مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 13-قىسىم_ئاجرىشىپ كېتەيلى

文摘   小说   2024-09-21 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  











دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  46  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876



1211



مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

13 -قىسىم

   



13-قىسىم ئاجرىشىپ كېتەيلى (1)


نۇرزاتنى ئۇزىتىپ قويۇپ، زىلالە چامادانىنى سۆرەپ مېھمانخانىغا كىرىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ياتىقىغا كېلىۋالدى.

بىر كىشىلىك تاماق بۇيرۇتۇپ قويغاندىن كېيىن،  يۈك-تاقلىرىنى ئاددىيلا يىغىشتۇردى.

كۈتكۈچى تاماقنى  ئەكىرىپ بەردى، زىلالەنىڭ ئىشتىھاسى يوق بولسىمۇ يەنىلا  زورلاپ يېدى، ئاخىرىدا پەقەت يېگۈدەك يېرى قالمىغاندا توختىدى.

مۇسابىقە باشلىناي دەپ قالدى، ئۇ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن  ئاۋۋال  ۋاقىت پەرقىنى تەڭشەپ ئارام ئېلىشى كېرەك.

لېكىن، يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ كارىۋاتتا ياتقاندا ئانچە ئۇيقۇسى كەلمىدى.

 كارىۋات بېشىدىكى دورا بوتۇلكىسىدىن ئىككى تال دورىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ، سوغۇق سۇدىن ئازراق ئىچىپ،  ئۈستەل چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ، كۆزىنى يۇمدى.

 يېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي،  تۇيۇقسىز كۆڭلى ئېلىشتى.

ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ  تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، بايىلا يېگەن دورا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى  قۇسۇپ چىقىرىۋەتتى.

سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ، بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ يۈز - كۆزىنى سۈرتتى.

ئەينەكتىكى ئۆزىگە  قاراپ، ئىختىيارسىز  جەسۇرنى ئويلاپ قالدى.

 ئىككىيلەننىڭ توي قىلغاندىن  كېيىنكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار كىنو لېنىتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى .

 كۆزىنى يۇمۇپ ياتاق ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ خاتىرە كومپيۇتېرنى ئاچتى.

كۇنۇپكا تاختىسىنى بارماق بىلەن يېنىك چېكىپ:

 - ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى ، - دەپ يازدى.

يېزىپ، ئۆزگەرتىپ ... يېرىم كېچىگىچە ھەپىلىشىپ، ئاخىرى كېلىشىمنامىنى تاماملىدى.

سول قولىنى كۆتۈرۈپ خاتىرە كومپيۇتېرنى ياپتى، كۆزى بارمىقىدىكى كۆك ئالماس ئۈزۈككە چۈشكەندە تۇرۇپ قېلىپ، ئۈزۈكنى سىلاپ قويدى.

ئاندىن ئۈزۈكنى ئاستا ئېلىپ، ئەستايىدىل سۈرتۈپ، چاماداندىكى زاپاس زىبۇ-زىننەت قۇتىسىغا سالدى.

 قايتا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىپ، ياستۇقنى نەچچە قېتىم ئۆرۈپمۇ يەنىلا ئۇخلىيالمىدى.

 بارماقلىرىنى ئىختىيارسىز سوزۇپ، قۇپقۇرۇق بارمىقىنى سىيلاپ قويدى.

ئۈزۈكنى دەسلەپتە تاقىغان چاغدا،  ئىزچىل كۆنەلمىگەن.

كېيىن بارا-بارا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ كۆنۈپ قالدى، ئەمدىلىكتە تۇيۇقسىز ئېلىۋېتىپ، ئەكسىچە بىر ئاز بىئاراملىق بولۇۋاتاتتى.

ئېلىۋەتكىنى ئېنىقلا  ئۈزۈك بولسىمۇ،  لېكىن يۈرىكىدىن بىر چىشلەم گۆشى ئېلىۋېتىلگەندەك، تارتىشىپ ئاغرىۋاتاتتى.

زىلالە شۇ كۈنى كەچتە  قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى.

 ئىككىنچى كۈنى چۈش بولغاندا ئاران كۆزىنى ئاچتى.

مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ،  تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى.

مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ، ئاخىرقى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇردى.

سومكىسىنى يۈدۈپ  چىقىپ، ئوڭ-سولغا قاراپ، كوچىنىڭ ئۇدۇلىدا  قەنت-گېزەك دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن ئۆتمەكچى بولدى.

كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، تۇيۇقسىز بېشى قايغاندەك بولدى.

زىلالە ئالدىراش قەدىمىنى توختىتىپ، دەرەخ يېنىدىكى چىراغ تۈۋرۈكىگە يۆلىنىپ تۇرۇۋالدى.

كەينىدە، جىددىي قەدەم ئاۋازى ئاڭلاندى.

بىرەيلەن بىر پارچە سويۇلغان شاكىلات كەمپۈتنى سۇنۇپ:

- تېز...  ئاۋۋال كەمپۈت يېۋېلىڭ!  - دېدى.

زىلالە جەسۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا بېشىنى كۆتۈردى.

 -  نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز؟ - دېدى جەسۇر كەمپۈتنى ئۇنىڭ ئاغزىغا ئەكېلىپ،  - تېز يەڭ! -  دېدى. 

سالامەتلىكى مۇھىم بولغاچ، باشقا ئىشلارغا پەرۋا قىلماي، ئاغزىنى ئېچىپ قولىدىكى كەمپۈتنى ئالدى.

