مۇھەببەت قەپىزى || يازما نۇسخىسى بارلىق قىسىم توپلام

文摘   小说   2024-09-29 00:06   新疆  



 ئەسەرنى پەقەت ۋەقەلىك قوغلىشىپلا ئەمەس، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز! ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ئىنكاس رايونىدا بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن، سالامەت بولۇڭ!




مۇھەببەت قەپىزى

(رومان)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم

1-2-3 - قىسىم

سەرۋەر (1)


ئىشىكنى ئېچىپ مۇشۇ ئۆيگە كىرسەملا بالىلىقىمدىن باشلاپ قەلبىمگە مۇدھىش سايە تاشلاپ كەلگەن ھېلىقى ئىشلار بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. ئويلىماي دېسەممۇ، كۆڭلۈمدىن، كاللامدىن چىقىرىۋېتەي دېسەممۇ، زىنھار خىيال قىلماي دېسەممۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بەزىدە شۇ ئويلىنىشلار، ئەسلىمىلەر ئىچىدە مىڭ يىل جاپالىق ئەمگەك قىلغان كەبى چارچاپ كېتىمەن. بۇ چارچاش ھەتتا سەككىز سائەتنى يەتكۈزەلمەي توختىماي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتتىكى چارچاشلىرىمدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر، ھاردۇقى ھېچ ۋاقىت چىقمايدۇ، ئازابى يۈرىكىمدىن ھېچ ۋاقىت كەتمەيدۇ. بەلكىم كەتسىمۇ كېتەر ئىدى، لېكىن ئاپام بىچارە كەتكىلى قويمايدۇ. مېنى كۆرسىلا ئاشۇنداق قىلامدىكىن يا بولمىسا يوق يېرىمدىمۇ ئۆز-ئۆزىگە ئاشۇنداق كايىپ، غەلۋە قىلىپ، چالۋاقاپلا ئۆتەمدىكىن، ھېچنېمىسىنى بىلمەيمەن. كىرمەي دېسەم ئىمكانىم يوق، ئاپاممۇ ئۆزىنى يالغۇز قويۇپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىمنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ مەنسىز كۈنلىرىنى دەكە-دۈككە، ئازاب قاپلايدۇ. بۇنى بىلىپ تۇرىمەن. شۇڭا ئىدارەمگە يېقىنراق يەردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ سىرتتا تۇرۇشۇمغىمۇ قوشۇلمىغان، دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرسام مەندىن ئالالمىغان دەردىنى دادامدىن ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورۇنسىز جىدەللەر يەنە كۆپىيىدۇ. توي قىلىپلا چىقىپ كېتەي دېسەم ئائىلەمنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىدا توينى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەنە كېلىپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىك كەچمىشلىرىم مېنى بۇ قەدەمنى بېسىشتىن توسۇپ، قورقۇتۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئاپام بۇلار بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، مەندىن بىخەۋەر ھالدا لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىگە ھاۋالە قىلىپ، ماڭا لايىق ئىزدەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، 28 ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ ياتلىق بولالمىغان قېرى قىزلىقنىڭ خىجالەتچىلىكى ۋە ئاپامنىڭ توختىماي كوتۇلداپ سۆزلەپ، قۇلاق-مېڭەمنى يەپ تۇرۇپ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇغىلى قويماسلىقىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسىلچاقلىرىدا جان قىيناپ ياشاپ يۈرىمەن.

بەلكىم ئىنسان ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇيمەن، دەپلا ئۇنتۇغىلى بولماس، بىراق قايتىدىن باشلىغىلى بولىدىغانلىرىغىمۇ ئىمكان بولمىسا، ئەڭ يېقىن كىشىلىرى شۇنىڭغا ئىمكان بەرگىلى ئۇنىماي جاھىللىقىدا تۇرىۋالسا، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ قىينىۋالسا، بۇ قىيناش ھەم بىر باشلانغىنىچە يېرىم ئۆمۈر داۋاملاشسا، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ئېغىر ئازاب ئىكەن...

كۆزۈمنى يۇمۇپ بوسۇغىدىن ئاتلىسام ھېچيەرنى سىلاشتۇرماي مېڭىپ، ھېچنېمىگە پۇتلاشماي كىرىپ بىمالال مەشغۇلات قىلالىغۇدەك بۇ مۇھىت، ئۆي ئىچى ۋە بارلىق سەرەمجانلار ماڭا شۇنچىلىك تونۇش. ھەتتا ئاشۇ چاغلاردىكى تېتىقسىز كۆرۈنۈشلەر، يېرىم ئۆمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلىشقا تولۇق يەتكەن ئاشۇ رەسۋاچىلىقمۇ ھەر قېتىم بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆي ئىچىگە كىرىشىم بىلەنلا كۆز ئالدىمدا قايتىدىن يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. بىلىمەن، بۇ تۇيغۇمدىكى خاتالىق، مەن قانچە تىرىشىپمۇ ئۇ ئىشلارنى كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمىگەچكە ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە، ئاشۇ ھوجرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ ئاندىن مېھمانخانا ياكى ئاشخانا ئۆيگە كىرگۈچە شۇ ئىشلار ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش نەخ مېنىڭ ئالدىمدىلا يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەندەك بىر ھال شەكىللىنىدۇ. بەلكىم ئاپاممۇ مەندەك ئويلايدىغاندۇ، مەندەك ئەسلەپ، مەندەك ئازابلىنىپ، ئۇ ئىشلارنى مەندەكلا كۆز ئالدىدىن كەتكۈزەلمەي، مەندەك بىئارام بولىدىغاندۇ، ئۇمۇ دەل شۇنداق ئويلىغانلىقتىن، شۇ چاغدىكى ئازابلىرى خۇددى مېنىڭ ئازابىمغا ئوخشاشلا، مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇنتۇلماي كەلگەنلىكتىن، ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئاچچىقىنى يۇتالماي زەردىگۆش بولغانلىقتىن شۇڭا ماڭا كايىپ، ماڭا چالۋاقايدىغاندۇ.

ئۇنىسىمۇ توغرا، شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغىنىدا بىر تاللا قىزىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق، مۇشۇ شەھەردە ھايات ياشاپ يۈرگەن ئېرىنى يا بار، يا يوق دېيەلمەيدىغان، سىرتىدىن قارىسا بەختلىكتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما قەلبىدىكى ئازابلىرىغا روھى دۇنياسىدا كۈنىگە نەچچە مىڭ قېتىم چاقماق چېقىپمۇ دەردىنى ئالالمايدىغان ئاپامغا نىسبەتەن ئۆزىدىن تاپقان ئەڭ چوڭ تەسەللىي كايىۋېلىش، تىللىۋېلىش، چالۋاقاپ سۆزلىۋېلىش، سۆزلەپ-سۆزلەپ ئاخىرى زەردىگۆشلىرى تىتما-تالاڭ بولۇنغاندا تۆكۈلۈپ يىغلىۋېلىشلا بولسا كېرەك!...

شۇ چاغدا ئون ياشتا ئىدىم. پەقەتلا ئون ياش! گۆدەك بىر قىزنىڭ ئون ياش ۋاقتىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان بەزى ئىشلارنى كۆرۈپ قالغىنى ئۇنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ بالدۇر يېتىلىشكە، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى بالدۇرلا بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە، مېھىر-مۇھەببەتكە ھەقىقىي مەنىدىن زار بولۇشقا ۋە يېتىمسىراپ قېلىشقا باشلىغان ۋاقتى ئىكەن ئەمدى بىلسەم.

