى قىلالايدۇ؟ ! - دېدى.
ئايگۈزەل خانىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، پۈتۈن مەيداندىكى كەيپىيات تېخىمۇ جىددىيلەشتى.
ھەممىگە ئايانكى، بوۋاي دىلارەنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق سورۇندا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاپ باقمىغانىدى!
نېمىلا دېگەن بىلەن قورسىقىدىكى بالا بوۋاي ئائىلىسىنىڭ پۇشتى، تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، بوۋاينىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقلىنىشقا ئاساسى بار.
دىلارە قېشىنى ئېتىپ، بوۋايغا بىر قاراپ قويدى، ئاندىن ئايگۈزەل خانىمغا :
- مېنىڭ بارلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىم ۋە رەڭلىك گىرىملىرىمنىڭ ھەممىسى زۇبەيدە شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەھسۇلاتلار، ھامىلىدار ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. زىيانلىق خىمىيەلىك تەركىبلەرنىڭ قەتئىي قوشۇلمىغانلىق كاپالىتى بار. - دېدى.
ئايگۈزەل خانىم ھەيران قالدى، ھەتتا ئەتراپىدىكى باشقا ئاياللارمۇ غۇلغۇلا قىلىشىپ:
- راستمۇ؟ - دېدى
بوۋاي ھەش ـ پەش دېگۈچە ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرلەپ، كۆز - قۇلاقلىرىنى تىك قىلىپ:
- خىمىيەلىك تەركىب يوقمۇ تېخى؟ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىدىكەن! - دېدى.
ئەتراپتىكى كەيپىيات تېخىمۇ سوۋۇدى.
- ئەپەندىم، سورۇنغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغان جاي ئەمەس. - دېدى دىلارە.
بوۋاي سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ:
- چىدىيالمىسىڭىز چىقىپ كېتىڭ، بىر قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانغا ئاسمانغا چىقىمەن دەپ ئويلامسىز؟ ! - دېدى.
دىلارە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، ئۆزىنى تەمكىن، سالماق تۇتۇشقا، ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىققا تىرىشتى.
ئاندىن سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋېتىپ:
- ئۆز مەيدانىڭىزنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن راستتىنلا ئاسمانغا چىقماقچى بولساممۇ، سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. يەنە، بۇ باشلىقلار يىغىنى سىز ئورۇنلاشتۇرغان سورۇن ئەمەس، ياكى سىزنىڭ داچىڭىز ئەمەس، مەن بۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن كەلدىم، ئەگەر سىز بۈگۈن مېنى چىقىرىۋېتىشتە چىڭ تۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئاۋۋال يىغىن ئويۇشتۇرغۇسى تەرەپتىن يوليورۇق سوراڭ، ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە قوشۇلسا، نەق مەيداندا ماڭا ئەۋەتكەن تەكلىپىدىن يېنىۋالسا، مەن تەبىئىيلا چىقىپ كېتىمەن.
ياكى بۇ يىغىننى سىز باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ گېپىڭىزگە بويسۇنۇپ بۈگۈن مېنى قوغلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. - دېدى.
- سىز... - دېدى بوۋاي.
دىلارەنىڭ بۇ گېپىدىن بوۋاينىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.
دىلارەنىڭ سۆزى بويىچە چۈشەنگەندە، بۇ ئېنىقكىكى يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىق، بايىلا قارار قىلغان ئىش، تېزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ.
كېيىنكىسى بولسا، بوۋاي بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ پېشقەدەم باش مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىغىننى پۈتۈنلەي كۆزگە ئىلمايدۇ، ھاكاۋۋۇرلۇق بىلەن ھەممىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، قالايمىقان بۇيرۇق چۈشۈرسە بولىدۇ .دېگەنلىك.
مەيلى قايسى خىل ئېھتىماللىق بولسۇن، بوۋاي يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن پايدا ئالالمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنى رەنجىتىپ قويسا، كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىك ئادەتتىكى ئىش بولمايدۇ.
بوۋاي قىسقىغىنا بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى رەنجىتىپ قويغىلى تاس قالدى.
بۇ ئايالنىڭ تىلى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىكەن.
ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىرايىمۇ سەل جىددىيلىشىشكە باشلىدى، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى ھەقىقەتەن خالىغانچە رەنجىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
ئەگەر راستتىنلا رەنجىپ قالسا، ئۇنداقتا بوشى مالىيە گۇرۇھى ھامان بىر كۈنى نىشان بولۇپ قالىدۇ.
ھەر قانداق سەۋەب، ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.
- بۇ يەردە جېدەل چىقارماڭ! - دېدى بوۋاي تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىراپ، ئىككى كۆزى يوغىناپ، - ھەقىقەتەن زەھەرخەندە ئىكەنسىز، - دېدى.
دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- سىز مېنى ياراتماي يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولۇشنى تاللىغانكەنسىز، مەنمۇ ئېگىزگە يامىشىشنى ئويلاپ باقمىغان. پېشقەدەم باش مۇدىر، بۈگۈن كەچ بىز ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلەن بولساق بولاتتى، بەلكىم ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئاۋۋال قوپال گەپ قىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ باشقا ئادەم ئەمەس. - دېدى.
كۆپچىلىك بېشىنى لىڭشىتتى، دەرۋەقە، بۈگۈن ھەقىقەتەن بوۋاي ئاۋۋال باشقىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ خاپىلىق تاپتى.
- سىز... قورسىقىڭىزدىكى بالا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ... - دېدى.
