جۇڭگو پۇقرالىرى فىلىپپىندا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى

文摘   2024-07-31 23:40   新疆  

جۇڭگو پۇقرالىرى فىلىپپىندا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، گۇڭئەن ئورگانلىرى قەتئىي تۈردە جىنايەتچىلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

يېقىندا، جۇڭگو پۇقراسى شيا XXقاتارلىقلار فىلىپپىنغا ئالداپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن، جىنايەت شايكىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى بىرىنچى ۋاقىتتا باشلاپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ فىلىپپىنغا بېرىشىغا ياردەم بەردى.

 جۇڭگو گۇڭئەن ئورگانلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قەتئىي تۈردە جىنايەت شايكىلىرىنى تولۇق تورغا چۈشۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



pasibann
你好。欢迎
 最新文章