ئالدىنقى كۈنى مەكتەپتىن كېلىپلا ئاپامغا ئەتە چۈشكىچە ئوقۇساق، چۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. لېكىن دادام ئۆيدە بولمىغاچقا ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭىدىغاندا قارىسام، ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا «خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشىغا بارىمەن» دەپ، بىز بىلەن بىللە تاماق يېمەيلا قېتىپ ياسىنىپ، گۈپۈلدەپ ئەتىر پۇراپ چىقىپ كەتكەن دادام كېچىچە بەكلا ئېغىر ئولتۇرىۋەتكەنمۇ تاڭ، تاكى ئاپام ئىككىمىز ئىشىكتىن چىققۇچىمۇ قايتىپ كەلمىدى. ۋاقىت قىستاپ قالغانلىقتىن دادامنى ساقلىمايلا مېڭىۋەردۇق. ئاپتۇبوس بېكىتىگە بارغۇچە ئاپام ماڭا بۈگۈن دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ، بەرىبىر مېنىمۇ چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىدىغان بولغاندىكىن، ئاپاممۇ چۈشتىن كېيىن ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ يېنىپ كېلىدىغان، ئىككىمىز بىرلىكتە بازارغا چىقىپ تورت، كۆكتات ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كىرىپ، دادام قايتىپ كەلگىچە كاتتا بىر ئۈستەل زىياپەت تەييارلاپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغان، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆيدە بىللە تەبرىكلەيدىغان بولۇپ كېلىشكەن ئىدۇق.

دېيىشىۋالغاندىن كېيىن ئاپام مېنى مەكتىپىمگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۆزى ئىشقا كەتتى. چۈشتىن بۇرۇننى كاللامغا قەتئىيلا دەرس چۈشمەي، كەچتە بولىدىغان زىياپەتنى ھەرخىل تەسەۋۋۇر قىلىش، دادامغا نېمە سوۋغاتلارنى ئېلىش، قانداق تورت ياسىتىش دېگەنلەرنى تولا خىيال قىلىپ، كىچىك بالا بولغىنىمغا قارىماي ئۆزۈمچە تەسەۋۋۇرۇمدا ھەممە ئىشلارنى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ خىياللار بىلەن ھىجىيىپلا ئۆتكۈزۈپتىمەن. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سومكامنى سۆرىگەن پېتى سىنىپنىڭ ئىشىكىدىن ئەڭ بالدۇر چىققىنىمۇ مەن بوپتىمەن. ئاپام مېنى ئەتىگەندە ئاپىرىپ قويغىنى بىلەن چۈشتە ۋە كەچتە ئالغىلى كەلمەيتتى، ئۆزۈم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتاتتىم. بۈگۈنمۇ يەنە ئادىتىم بويىچە ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ئۇرۇلۇپ تۇرغان شامالغا يۈزۈمنى تۇتۇپ راھىتىنى سۈرگەچ ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ كەلدىم.

ئاپام رەڭلىك يىپقا چېگىپ بوينۇمغا ئېسىپ قويىدىغان ئاچقۇچۇم بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپلا غەلىتە بىر ھالدىن مەڭدەپ تۇرۇپ قاپتىمەن. ئۆيىمىزنىڭ نەرىدىندۇر غەلىتە ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى. بۇ ئاۋازلار بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ بولۇپ، ئىنتايىن پەس ئىدى، ئەمما بىر-بىرىگە ئەركىلىگەندەكمۇ، نازلانغاندەكمۇ، ئەركىلەتكەندەك ۋە ئىڭرىغاندەكمۇ قىلاتتى. زەن قويۇپ ئاڭلىسام ئاۋازلار دادام-ئاپاملارنىڭ ھوجرىسى تەرەپتىن كېلىۋاتقاندەك بىلىندى، شۇ چاغدا كاللام قېيىپ قېلىۋېدىمىكىن تاڭ، ۋە ياكى بالىلىقتىكى بەڭۋاشلىق شۇ قەدەر بىلىشسىز، شۇ قەدەر بىپەرۋا، شۇ قەدەر ھاڭۋاقتى كېلەر بولغىيمىدىكىن. ئىشقىلىپ شۇ چاغدا ئۆزۈممۇ بىلمەيلا بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپتىمەن. ئىشىك قول پاتقىدەك ئارىلىقتىن ئوچۇق ئىدى. ئەنە شۇ ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن ئۆي ئىچىدىكى مەنزىرە ئېنىق نامايەن بولۇپ تۇراتتى. دادام، مېنىڭ دادام كارىۋات ئۈستىدە قىپيالىڭاچ ھالدا، قىپيالىڭاچ ناتونۇش بىر ئايال بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى شۇ ياۋايىلىقلىرى ھېلىھەممۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ...

بۇ ھالنى كۆرۈپ پۈتۈن بەدىنىم تورمۇزلىنىپ قالدى. مېڭەمدە توك سوقۇۋەتكەندەك بىرخىل گاراڭ تۇيغۇ. پۇت-قولۇم، نېرۋام ھېچنەرسىنى سېزەر ئەمەس، ھەتتا نەپەسلىرىممۇ توختاپ قالغاندەك، پەقەت يۈرىكىم ئادەتتىكىدىن تېز سوقۇپ تۇراتتى ۋە ئۆي ئىچىدىكىلەر ئاڭلىغىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك سوقاتتى. شۇ تەزردە ئىشىك تۈۋىدە قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئويلىسام شۇ چاغدا كەينىمگە يېنىپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى ياكى ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشنىمۇ ئويلىيالماپتىكەنمەن. ئۇنداق ھۇش-كاللىمۇ نەدە ئۇ بالىلىقتا...

-سەرۋەر، بۇ يەردە تۇرۇپسىزغۇ؟

تۇيۇقسىز كەينىمدىن ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن تەڭ قاتتىق چۆچۈپ ۋارقىرىۋەتتىم. ئاپاممۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمدىن چۆچۈپ كەتتى ۋە ھەيران بولغان ھالدا كېلىپلا مېنى قۇچاقلىدى. دەل شۇ چاغدا بايىقى يالىڭاچلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھوجرىنىڭ ئىشىكى جاققىدە يېپىلدى. ئاپام بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، كېلىپلا ئىشىكنى ئىتتىردى، ئىچىدىن بىرسىنىڭ تاقىۋالغانلىقى ئېنىق بولغان ئىشىك سۈكۈتتە ئىدى. ئاپام تەئەججۈپ ۋە ئىككىلىنىش بىلەن چىرايىمغا سىنچىلاپ قاراپ گەپ قىلاي دېگىچە ھوجرا ئىشىكى ئېچىلىپ، كىيىملىرىنى چالا-بۇلا كىيگەن دادام چاققانلىق بىلەن چىقىپلا يەنە ئىشىكنى تاقىۋالدى. ئاندىن ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ كاپپىدە قولۇمغا تۇتقۇزۇپ شۇنداق دېدى:

-قىزىم ماۋۇ پۇلنى ئېلىڭە مەڭ، دەرۋازا يېنىدىكى غەربچە تاماقخانىغا چىقىپ تاماق بۇيرۇتۇپ يەپ تۇرۇڭ، ئاپىڭىز ئىككىمىز سەل تۇرۇپ چىقىمىز، بولىڭە چاققان...

دادام شۇنداق دەپ، پۇلنى قولۇمغا مەجبۇرىي تۇتقۇزۇپ ئاندىن مېنى زورلاپ ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئىشىكتىن چىقىرىۋېتىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالدى. ئاڭغىچە ئاپامنىڭ ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى مۇشتلىغاچ جان-جەھلى بىلەن ۋارقىراپ كىمنىدۇر تىللىغان ئاۋازى بىنا كارىدورىغىچە ئاڭلاندى:

-ھوجرىدا كىم بار؟... ئىچىدىكى قايسىڭ؟... چىقە ھەي نومۇسسىز، ئىچىدىكى زادى قايسىڭ دەۋاتىمەن؟ ھېلى بىكار ئىشىكنى چېقىپ كىرىمەن، تەپ تارتماي ئۆيۈمگىچە كىرگۈدەك يۈزۈڭ بولغاندىكىن يۇشۇرۇنىۋالماي نېمە گېپىڭ بولسا ئالدىمغا چىقىپ دە!... ئىشىكنى ئاچە، ئاچ دەيمەن ھۇ پەسكەش بۇزۇق!...


زۇبەيدە (1)


قىزىمنى دېمىگەن بولسام، ئائىلەمنى ساقلاپ قېلىشنى كۆزلىمىگەن بولسام، بىر ئۆمۈر «ئاجراشقان ئايال» دېگەن نامغا قالماسلىقنى نەزەردە تۇتمىغان بولسام مۇنداق يارامسىز، ۋاپاسىز، يۈزسىز ئەردىن ئاللىقاچان ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتىم. شۇنچە يىلنى مۇشۇ ئىدىيە بىلەن ئۆتكۈزۈپتىمەن، بۇ جەرياندا يا ئۇ تۈزىلىپ ياخشى ئادەم بولۇپ كەتمىدى، يا مەن مەيلى دەۋېتىپ بۇرۇنقىدەكلا باغرىمنى ئاچالمىدىم. ئەشەددىي رەقىبلەردەك بولۇشۇپ، بىر-بىرىمىزگە غايىۋى خىرىس قىلىشىپ، بىر-بىرىمىزنى چايناپ پۈرقىۋېتىشسەكمۇ دەردىمىز چىقىشمايدىغاندەك ئۆتكەن، نامدا ئەر-خوتۇن، ئەمەلىيەتتە بويتاق پېتى ياشىغان بۇ يىللارنىڭ تۈگىمەس ئازابى ھەقىقەتەن جېنىمغا پاتتى. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئويلىغىنىمدا ھەرھالدا پۇخادىن چىقىپ قالىمەن. خوپ بولسۇن تازا! كىم ئۇ ئىپلاسنى ماڭا بۇ قەدەر يۈزسىزلىك قىلسۇن دەپتۇ؟! شۇمۇ ئاز تېخى، بولسا ھەر كۈنى يىلان، قوڭغۇزلار، قۇرتلار چېقىپ، بەدىنىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتسە، كېسەل ئازابىدا قىينىلىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالسا، ھەياق، مەن بىلەن تۇتقان ئۆيگە ئاشۇ بۇزۇق خوتۇنلارنى باشلاپ كىرىپ بىللە ياتقىلى قۇتراتقان ئاشۇ نېمىسى ئەڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ شۇ كېسەل ئازابىدا قىينىلىپ، ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تېرىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا كۆز ئالدىمدىلا ئۆلسە!...

بۇ يىللاردا ئەڭ كۆپ قىلغىنىم مۇشۇ خىيال بولدى. ۋە بەلكىم كېچە-كۈندۈز كاللامدىن كەتمىگەن يامان ئوي مۇشۇلا بولدى. ئەسلى بىراۋغا يامانلىق تىلەش ياخشى ئىش ئەمەس، لېكىن قانداق قىلىمەن؟ مەن بۇ ئاچچىقىمنى ھەرقانداق قىلىپمۇ يۇتالمىدىم، شۇ چاغدىكى ئىشلارنى، ئۇ ماڭا خىيانەت قىلغان ئاشۇ كۈننى، ئاياللىق ئىززىتىمنىڭ، ئۇنىڭغا بولغان ساپ مۇھەببىتىمنىڭ، تاغدەك ئەقىدەمنىڭ پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان ئاشۇ ۋەقەنى تا مۇشۇ كەمگىچە پەقەتلا ئۇنتۇيالمىدىم.

بىر تۇرۇپ شۇ كۈنى ئاتايىن رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن بولسام، ئۇنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قالمىغان بولسام، گەرچە ئۇ ماڭا خىيانەت قىلىپ، ماڭا ئۇقتۇرماي دوپپامغا جىگدە سېلىپ يۈرگەن بولسىمۇ مەن ئەڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئىشلارنىڭ ھېچنېمىسىنى بىلمەيلا قالغان بولسام، ئۇ تالادىكى ئويۇنلىرىنى ئىس-بۇسىنى چىقارماي ئۆزى چاغلاپ ئويناپ، ئۆيگە قايتقاندا داۋاملىق ئانا-بالا ئىككىمىزگە يۇۋاش، ئوڭلۇق، مېھرىبان ئەر، كۆيۈمچان دادا بولۇپ، ئىككى يەردە ئىككى خىل رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىپ كېتىۋەرگەن بولسا، بەلكىم كېيىنكى ۋەيرانچىلىقلار يۈز بەرمەسمىدىكىن يا، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. شۇنداق ئويلايمەنۇ، يەنە تۇرۇپلا بۇ خىيالىمدىن دەررۇ يېنىۋالىمەن. نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەك؟ ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولىۋەرگۈدەك؟ ئۇنىڭ شۇ بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئۇستاتلىق بىلەن مەندىن شۇنچە ۋاقىت يۇشۇرالىغىنىدىن ئىچىم كۆپۈپ، دەپسەندە بولغان ئىززەت-ھۆرمىتىمگە پىغانىم ئۆرلەپ شۇڭا مۇشۇ كەمگىچە يېرىم ساراڭدەك ياشىمىدىممۇ؟ بەلكىم يەنە نەچچە يىل يۇشۇرالىغان بولسا، ئەڭ كېچىكىپ بىلگەن بولسام، ئۇ چاغدا بۇ ئاچچىق، بۇ ئەلەم، بۇ ئاھانەت ۋە يۈزسىزلىكنىڭ ئازارىدا پۈتۈنلەي ساراڭ بولماسمىدىم؟...

ئۇھ!... ئايال كىشى بولماق، بىر ئائىلىنى مۇكەممەل تۇتماق، بىر ئادەمنى تولۇق مېھىر ۋە ھوقوق بىلەن سۆيمەك، قەدىرلىنىپ سۆيۈلمەك نېمە دېگەن تەس! مەن نېمانچە تەلەيسىز، نېمانچە بىچارە ئىنسانمەن ھە؟! ئون نەچچە يىل جاپا تارتىپ تۇتقان ئۆيۈم، موچەنسىز، بىر تال قوشۇقسىز بىر ئۆيگە بىللە كىرىپ، ئاشۇ بولۇمسىز ئەرنى ئەر قىلىپ شۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغىچە چەككەن جاپالىرىم يەتمىگەندەك، ئەمدىغىنا ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چېكىمىز ئاپتاپ كۆرۈۋېدى، ئۇنىڭ يۈزسىزلىكى ئەنە، «ئۇيات بولىدۇ، قىزىمنىڭ ئاپىسى، مەڭگۈلۈك روزىغارىم ئۇ، شۇ بىچارىگە مېنى دەپ كىرمىگەن گۆر، يېمىگەن پوق قالدى، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي قالىمەن، ھايۋانىي نەپسىمنى بەختلىك ئائىلەمنىڭ ئالدىغا قويماي» دېيىشنى بىلمىگەن ئۇ ئەخلاقسىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى، مۇھەببىتىم يۈزىگە ئاياغ قويغانلىرى ئەنە!... جاھاندا مەندەك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇۋالچىلىق دەستىدىن ساراڭ بولۇپ قالماي ھېلىمۇ ئوڭ ياشاپ يۈرگەن بىچارە ئاياللاردىن يەنە نەچچىسى باردۇ؟...

ھېلىمۇ خۇددى ھازىر يۈز بەرگەندەكلا ئېسىمدە. ئاشۇ كۈنى ئۇ قىزىمىزنى قولىغا بىر تۇتام پۇل تۇتقۇزۇپلا ئىتتىرىپ ئىشىكتىن چىقىرىۋەتكەندەك قىلدى. بۇ سەتچىلىكلەرنى قىزىمىزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىنى شۇ قېلىقىدىن ئايان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ نېمە بىلسۇن قىزىمىزنىڭ مەندىنمۇ بۇرۇن ئۇ رەسۋاچىلىقلارنى تولۇق كۆرۈپ قالغانلىقىنى؟ مۇشۇلارنى ئويلىسام چىشىم قېيىشىپ، ئۇنى بوغۇپلا بىرنېمە قىلىۋەتكۈم كېلىدۇ. بىر دادىمۇ قىزىنىڭ ھاياتىغا ئاشۇنداق نومۇسسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرامدۇ؟ قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەكمۇ كەڭ قورساق بولۇپ ئۇنىڭ ئاشنا ئوينىغىنىنى ئېغىرمۇ ئالماي بوپتۇ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن تۇرىدىغان ئۆيىگە يات خوتۇنلارنى ئەكىرىپ يېتىپ، قىزىنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق ھالدا نامايەن بولامدۇ؟ بىر دادا ئۈچۈن بۇلار نە ئات، نە نومۇس ھە!؟...

ھوجرا ئىچىدە كىمدۇر بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ھەئە، بىلىپ تۇرىمەن، شۇڭا ئىشىكنى ئۇرىۋاتىمەن كۈچۈمنىڭ بارىچە، تىللاۋاتىمەن ئېغىزىمنى بۇزۇپ ئىمكانىم يەتكىنىچە. ئىشقىلىپ بۇ ئاچچىقىمغا پايلىغۇدەك تاقەت مەندە يوق ئىدى. شۇ تاپتا ئاشۇ بۇزۇقنىڭ تەلەتىنى بىر كۆرۈپ باقسام، ئىنسان بالىسىمۇ ياكى ھايۋاننىڭ نەسلىمۇ، ماڭا ئوخشاش ئايال كىشىمۇ ياكى باشقا تائىپىدىنمۇ بىر بىلىپ باقسام، ئاندىن ئۆز قولۇم بىلەن قارنىنى يېرىپ، ئۈچەي-باغرىنى چۇۋۇپ ئېلىپ باش-بويۇنلىرىغا چىرماپ قويسام دېگەننىلا ئويلايتتىم شۇ ئاچچىقىمدا. لېكىن ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن چىڭ تاقىۋېلىپ زادىلا ئاچقىلى ئۇنىمىدى، ئېرىم بولسا ماڭا يېپىشىپ، قوللىرىمدىن چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋېلىپ، ئۈنۈمنى ئۆچۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ يالۋۇرىۋاتاتتى. ئۇنايتتىممۇ؟ ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز ئۇنايتتىڭىزمۇ؟...

ھوجرا ئىچدىكى ئۇ نامەلۇم بۇزۇقنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن ئىشىكنى ئاچمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن، بار كۈچۈم بىلەن يۇلقۇنۇپ ئېرىمنىڭ قۇچىقىدىن چىقتىم-دە، چاقماق تېزلىكىدە يۈگۈرۈپ مېھمانخانا تەرەپكە باردىم، شۇ يەردىكى تارتمىدا زاپاس ئاچقۇچ بار ئىدى، ئاچقۇچنى ئالساملا بېرىپ ئىشىكنى سىرتىدىن ئۆزۈم ئاچاتتىم. لېكىن مەن ئالدىراپ بېرىپ ئاچقۇچنى تېپىپ ھوجرا تەرەپكە يۈگۈرگىنىمدە ئىچىدىكى بۇزۇقنىڭ نېمىلەرنىدۇر سىقىمداپ تۇتقىنىچە ئاللىقاچان بايا قىزىم چىقىرىۋېتىلگەن چوڭ ئىشىكتىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھەئە، بايا ئۇ ئاچقىلى ئۇنىمىغان ھوجرا ئىشىكى مانا ئەمدى ھاڭغىرقاي ئوچۇق تۇراتتى، مەن نەچچە قەدەم يەرگىچە بېرىپ ئاچقۇچنى ئېلىپلا كەلگۈچە ئارىلىقتا ئۇ بۇ ئۆيدىن، مېنىڭ كۆز ئالدىمدىنلا قېچىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.

قولۇمدىكى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئاچقۇچنى نەگىدۇر چۆرىۋېتىپ، ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن تالاغا يۈگۈردۈم، بىراق پۇتۇم تېخى بوسۇغىغا ئېلىنماي تۇرۇپلا كەينىمدىن يېتىشكەن ئېرىم مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋېلىپ، يۈزۈمنى تامغا نىقتاپ تۇرىۋېلىپ مىدىر-سىدىر قىلدۇرمىدى، ئاندىن تەسلىكتە كۈچەپ بىر قولىنى سۇنۇپ، بايا ھېلىقى بۇزۇق چىقىپ كەتكەندە ئوچۇق قالغان ئىشىكنى تارتىپ ئەكىلىپ جاڭڭىدە ياپتى. شۇ چاغدا پەلەمپەي رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ، ئىككى قولى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىپ، مۇزدەك سىمونت يەردە تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان بىچارە قىزىم سەرۋەرگە كۆزۈم چۈشۈشى بىلەنلا يۈرىكىم قايتىدىن ئاغرىدى...


سەرۋەر (2)


دادام مېنى زورلاپ ئىتتىرىپ ئىشىكتىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، خۇددى پۈتۈن دۇنيادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەندەك، ۋە يەنە ئۇزاق پىرقىرىتىپ ئاندىن قويىۋەتكەندەك بىرخىل گاراڭچىلىقتا قايمۇقتۇم. ئەقلى-ھۇشۇم نەدە، مەن نەدە، ئاتا-ئانام نەدە، بۇلارنى بىلەرگە كاللام چورتلا يەتمەيتتى. شۇ تاپتا بىرەرسى يېتىلەپ يا كۆتۈرۈپ ئەپ چىقىپ قويسا قانداقكىن، بولمىسا ئۆزۈم مېڭىپ دەرۋازا يېنىدىكى غەربچە تاماقخانىغا چىققۇدەك ھالىم يوق ئىدى.

ئىچىدىن تاقالغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا، ئىچىدىكى قىيا-چىيا، جىدەل-ماجرالارنى ئاڭلاپ تاكى پۇتلىرىم تېلىپ ھېچنېمىنى سەزمىگۈدەك بولۇپ كەتكۈچە تۇرۇپتىمەن. مەندە ئالدىمدىكى مۇشۇ ئىشىكنى چەككۈدەك، دادام-ئاپاملارنىڭ مېنى ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىشىنى ئۆتۈنگىدەك جۈرئەتمۇ يوق ئىدى. يەنە كېلىپ قانداق دېيەلەيتتىم؟

ماڭا خۇددى كۆز ئالدىمدا بۇ ئىشىك يوقتەك، ھېلىھەممۇ بايىقى مەنزىرە روي بېرىۋاتقاندەك، دادام يەنىلا ئاشۇ كارىۋاتتا، ئاشۇ ناتونۇش ئايالنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنى، پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇغان ھالدا ئاۋۋالقىدەكلا ياۋايىلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ ئىشلارنى ئويلىماي دېسەممۇ، كاللامدىن چىقىرىۋېتەي دېسەممۇ زادىلا ئىمكان بولمايۋاتاتتى. تۇيغۇلىرىم ھېلىدىن-ھېلىغا ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە قايتىلىنىپ، نېرۋام، كۆزلىرىم خۇددى بۇ جىنايەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.

ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاپامنىڭ تىل-ئاھانەتلىرى، يىغا-زارە، قىيا-چىيالىرى ھېچ بېسىقمىدى. ھەم ھېچكىممۇ ئىشىكنى ئېچىپ مېنى ئىچىگە كىرگۈزىۋەتمىدى. پۇتلىرىم تېلىپ ئۆرە تۇرغۇدەك مادارىم قالمىغاندا قۇلاقلىرىمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈلىرىمۇ ھالسىزلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مېڭەم چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى، كۆز ئالدىم غۇۋالىشىپ، ئۆزۈم ھاۋادا لەيلەپ قالغاندەك بىر سېزىم ھۇجۇدۇمنى ئىسكەنجىگە ئالماقتا ئىدى. ئاخىرى بۇ ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىگە كەلدىم ھەمدە تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلاشقان پۇتلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ كېلىپ، پەلەمپەي رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، قۇلاقلىرىمنى قوللىرىم بىلەن چىڭڭىدە ئېتىۋالدىم. شۇنىڭدىمۇ بۇ سىقىلىش، بۇ ئىسكەنجە ھېچ بېسىقمىدى.

ئۆيىمىز ئۈچىنچى قەۋەتتە ئىدى. ئۈستى خوشنىلار يېنىمدىن ئۆتۈپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ياكى ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. مېنى كۆرۈش بىلەن تەڭ قەدەملىرىنى ئاستىلاتقىنىنى سېزىپ تۇراتتىم. ئەمما ھېچكىمگە بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىمىدىم. ئۇلارمۇ ماڭا گەپ قىلماي، يېنىمدىن جىممىدىلا ئۆتۈپ كېتىشەتتى. بىركەمدە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكى زەردە بىلەن ئېچىلغاندەك قىلدى، ئاندىن شۇ ئىشىكتىن قانداقتۇر لاتا-پۇتىلىرىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ساڭگىلىتىپ يەرگە سۆرىگەن پېتى مەززىلىك ئەتىر پۇرايدىغان بىر ئايال چىقىپ، يالاڭئاياق پۇتلىرى بىلەن سىمونت پەلەمپەينى پاقىلدىتىپ دەسسەپ، تولىمۇ ئالدىراش ھالدا يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىنچىكە تاسمىلىق باسنۇشكىسىنى قولىدا كۆتۈرىۋالغانلىقىنى ئېنىق كۆردۈم. ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى يۈزلىرىنى توسۇۋالغان بولۇپ، چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. «ئاپامغا تۇتۇق بەرمەي قېچىپتۇ-دە» دەپلا ئويلىدىم كۆڭلۈمدە. ئەنە شۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ تېخى بايىلا قىپيالىڭاچ ھالدا قىپيالىياچ دادامنىڭ تېگىدە ياۋايىلارچە تولغۇنۇپ ئىڭراشلىرى كۆز ئالدىمدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ قالدى...

ھېلىقى ئايال پەسكە چۈشۈپ كېتىپ ھايال ئۆتمەيلا ئاپامنىڭ ئالەمنى مالەم قىلغۇدەك چىرقىراپ تىللاشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرغان ئىشىك قايتىدىن قاتتىق يېپىلدى. ئەمدىكى قىيا-چىيالارنىڭ قاتتىقلىقىغا چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ تەرزە خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم، يەر بەكمۇ سوغۇق ئىدى. ئاخىرى كىچىك تەرىتىم قىستاپ بولالمىغاندا ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ، پەلەمپەيلەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ پەسكە قاراپ ماڭدىم...


زۇبەيدە (2)


قىزىمنىڭ دادىسى بولغان نامەرد قىلغۇلۇقىنى ئاخىرىغىچە قىلدى. ئۇ قاراپ تۇرۇپ مېنىڭ ئاچقۇچقا كەتكەن ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، ھوجرا ئۆيگە سولىۋالغان ھېلىقى بۇزۇقنى پۇختىلىق بىلەن قاچۇرىۋەتتى. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇ بۇزۇقنى تۇتىۋالىغان بولسام نېمىلەرنى قىلىۋېتەر بولغىيدىمكىن تاڭ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. شۇ ئاچچىقىمدا جاھانغا پاتمىغۇدەك بولۇپ، مىڭ جان، مىليون جان بولۇپ ساراڭلىق قىلىپ، ئۆينى بېشىمغا كىيىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ، بولۇشىغا يىغلاپتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن قاق بىر چۈشتىن كېيىن سوقۇشۇپ، ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەندە، ئۆي ئىچى خۇددى نەچچە بال بوراندا قالغاندەك ۋەيرانە تۈسكە كىرىپ قالغاندا، يىغلاۋېرىپ ماغدۇرۇمدىن كېتىپ، بىر ئېغىز گەپ قىلغۇدەك مادارىم قالمىغاندا ئاندىن توختاپتىمەن. ئەمما ئۇ پۈتكۈل جىدەل جەريانىدا ئۇرۇپ-تىللاشلىرىمغا، نەرسە-كېرەكلەرنى ئېتىپ چېقىشلىرىمغا، يۈز-كۆزلىرىنى مورلاپ چىرقىراشلىرىمغا، قولىنى چىشلەپ ئۈزۈشلىرىمگە بەرداشلىق بېرىپ، گەپمۇ قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىممىدە تۇرىۋالدى. كونىلار راست دەپتىكەن «سىلىق دەرەخكە چىققىلى بولماس» دەپ. بۇنىڭ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرىۋېلىشلىرى ھېچ ئاچچىقىمنى چىقىراي دېمىدى. ئىشقىلىپ ئاشنا ئوينىغاننى ئاز دەپ، ئوينىشىنى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقىنىنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيتتىم.

ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن بىر چاغدا تالاغا چىقىرىۋېتىلگەن قىزىم ئېسىمگە كەلدى. سەرۋەر! بىچارە قىزىم! كارىدور سوغۇق، پەلەمپەي تېخى سوغۇق تۇرسا، ئۇ بىچارە ئاشۇ يەردە ھېلىغىچە ئولتۇرغانمىدۇ؟ نېمىشقا چىقىپ ئۇنى ياندۇرۇپ كىرىش يادىمغا يەتمىگەندۇ؟ شۇنى خىيال قىلىش بىلەنلا ئىختىيارسىز ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم. ئەمما چىقسام قىزىم تېشىدا يوق، ئاستى-ئۈستى قەۋەتلەرگىچە دوقۇرۇپ ۋارقىراپ ئۇنى ئىزدىدىم، مىڭ بىر ئۈمىدلەر بىلەن خوشنىلارنىڭ ئىشىكىنى ئۇردۇم، بىراق يەنىلا يوق. دادىسى بۇيرىغان بويىچە دەرۋازا يېنىدىكى غەربچە تاماقخانىغا چىقىپ كەتكەن بولمىسۇن يەنە، دېگەن ئوي بىلەن ئوڭ-تەتۈر يۈگۈرۈپ ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى يېنىغا چىقتىم، يەنە يوق. ئەتراپتىكى تاماقخانا، دۇكان، تاللا بازىرى، ئىشقىلىپ ئىشىكى بارلىكى، كىرگىلى بولىدىغانلىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە دوقۇرۇپ پۇتلىرىم ئۈزۈلۈپ كېتەي دېدى، يەنىلا يوق. بۇ بالا زادى نەگە كەتكەندۇ؟ دادىسى ئىككىلىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ شەھەردە ئەمەس، ئۇنىڭ بارغىدەك باشقا يېرىمۇ يوق، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولسىچۇ؟ چوقۇم شۇ...

شۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئولتۇراق رايون دەرۋازىسىدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم. شۇنداقتىمۇ ھېرىپ ھالىمدىن كەتكىنىمگە قارىماي كەينىمگە يېنىپ ئۆيگە قايتىپ كىردىم ھەمدە ئولتۇرغان يېرىدىن مىدىرلاپمۇ سالماي، قان يۈرۈشمەي كۆتۈم كۆكۈرۈپ قالار دېمەي ھېلىغىچە ئاشۇ تام تۈۋىدە چاپلىشىپ ئولتۇرغان ئېرىمگە ۋارقىرىدىم:

-سەرۋەر يوق تۇرىدۇ، ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى، ھېچنەدە يوق! كاللاڭنىڭ دەردى باردەك كىچىككىنە بالىنى زورلاپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىسەن، ئەمدى نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ، يوق ئەنە، «بالام سەت ئىشلىرىمنى بىلىپ قالمىسۇن» دەيدىغان ئادەم قىلمايتتۇق شۇ رەسۋاچىلىقنى!... ئىتنىڭ تاپىدەك ئولتۇرماي قوپە چىقىپ بالىنى ئىزدە، مەن ساۋاقداشلىرىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ سوراپ باقاي!

ئۇ ماڭا چوڭ بىرنى قاراپ قويغاندىن كېيىن، جىددىيلا ئورنىدىن تۇرۇپ ھوجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن سوقۇشۇش جەريانىدا تارتىپ مورلاپ يۈرۈپ يىرتىۋەتكەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغىلى ماڭدىغۇ دەيمەن ئەتىمالىم. ئۇنىڭ كەينىدىن يىرگىنىش بىلەن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، زەردە بىلەن ئۆيىمىزدىكى مۇقىم تېلېفۇننىڭ ئالدىغا چۆكتۈم.

ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ھەممىلا ئادەمدە بىردىن يانفۇن يوق ئىدى. پەقەت ئۆيىمىزدە بىردىن، ئىشخانىمىزدا بىردىن مۇقىم تېلېفۇننىڭ بولغىنى چوڭ ئىش ئىدى. ئۆيدە ئەمەس چاغلاردا يوللاردىكى، دۇكانلاردىكى ئاممىۋى تېلېفۇن بوتكىلىرىدا بىر مىنۇتىغا ئىككى موچەندىن پۇل تۆلەپ تېلېفۇن ئۇراتتۇق. تېخى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە ئاشۇنداق مۇقىم تېلېفۇنلارمۇ يوق ئىدى.

ئۆيىمىزدىكى تېلېفۇن نومۇر تىزىملىك دەپتىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ قىزىمنىڭ بىر نەچچە ساۋاقدىشىغا تېلېفۇن قىلىپ سورىسام، ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇنىڭ بارمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتكە يېقىن تېلېفۇن ئۇرۇپ، قىزىم بىلەن ئالاقىسى بارلىكى كىشىلەر بىلەن، ھەتتا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەنمۇ تېلېفۇنلىشىپ چىقتىم. يەنىلا ئىز-دېرىكى يوق ئىدى. دەپتەردىكى نومۇرلار تۈگىدى. سىرتقا قارىسام قاراڭغۇ چۈشۈپ بوپتۇ. قىزىمدىن يەنىلا ئۇچۇر يوق، دادىسىمۇ ئاللىقاچان ئۇنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدىم. مۇنداق ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىۋېرىشكە بولمايتتى. توساتتىن شۇ قەدەر قاتتىق يىغا تۇتتىكى، ئۆزۈممۇ سەزمەيلا ھۆڭرەپ يىغلاپتىمەن ۋە شۇ يىغلىغان پېتى يەنە قىزىمنى ئىزدەپ تالاغا ئۆزۈمنى ئېتىپتىمەن...

قايسى چاغ بولغىنىنى ئىلغا قىلالمايمەن، ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن بىر كەمدە پۇتلىرىم كالۋالىشىپ ئاخىرى كېتىۋاتقان يېرىمدىلا يىقىلىپ چۈشتۈم. شۇ چاغدا كىمدۇر بىرى مېنى يۆلەپ بېلىمدىن چىڭڭىدە قىسىپ ئۆزىگە يۆلەندۈرىۋالدى. كۈچىنىپ تۇرۇپ يۆلىگۈچىنىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئۇ ئېرىم، قىزىمنىڭ دادىسى ئىدى. بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئىتتىرىپ ئۆزۈمدىن يىراق قىلىشنى، تېخى ئابايىلا خەقنى سولاپ ياتقان قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋېلىشنى ئويلىدىم، لېكىن شۇنىڭغىمۇ مادارىم يەتمىدى...

ئۇ مېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەندە قىزىم سەرۋەر ئاللىقاچان ئۆيگە كېلىپ بولغان، يەنە كېلىپ، مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئامانگۈل بىلەن بىللە چۇۋۇق، ۋەيرانە ئۆيىمىزنى تۈزەشتۈرىۋاتقان بولۇپ چىقتى. قىزىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالدا يىغامنى قايتىدىن باشلىدىم. بىچارە قىزىم بەكلا قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىجىك، ئورۇق ھەم كىچىككىنە ھۇجۇدى باغرىمدا ئاجىز يوپۇرماق كەبى تىترەيتتى.

-نەگە كەتتىڭىز؟... ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەنسىرىتەمسىز؟... بىلەمسىز، سىزنى ئىزدەپ بارمىغان يەر، تېلېفۇن ئۇرمىغان ھېچكىم قالمىدى...- دېدىم ئۇنىڭ بالىلىق ھىدى ئۇرۇلۇپ تۇرغان چاچلىرىنى قېنىپ ھىدلىغاچ ئېسەدەپ يىغلاپ.

-شۇڭىكەن-دە،- دېدى دوستۇم ئامانگۈل مۈرەمدىن بوش پەپىلەپ تۇرۇپ تەسەللىي بېرىپ،- تېلېفۇن ئۇرسام، ئۇرسام ئالدىراش دەۋەردى، كېيىن ئۇرسام ئالىدىغان ئادەم يوق، نېمە بولغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ بىر بولۇپ كەتتىم، ئالدىراپ بالىنىڭ كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ ئېلىپ كەلسەم سىلەر ئۆيدە يوق، ھېلىمۇ ياخشى بالىنىڭ بوينىغا ئېسىقلىق ئاچقۇچ باركەن، شۇنىڭدا ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرسەك ئەھۋال بۇ، نېمىلەرنى قىلىۋەتتىڭلارەي ئۆي دېگەننى بۇلاڭچى كىرگەندەك...

ئامانگۈلگە ھېچنېمە دېمىدىم، ئېرىمنىڭ قىزىمىزنى قۇچاقلاش ئۈچۈن سۇنغان قولىنى زەردە بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ، قىزىمنى يېتىلەپ، ئامانگۈلگە ئىشارەت قىلىپ قويۇپ بالىنىڭ ھوجرىسىغا ماڭدىم.

-بالىدىن ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىدىم،- دېدى ئامانگۈل قىزىم ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا سۆزلەپ،- كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئاداش، بولىدىغان ئىش بوپتۇ، بۇنىڭغا يىغلاپ ئۇرۇشۇپ ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويساڭ ئەرزىمەيدۇ، ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشقىن، جىدەللىشىپ ھېچنېمىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، مىڭنى قىلغان بىلەن سەمى بىر بالاڭنىڭ دادىسى، ئۇزۇن يىللىق قەدىناسىڭ بولۇپ قالدى، راست گەپنى قىلسام بۇنداق ئىشلار ھازىر كۆپىنچىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا بار، ئېسىڭدە بارمۇ مېنىڭمۇ نەچچە يىل بۇرۇن ساڭا ئېرىم ئۈستىدىن «ئۆمەرجان تالاغا قاراپ قالدى، سىرتتا بىر بۇزۇق بىلەن ئاشنا ئويناپ يۈرۈپتۇ، ئىككىسىنى مېھمانخانىدا نەخ مەيداندا تۇتىۋالدىم» دەپ دادلىغانلىرىم؟ ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتىۋېدى ئۇمۇ ئوڭشىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى قارا، ھازىر شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى، تالاغا قارايدىغان ئىشلىرىمۇ، ئەسكى-پەسكى خۇيلىرىمۇ يوق، ئەرلەر بىر بۇزۇلۇپ تۈزەلگەندىن كېيىن ئەقلىنى تېپىپ ئادەم بولۇپ كېتىدىكەن، سېنىڭ ئېرىڭمۇ ئاشۇ ئازغۇنلۇق مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بىر ھېسابتا بۇ ھەر ئىككىلىڭلارغا يېڭىش قىيىن بولغان بىر ئۆتكەل، شۇڭا ئاداش، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەي، نەچچە يىلدىن بېرى جاپادا تۇتقان ئۆيۈڭنى، گۈلدەك بىر بالاڭنى ئويلىغىن جۇمۇ، مەن كېرەك بولسام ھەرقاچان ئىزدىگىن، ساڭا ھەمدەم بولىمەن، مۇڭداش بولىمەن، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن، لېكىن ھەرگىزمۇ پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالىمەن دېمە...

-مەن ئۇ بۇزۇقنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن!... ماڭا، ئائىلىمىزگە قىلغان يۈزسىزلىكى ئۈچۈن ھەسسىلەپ بەدەل تۆلىتىمەن!... قاراپ تۇرسۇن، ۋاپاسىزلىقنىڭ بەدىلىنى قانداق تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇ چوقۇم ئوبدان بىلىپ قالىدۇ...

تاراملاپ تۆكۈلۈپ ئولتۇرۇپ دوستۇمغا ئەنە شۇنداق دەپتىمەن. ئامانگۈل مېنى مېھرى بىلەن باغرىغا بېسىپ بەزلەپ ئۇزاق تەسەللىي بەردى. ئاندىن مۇنداق دېدى:

-سەن ئېرىڭنى بەدەل تۆلىتىمەن دەيسەن، لېكىن ئاراڭلاردىكى بۇ جىدەللەرنىڭ قۇربانى بالا بولىدۇ، ئۇ تەڭلىكتە قالىدۇ، قايسىڭلار تەرەپتە تۇرۇشنى بىلەلمەي سىقىلىدۇ، ئازابلىنىدۇ، ئۇ تېخى كىچىك، چوڭلار ئارىسىدىكى ئىشلارنى تولۇق چۈشىنەلىگۈدەك ھالدا ئەمەس، مېھىر-مۇھەببەتكە ئېھتىياجلىق چېغىدا، ئۆسۈپ يېتىلىش پەسلىدە ئۇنىڭ قەلبىدە مۇنداق جاراھەت قالدۇرساڭ بولمايدۇ، ھازىر قىلىدىغان مۇھىم ئىشىڭ ئېرىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئوبدان ماسلىشىپ بالا بىھۇدە كۆرۈپ قالغان ئىشلارنى، ئېڭىغا سىڭىپ قالغان ئۇ سەتچىلىكلەرنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇلدۇرۇش، بولمىسا بالاڭ ئاشۇ ئىشلارنى ئۇنتۇيالماي، ئاشۇ قارا سايىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ھاياتتىن، تۇرمۇشتىن، ئەر-خوتۇن ئىككىڭلاردىن نەپرەتلىنىپ، توي قىلىشتىن سەسكىنىپ، ئەرلەردىن يىرگىنىپ چوڭ بولىدۇ، ئۇ چاغدا بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسەن، ماقۇل دەپ گېپىمنى ئاڭلا جېنىم ئاداش، بالىنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ ئېرىڭ بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىجىل-ئىناق ئۆتىۋەر، قالغان ھېساب-كىتابنى بالا يوق يەردە ئايرىم قىلىشىۋالساڭلار تامامەن بولىدۇ، ئىشنىڭم مۇھىمىنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ مۇھىم ئەمەسلىرىنىڭ جىدىلىنى قىلمىغىن، ئۇرۇشۇپ ھېساب ئېلىپ ئېرىڭنى يېڭىۋالغان تەقدىردىمۇ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سەن بولىسەن، چۈنكى بۇ ئائىلە دېگەن جاي ئەر كىشىگە قارىغاندا ئايال كىشىگە بەكرەك مۇھىم، قىسقىسى، قىزىڭنىڭ بالىلىقىغا مۇدھىش جىدەللەرنىڭ سايىسىنى تاشلاپ چوڭ قىلساڭ ھەرگىز بولمايدۇ، ھېلىمۇ ئۇ بەك قورقۇپ كېتىپتۇ، سەن بىلمەيسەن، ئۇ مېنى ئىزدەپ بىزنىڭ ئۆيگە بارغاندا ئىشتىنىغا سىيىۋېتىپتىكەن، ھۆل ئىشتان بىلەن شۇنچە ئۇزاق يولنى پىيادە بېسىپ ئۆيۈمگە بېرىپ بولغىچە توڭلاپ تىترەپ كېتىپتۇ، ئەتىگىچە قىزىتمىسى ئۆرلەپ زۇكامداپ قالمىسىلا شۇنىڭغا خۇش بولساق بولىدۇ، ئەمدى بالىنى بۇنىڭدىن ئارتۇق قورقۇتماڭلار!...

ئامانگۈلنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قەلب يارام بىراقلا ئېغىز ئالدى. ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلىدىمكى، ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ، خازان بولغان مۇھەببىتىم، دەپسەندە قىلىنغان ئاياللىق ئىززىتىمگە قايغۇرۇپ، خۇددى كۆز ياشلىرىم بىلەن دۇنيانى غەرق قىلىدىغاندەكلا تۆكۈلۈپ كەتتىم...


سەمى (1)


خاتا قىلىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ يەنە شۇ قەدەمنى بېسىپ سالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن. ھەممىدىن بەك ئېچىنىدىغىنىم - ئاشۇ سەتچىلىكلىرىمنى قىزىمنىڭ كۆرۈپ قالغىنى. بالامنىڭ ئورنىدا ئۇ ئىشلارنى پۈتكۈل خەلقى-ئالەم بىلىپ كەتسىمۇ مەيلىدى، ھەتتا شۇ ئىشلار ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ بۇنچە خىجىللىق تۇيغۇسىدا قالماس، ئۆزۈمدىن مۇنچە نەپرەتلەنمەس بولغىيدىم.

ھوجرا ئۆينىڭ تېشىدىكى قىزىمنىڭ ھەممە ئىشلارنى كۆرگەنلىكىگە ئىشەنگەن چېغىمدا روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمغۇ مەيلى، ئايالىمنىڭ قارغاپ تىللاشلىرى، باشقا بىر ئىنسان ئېغىزىدىن چىقارغۇسىز سەت ھاقارەتلىرى، ئۇرۇپ مورلاشلىرى، باش-كۆزۈمنى يېرىشلىرىمۇ ماڭا ھەق، لېكىن ئەمدى بۇ سەتچىلىكنى، بۇ ئاھانەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى قىزىمنىڭ خاتىرىسىدىن يۇيىۋېتىش مۇمكىن بولارمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق دادا بولىمەن؟ ئۇنىڭغا قانداقمۇ «قىزىم» دەپ تۇرۇپ يۈزلىنىمەن؟ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولماسمۇ ئەجىبا؟ شۇ ئىشلارنى يۈز بەرمىگەن ھالەتكە ئەكەلگىلى بولسا ھە، ھاياتىم بويى خاتا يولدا ماڭمىسام، ئىككىنچى ئۇنداق پوقنى يېمىسەم!... ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ كېيىنكى ئۆمرۈم ئاشۇ پۇشايمانلىق قوقاس ئىچىدە كۆيۈپ ئۆتەرمۇ؟...

ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت ئەنە شۇلارنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، ئايالىمغا بۇلارنى چۈشەندۈرەلمىدىم، ئۇ ھەم چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىمايتتى. ئۇنىڭ مىنۇت، سىكونت ۋاقتىنىڭ ھەممىسى مېنى تىللاش، قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنى قەدەمدە بىر پۇرلاپ يۈزۈمگە ئېتىش، ماڭا بولغان ئەقىدىسىنى، ساپ مۇھەببىتىنى، مەن بىلەن ئۆي تۇتۇش، قىزىمىزغا قورساق كۆتۈرۈش، ئۇنى تۇغۇش، بېقىش، مېنى بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرۇش جەريانىدا چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كەم-كۈتىسىز، ھەتتا زىيادىراق قىلىپ پىشانەمگە ئۈستۈرۈپ، ئاشۇ بىر قېتىملىق خاتالىقىم ئۈچۈن مېنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس قىلىۋېتىش ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى باش تارتىپ بولماس بۇرچىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى.

شۇ تاپتا ماڭا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئۇنى ئەسكى دېگىنىم ئەمەس، ئۇ ئەزەلدىن ھېچقانداق ئىشتا مەن بىلەن ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇرمايتتى. توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئارىمىزدىكى ئىككى ئېغىز گەپ ئۈچىنچى ئېغىزغا بارسىلا سوقۇشقىلى يەتمىش يەردىن بەل باغلاپ، سەكرەپ قوپۇپلا بىشەملىك قىلاتتى. مەن تۇرمۇشىمىزنى ئىناق-ئىتتىپاق پېتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يول قويىۋېرىش، كۆڭلىنى ئاياپ، دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئىچىمگە يۇتىۋېتىش ھەم بۇ خىل ئادىتىمنى ئۇزاق يىل داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، مەندىن قىلچە ھېيىقمايدىغان، تەپ تارتماي، ئادەم بار، يوق دېمەي خالىغانچە تىل سالىدىغان، كىچىككىنە سۈركىلىشلەرنىمۇ كوچىلاپ يۈرۈپ چوڭايتىپ تېرە تۆپىسىدە پۇل قىلىدىغان ناچار ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ بەرگەن. بۇلارنى ئويلىسام سەۋەنلىكنى ئۆزۈمدىن ئىزدىگۈم كېلىدۇ. رايىغا بارغان، كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن تىرىشقاننىڭ مۇنداق ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى باشتا بىلگەن بولسام مېنىڭمۇ قولۇمنى كۆتۈرسەم مۇشتۇم تەييار ئىدى، ئۇرسام ئۇرالايتتىم، ۋارقىرىسام، ھۆركىرىسەم ھېچقانداق ئەر كىشىدىن قېلىشمىغۇدەك ئاچچىقىم بار ئىدى. لېكىن مەن خوتۇننى ئۇرۇش، مەندىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بىر ئاجىزەنى تىل-ئاھانەتلەر بىلەن قورقۇتۇپ تۇرۇش، مۇھەببەت بىلەن ھاياتىمغا باشلاپ كىرگەن جانىجان ئايالىمنى زوراۋانلارچە ھۆكۈمرانلىق بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلەرنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان. شۇڭا كېيىنكى يولسىزلىقلىرى، جىدەلدىن قورقمايدىغان، مېنى قىلچە ھۆرمەت قىلمايدىغان «ئېرىم ئىدى» دەپمۇ بولسا كۆزگە ئىلىپ قويمايدىغان شۇ قېلىقلىرىنى بىلىپ-بىلمەيلا ئۆزۈم پەيدا قىلىپ قويغان. ئەسلى بەزى ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىنى ئارىلاپ ئۇرۇپ تۇرۇشلىرى، ھەر قەدەمدە بىر قورقۇتۇپ، ئالىيىپ باشقۇرۇشلىرى، ئالدىدا تىك تۇرغۇزۇپ، خۇددى مۈشۈكتىن قورققان چاشقاندەك يۇۋاشلىق بىلەن كۈن كۆرسىتىشلىرىمۇ سەۋەبسىز ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. ئۇ ھەتتا مېنىڭ بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىمنى، ھۆرمەتلىنىشكە، كۆيۈنۈشكە، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مېھىرلىك مۇڭدىشىشلارغا، ئىللىق بىر قۇچاققا مۇھتاج ئىكەنلىكىمنىمۇ چۈشىنىپ يېتەلمەيتتى. شۇ ھەقتە گەپ قىلسام چوقۇملا ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. ئۇ ماڭا بويسۇنۇش، مېنى ئېرى قاتارىدا كۆرۈشتىنمۇ بەكرەك گېپىنى ئاڭلىشىمدىن، ئۆزىنى ھەم ئائىلىمىزنى قەدىرلىشىمدىن، ھېچقانداق تەلەپ ۋە تەكلىپ-پىكىر، نارازىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويماي، يۇۋاشلىق بىلەن جىممىدە ياشاۋەرسەملا بولىدىغان رايىشلىقىمدىن قانائەت تاپاتتى.

ھەممە ئىش دەل شۇ نۇقتىدىن باشلاندى. ئۇ ماڭا بەرمىگەن مۇھەببەتنى مەن بارا-بارا سىرتتىكى ئاياللاردىن، ئەركىلەشنى، نازلىنىشنى، دەردىمنى تۆكسەم تەسەللىي بېرىشنى بىلىدىغان، مەندىن مېھىرلىك قۇچىقىنى ئايىمايدىغان، ئۇھسىنىشلىرىمغا ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان قۇچىقىنى ئاچىدىغان، ھەرۋاقىت چېھرىدە كۈلكە پارلاپ تۇرىدىغان ۋە شۇ كۈلكىسى ماڭىلا مەنسۇپتەك تۇيۇلىدىغان ئاشۇ ئاياللاردىن ئىزدەپ قالدىم. 3-قىسىم تۈگىدى. 4-قىسمىدىن باشلاپ داۋامى ئاستىدىكى جەدۋەل ئىچىدە بار، قايسى قىسىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز شۇ يەردىن چېكىپلا ئاچالايسىز. ئەسەر ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىڭىزغا يوللاپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ!


6-قىسىم
5-قىسىم
4-قىسىم
9-قىسىم
8-قىسىم
7-قىسىم
12-قىسىم
11-قىسىم
10-قىسىم
15-قىسىم
14-قىسىم
13-قىسىم
18-قىسىم
17-قىسىم
16-قىسىم
21-قىسىم
20-قىسىم
19-قىسىم
24-قىسىم
23-قىسىم
22-قىسىم
27-قىسىم
26-قىسىم
25-قىسىم
30-قىسىم
29-قىسىم
28-قىسىم
33-قىسىم
32-قىسىم
31-قىسىم
36-قىسىم
35-قىسىم
34-قىسىم
39-قىسىم
38-قىسىم
37-قىىسم
42-قىسىم
41-قىسىم
40-قىسىم
45-قىسىم
44-قىسىم
43-قىسىم
48-قىسىم
47-قىسىم
46-قىسىم
51-قىسىم
50-قىسىم
49-قىسىم
54-قىسىم

53-قىسىم

52-قىسىم
57-قىسىم
56-قىسىم
55-قىسىم
60-قىسىم
59-قىسىم
58-قىسىم
63-قىسىم
62-قىسىم
61-قىسىم

65-قىسىم
64-قىسىم

HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章