- پېشقەدەم باش مۇدىر، گەپلىرىڭىزنىڭ زىددىيەتلىك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى دىلارە.
بوۋاي دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى زادىلا يادىدىن چىقىرالمىدى، ئەمما ئۇنىڭ سۆزى دىلارەنىڭ چىرايىنى سوغۇق تۈسكە كىرگۈزدى.
- سىز بىر تەرەپتىن ئىليارنى بوشى مالىيە گۇرۇھىدىن قوغلاپ چىقارسىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن مېنى ئۇنىڭ خوتۇنى دەپ ئېتىراپ قىلمىدىڭىز، قېرىشقاندەك قورسىقىمدىكى بالىدىن ئەنسىرەپ قالغىنىڭىز نېمىسى؟ نەۋرىڭىزنى ياخشى كۆرمەيسىز، لېكىن مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بىر تۇغۇت ماشىنىسىما، سىلەرنىڭ ئائىلىگە بالا تۇغۇپ بېرىشىم تەبىئىيلا ھەقلىق ئىشمۇ؟ - دېدى دىلارە.
بوۋاي بۇ قېتىم گەپ قىلالماي قالدى.
- پېشقەدەم باش مۇدىر، ئىدىيىڭىز مۇتەئەسسىپ بولسا، مەن ئۇنى باشقۇرالمايمەن، سىزنىڭ ياشتا چوڭ دەپلا، مەنمۇ سىز بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، بىر-بىرىمىزنى مېھماندەك ھۆرمەتلىشىپ ئۆتسەك بولىدۇ. لېكىن، ئاياللارنى كەمسىتىدىغان ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلسە، باشقىلار قوبۇل قىلالىسىمۇ، لېكىن مەن قوبۇل قىلالمايمەن. مەن ئەزەلدىن سىزگە قەرزدار ئەمەس، سىلەرنىڭ ئائىلىگە تېخىمۇ قەرزدار ئەمەس! ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقىمدىكى بالىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. - دېدى دىلارە.
- سىز... - دېدى بوۋاي.
- گەپلىرىم قۇلىقىڭىزغا ياقمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئەمەلىيەت، گەرچە سورۇن توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن سىز ھەقىقەتەن ماڭا بۇ گەپلەرنى توغرا سورۇندا دېيىش ھوقۇقىنى بەرمىدىڭىز. بۈگۈن نېمىلا دېگەن بىلەن باشلىقلار يىغىنى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن داڭلىق كارخانىچىلار قاراپ تۇرىدۇ، بىز يەنىلا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى چۈشلۈك چايدىن كېيىن قىلىشىدىغان پاراڭ تېمىسى بولمىغىنىمىز ياخشى، سىزنىڭچىچۇ؟ - دېدى دىلارە.
دېيىشكە تېگىشلىكنىمۇ، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغاننىمۇ ھەممىسىنى دىلارە دەپ بولدى.
ھازىر ئۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئويلاپ قالدى.
بوۋاينىڭ خېلىلا ئاچچىقى كەلدى.
ئەمما دىلارە نەزىرىنى قايتۇرۇپ، ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ئاندىن سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ :
- كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن شىڭچېن شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىلارە ، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى.
كۆڭۈل بۆلۈشىنى؟... كۆپچىلىك بىر-بىرىگە قاراشتى، چىرايى غەلىتە ئۆزگىرىشىپ كېتىشتى.
كۆپچىلىك ئۇنىڭغا كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلامدۇ؟
ئىلگىرى ئۇنىڭ بوشى مالىيە گۇرۇھى بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، كىم بىلسۇن بۇ قېتىم بىۋاسىتە باشلىقلار يىغىنىدا نەق مەيداندا جېدەلەشتى.
ئۇنىڭدەك نامى چىقمىغان ئادەمنى تاللىغاندىن كۆرە، بوشى مالىيە گۇرۇھىدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويماي، تىنچ ھالىتىنى ساقلىغىنى ياخشى.
ھېچ بولمىغاندا كۆرۈنۈشتە بەك ئېنىق ئىپادىلىمەك، ئىشىنى قىلغىنى ئەۋزەل.
دىلارە يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:
- قارىغاندا سىلەر مەن بىلەن شىركىتىمگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىكەنسىلەر، ھېچقىسى يوق، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا خالاشقاندا بولىدىغان ئىشلار، مەن كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىمگە ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھەرقانداق تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن. بۈگۈن سىلەرنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. - دېدى.
دىلارە گەپنى تۈز، ئاددىي قىلىشقا تىرىشتى.
ئايگۈزەل خانىم ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ:
- سىزنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالامسىز؟ - دېدى.
- پەقەت ئۆزۈمنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدىم، مەن كۆپچىلىك بىلەن دوست بولۇشنى خالايمەن، ھەمكارلىشالمىساممۇ، كېيىن نىشان بولۇپ قالمايمەن، - دېدى دىلارە.
ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى ئايگۈزەل خانىمنى ھەيران قالدۇردى:
- سىز بۈگۈنمۇ ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمۇ؟ - دېدى.
بۈگۈنمۇ دېگەن بىر خەت مەيداندىكى ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
بۇ يەردە ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىش، ئېنىقلا ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش.
دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- كۆپ دوست تۇتقان ياخشى. ئەگەر مۇۋاپىق ھەمكارلىشىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، مەن تەبىئىي ھالدا ياخشى ئويلىشىمەن، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar