مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 14-قىسىم_ئاجرىشىپ كېتەيلى (2)

文摘   小说   2024-09-22 14:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  



دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  48  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876


131211







مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

14 -قىسىم

   



14-قىسىم

ئاجرىشىپ كېتەيلى (2)


زىلالە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، چاچلىرىنى ئوڭشاپ ھالسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ئارام ئېلىش ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، تارىسى ئۈزۈلگەن ئىسكىرىپكىنى قېپىغا سالدى.

 چاپان، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن زالدىن چىقتى.

شۇنچە ئۇزۇن تەييارلىق قىلىپ، ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلەلىگەن.

نەتىجىدىچۇ؟

 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن، ئىسكىرىپكىسىنى بۇزۇپ قويدى.


مەيلى يەتتە يىل بۇرۇن بولسۇن، ياكى  يەتتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى مۇسابىقە بولسۇن ئوخشاشلا قاتنىشىش پۇرسىتى ئۇنىڭغا تەۋە بولمىدى.

 ئارقا سەھنىدىن چىقىپ،  ئېغىر قەدەملەر بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشتى.

 مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى توختىماي  زالغا كىرىۋاتاتتى.

پەقەت زىلالەلا خۇددى تەتۈر ئېقىمغا قاراپ ئۈزۈۋاتقان بېلىققا ئوخشاش سىرتقا قاراپ ماڭدى.

- زىلالە؟ - دەپ چاقىرىدى ئۇنى كۆرۈپ، تاكسىدىن چۈشكەن نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ،  - مۇسابىقە باشلىناي دەپ قالدى،  تېخىچە يول بويىدا لاغايلاپ يۈرىسىزغۇ،  بىكار بولۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ - دېدى. 

زىلالە ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ:

- غەمسىز  چۆرىگىلەپ يۈرمىدىم، مۇسابىقىدىن چېكىنىدىغان بولدۇم، - دېدى. 

  - مۇسابىقىدىن چېكىنەمسىز؟ نېمىشقا؟ - دەپ سورىدى نۇرزات چۆچۈپ ئۈنلۈك ئاۋازدا.    

زىلالە ئىسكىرىپكا كۆتۈرۈۋالغان ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ:

 - ئىسكىرىپكامنىڭ تارىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى. - دېدى. 

  - زاپاس بىرنى تەييارلىمىغانمۇ؟ - دېدى نۇرزات.

زىلالە بېشىنى چايقىدى.

نۇرزات بىلىكىدىكى سائەتكە قاراپ:  

- ئالدىرىماڭ،  ھازىرلا ئامالىنى قىلاي، - دېدى. 

- رەھمەت سىزگە، بىراق  ئەمدى ئۈلگۈرەلمەيمىز، بۇ تەرەپتىكى دۇكانلار بالدۇر تاقىلىدۇ،  بېرىپ يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالاي دېسەممۇ ئامال يوق. - دېدى زىلالە.

 - سىناپ باقماي تۇرۇپ قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ - دېدى نۇرزات ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، - سىز ئالدى بىلەن ئارقا سەھنىگە چىقىپ تەييارلىق قىلىڭ، مەن ھازىرلا دوستۇمنى ئىزدەپ ياردەم سوراي، ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغۇدەك ئىسكىرۇپىكا بارمىكىن. - دېدى - دە  كەينىگە بۇرۇلۇپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن يول بويىغا قاراپ يۈگۈردى.

 - نۇرزات دوختۇر، - زىلالە يەنە ئۇنى توسىماقچى بولدى، ئەمما نۇرزات ئۇدۇلدىن كەلگەن تاكسىنى ئالدىراش توسۇپ،  ئارقا ئورۇندۇققا چىقىپ، يىراقتىن ئۇنىڭغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

- تېز بېرىپ تەييارلىق قىلىڭ،  تېزلا قايتىپ كېلىمەن! - دېدى. 

تاكسى ئالدىراپ كېتىپ قالدى.

زىلالە ماشىنىنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىگە قاراپ، ئىختىيارسىز قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، يەنە  تېلېفوننى ئالمىغانلىقىنى بايقىدى.

 يول بويىدا بىردەم  ئىككىلىنىپ  تۇرۇپ، نائىلاجلىق ئىچىدە مۇزىكا زالىنىڭ ئارقا سەھنىسىگە قايتىپ كەلدى.

ناھايىتى تېزلا، مۇزىكا زالىدا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ماھىرلار ئىسكىرىپكىلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئارقا سەھنىگە چىقىپ تەييارلىق قىلدى.

ئارام ئېلىش ئۆيىدە پەقەت زىلالەلا قالدى.

مۇسابىقىنىڭ ھازىرلا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن زىلالە ئۈستەلدىكى نومۇر تاختىسىغا قاراپ يېنىك ئۇھ تارتتى.

شۇ پەيتتە ئارام ئېلىش ئۆيىنىڭ ئىشىكى سىرتتىن ئىتتىرىلىپ خىزمەتچى خادىم كىرىپ:

  - كەچۈرۈڭ، زىلالە خانقىزنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى. 

زىلالە قۇلىقىغا سەل ئىشەنمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ:

  - مەن زىلالە، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.

  - بىر ئەپەندى، بۇنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى، - دېدى خىزمەتچى خادىم،  تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك چوڭ قاپنى سۇنۇپ.

زىلالە ئىككى قولى بىلەن قاپنى ئېلىپ، لېنتىنى ئاۋايلاپ   ئاچتى.

قاپنىڭ ئىچىگە ئىسكىرىپكا سېلىنغانىدى.

زىلالە  خىزمەتچى خادىم ۋە  ئىسكىرىپكىغا قاراپ ھاڭ-تاڭلا  قالدى.

قېنىق قوڭۇر رەڭلىك يىپەك رەختنىڭ ئۈستىدە ئىسكىرۇپكا چاقناپ تۇراتتى.

 ئۈستىگە يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان ئاق رەڭلىك ئات تۈكىدەك جانلىق تارا قويۇلغان بولۇپ، ھەتتا دېۋىرقاينىڭ ئىزنالىرىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى.

نۇرزات راستتىنلا ئۇنىڭغا ئىسكىرىپكا تېپىپ بەردىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە  شۇنچە تېز سۈرئەتتە تاپالىدىمۇ؟

بىراق...بۇ ئىسكىرىپكا نېمانچە تونۇش كۆرۈنىدۇ؟

يەنە بىر خىزمەتچى خادىم يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىشىكنى ئېچىپ:

- 9-نومۇرلۇق ماھىر بارمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.

  - بار...بار... - دېدى  زىلالە كۆپ ئويلانمايلا، ئالدىراپ-تېنەپ ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ ئالدىغا چىقىپ،  - مەن شۇ! - دېدى.

- تېزراق بولۇڭ، ھازىرلا سىزگە نۆۋەت كېلىدۇ. - دېدى خىزمەتچى خادىم. 

 - بولىدۇ، - دېدى زىلالە تېز قەدەم بىلەن ئارقا سەھنىگە كىرىش ئېغىزىغا كېلىپ، ئىسكىرىپكىنى تەڭشىدى.

 سەھنىسىدىكى رىياسەتچى  ئۇنىڭ ئىسمىنى مەلۇم قىلىپ:

 - ئەمدى مەيدانغا چىقىدىغان ماھىر شەرقتىكى قەدىمىي شەھەردىن كەلگەن زىلالە خانقىز، 9-نومۇرلۇق ماھىرنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى. - دېدى.

زىلالە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى توختىتىپ تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقتى.

ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام بېرىپ، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئىسكىرىپكىنى مۈرىسىگە قويدى.

بېشىنى كۆتۈرۈپ سەھنە ئاستىدىكى سانسىزلىغان تاماشىبىنلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ قولى يېنىك تىترىدى.

يەنە بىر قېتىم يېنىك نەپەس ئېلىپ، كىرپىكلىرىنى تۆۋەن قىلىپ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم مەشىق قىلغان مۇزىكىسىنى باشلىدى.

كامالچە تارىدىن سىيرىلىپ ئۆتۈپ، لەرزان مۇزىكا ئاۋازى پۈتۈن مەيداننى بىر ئالدى.

يېقىملىق مۇزىكا ھازىرقى كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي بېسىپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ، مېلودىيە ئىچىگە غەرق بولدى.

جەسۇر... ئۇنى بىئارام قىلىدىغان ئائىلە ئىشلىرى...   كەيپىياتىنى بۇزغان ئاشۇ ئىشلار... پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى...


 ھەممىنى ئۇنتۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇزىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلىدى.

كامالچىنى تۇتقان بارماقلىرى ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلىنىپ، پۈتۈن مەيداندىكى باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنى بويسۇندۇردى.

جەسۇر تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سەھنىدىكى سىماسىغا يىراقتىن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

سەھنىدىكى زىلالە ئۇچىسىغا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇزۇن چاچلىرى ۋە ئېتىكى مۇزىكا چېلىش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ لەرزان يەلپۈنۈپ، خىيال كەپتىرى ئىختىيارسىز ئۆتمۈشكە قايتتى.

 زىلالەنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن كۈنىدىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش سەھنىدە قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى.

چالغان مۇزىكىسىمۇ ئۆزىنىڭ رۇخسارىغا ئوخشاش، گۈزەللىكىدىن ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن.

پۈتۈن مۇزىكا تولۇق ئاخىرلاشتى.

پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

باھالىغۇچىلار نومۇر قويۇشقا باشلىدى، ئاخىرىدا زىلالە 99 نومۇر بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

مۇسابىقە   ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ رەئىسى ئۇنىڭغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىپ، ئالتۇن لوڭقىنى  قولىغا تۇتقۇزدى.

مۇكاپات لوڭقىسىنى تۇتۇپ تۇرغان زىلالە سەھنە ئاستىدىكى ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ  ھاياجانلاندى.

ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، ئاخىرى ۋېنا زالنىڭ سەھنىسىدە تۇرۇپ، چالغان مۇزىكىسى بىلەن بۇ سەھنىنى بويسۇندۇردى.

چاۋاك، گۈل، مۇكاپات لوڭقىسى ...

شۇ تاپتا زىلالە بۇ سەھنىدىكى باش قەھرىمان بولۇشقا مۇناسىپ.

تاماشىبىنلار سۇدەك ئېقىپ كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى.

مۇخبىرلارمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇپ، مىكروفوننى سۇنۇپ، بەس-بەستە زىيارەت قىلدى.

 - خانقىز، مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز يەتتە يىل بۇرۇن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىققانتىڭىز. يەتتە يىلدىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەھنىسىگە قايتا چىقىشىڭىزدا  ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ؟ 

 - مۇشۇ پەيتتە،  بۇ خۇشخەۋەرنى كىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى؟ - دەپ سورىدى.

زىلالە مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ، كۆنگەن ئادىتى بويىچە سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىنى سىلاپ قويدى.

ئەگەر جەسۇر بولمىغان بولسا بەلكىم بۇ قېتىممۇ مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، جەسۇر بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا، چوقۇم ئۇنى بىر رومكا ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنىدى.

ئەپسۇس...

ئۇغۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالدى، لېكىن  ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەبرىكلەيدىغان ئادەم يوق.

 - كەچۈرۈڭلار... - دېدى زىلالە مۇخبىرلارغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلماي، بۇرۇلۇپ سەھنىدىن چۈشتى.

ئۇنىڭ سەھنىدىن چۈشكىنىنى كۆرگەن جەسۇرمۇ تاماشىبىنلار ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن چىقىش ئېغىزىغا قاراپ يۈگۈرۈپ، ئارقا سەھنىگە چىقتى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن  ھەممە ئىشتا ئاستا-ئاستا كېلىشىنى، زىلالەنىڭ ئۆزىنى ئاز-ئازدىن قوبۇل قىلىشىنى ، ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرسەممۇ ئۈلگىرىمەن دەپ قارىغان جەسۇر ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلدى.

 ئۇنىڭ يوشۇرۇپ يۈرۈشى بىلەن زىلالە كۆپ قېتىم خاتا چۈشىنىپ قالدى. ئەمدى   بارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى  ئېيتمىسا بولمىدى.

 ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىلى يەتتە يىل بولغانلىقىنى، يەنە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىش نىيىتىگە كەلدى.

كارىدورنى كېسىپ ئۆتۈپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئارقا سەھنىگە قاراپ ماڭغان جەسۇر ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغان سېماغا قاراپ، قەدىمىنى توختىتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ،  ئىسمىنى چاقىرماقچى بولدى.

نۇرزات تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا ئۇنىڭ يېنىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ :

- زىلالە!  - دەپ توۋلىدى.

زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، نۇرزاتنى كۆرۈپ، چېھرىدە  مىننەتدارلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنپ:

- نۇرزات دوختۇر، بۇ قېتىم سىزگە كۆپ رەھمەت.  - دېدى.

نۇرزات ئۇنىڭ قولىدىكى مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:

-   مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

  - ھەئە.  - دېدى زىلالە.

- بەك ياخشى بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، ئادەمنى قورقىتىۋەتتىڭىز، مەن تېخى  مۇسابىقىگە دەخلى قىلغان ئوخشايمەن دەپتىكەنمەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنداق بولماپتۇ. - دېدى نۇرزات ئىككى قولى بىلەن تىزىنى تىرەپ بىر نەچچە قېتىم ئېغىر نەپەس ئېلىۋېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ،  - بولمىسا چىقىپ بىر رومكا ئىچىپ، ئوبدان تەبرىكلەيلى ، - دېدى. 

جەسۇر قوشۇمىسىنى  تۈرگىنىچە كېلىپ:

  -  ھاجىتى يوق،  ئايالىمنىڭ ئورنىدا ھەممىنى بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.   - دېدى.


 

、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章