جەسۇر ئۇنىڭ بىلىكىدىن  يۆلەپ يول بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى، ئۆزى ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ:

 -  قانداق، ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى. 

زىلالە تىلىنىڭ ئۇچىدىكى كەمپۈتنى قوۋزىقىغا تىرەپ:

- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، رەھمەت.  - دېدى.

 - بۇرۇنقى ئىشلاردا  خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىمەن. - دېدى جەسۇر ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ تىزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،  - كىشىلىك مۇناسىۋەتتە لايىقىدا بولۇشقا دىققەت قىلماپتىمەن، زىبارە بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى، خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردىم، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، خوتۇن، كەچۈرۈڭ. - دېدى.

زىلالە لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:

 - جەسۇر،  ئاجرىشىپ كېتەيلى! - دېدى  .

بۇ ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە چوڭقۇر ئويلىنىپ چىقارغان قارارى ئىدى.

ئۇزۇنغىچە قىينىلىپ يۈرگەندىن، ئىشنى ۋاقتىدا ھەل قىلغىنى ياخشى.

جەسۇرغا يەنە چاپلىشىۋېلىپ، بىر-بىرىگە  ئازار بەرگەندىن كۆرە، ھەممىنى  ئاخىرلاشتۇرغىنى تۈزۈك.

مۇھەببەت ئىشىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ،  بەزىلىرى گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرسە، بەزىلەر ئۇزاق ئۆتەلمەي ئايرىلىپ كېتىشىدۇ.

جەسۇر بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:

 -  زىلالە، ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، زىبارە ئىككىمىز راستتىنلا ھېچ ئىش قىلمىدۇق، مەن پەقەت ئۇنى سىڭلىم دەپ بىلىمەن، ئۇ كۈنى كەچتە  ئىزچىل كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلىدىم، ئۇنىڭ ياتىقىغىمۇ كىرىپ باقمىدىم، - دېدى. 

 - بۇلار ئەمدى مۇھىم ئەمەس. - دېدى زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ، ـ  ھازىر سىزگە ئىشەنمەيمەن، چۈنكى  قايسى گېپىڭىزنىڭ راست، قايسى گېپىڭىزنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، شۇنداقلا پەرەز قىلغۇممۇ يوق، ھېرىپ قالدىم، بۇ خىل ئويۇندىن زېرىكتىم.  - دېدى.

- بۇ ئويۇن ئەمەس، مەن سىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن. - دېدى جەسۇر قاپىقىنى تۈرۈپ، قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ـ زىلالە، ۋەدە بېرەي، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ھېچقانداق ئىشتا ئالدىمايمەن، بولامدۇ؟  - دېدى.

زىلالە  قولىنى كۈچەپ تارتىپ، ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ:

- ئۈزۈكنى كېيىنچە قايتۇرۇپ بېرىمەن، تيەننىڭنىڭ پېيىنى كېلىشىم بويىچە  باشقۇرۇشىڭىزغا تاپشۇرىمەن، بۇنىڭدىن باشقا، %3 پاي سىزنىڭ، بۇ مېنىڭ  قەرزىمگە ھېساب بولسۇن. مۇشۇ كۈنلەردە، ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ، قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت. كەچۈرۈڭ، مەن ۋەدىگە ئەمەل قىلالمايمەن! - دېدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ،  چوڭ قەدەم بىلەن كوچىنىڭ ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭدى.

 - زىلالە!  - جەسۇر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، -  سىز راستتىنلا مېنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەمسىز؟  - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى ئاستا بۇراپ، قىزارغان كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ:

- ياق، سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇنداق مۇناسىۋەتنى يەنە داۋاملاشتۇرغۇم يوق.  - دېدى.

جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  - نېمە ئۈچۈن؟  - دەپ سورىدى.

 - چۈنكى  سىزنىڭ ئىككىنچى قەيسەرگە ئايلىنىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن، مېنىڭ سىزگە ئۆچ بولغۇم يوق.  - دېدى زىلالە.

شۇڭا،  بۇ خىل ياخشى كۆرۈش نەپرەتكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن ئايرىلىشى كېرەك.

زىلالە  بىلىكىنى تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن پىيادىلەر يولىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتى.

جەسۇر قوغلاپ ماڭماقچى بولدى، يېشىل چىراغ قىزىل چىراغقا ئۆزگەردى.

 - جەسۇر دىرېكتور ... - ئەنۋەر تېز سۈرئەتتە  ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى ماشىنا سوقۇۋېتىشتىن بۇرۇن، يان تەرىپىگە تارتىپ،  - ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!  - دېدى.

ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ، ئىككى ئادەمنى ئايرىۋەتتى.

زىلالە يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ماشىنا ئېقىمى ئارىسىدىن جەسۇرغا بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ، قولىنى سوزۇپ  تاكسى توسۇپ، ئارقا ئورۇندۇققا چىقىپ:

 -  ھەيدەڭ.  - دېدى.

تاكسى ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، زىلالەنىڭ   كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپ، كۈلرەڭ شارپىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى.

ئىككىنچى كۈنى رەسمىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە، زىلالە دەل ۋاقتىدا مۇسابىقە نەق مەيدانى ۋېنا  زالىغا يېتىپ كەلدى.

ئۇ بارلىق ماھىرلارغا ئوخشاش، ئارام ئېلىش ئۆيىدە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، گىرىملىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال  ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەييارلىقىنى باشلىدى.

 ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ،  كۆڭۈل قويۇپ چالدى.

دىرىڭ...

 تەڭكەش قىلىنغان بوش ئاۋاز بىلەن تەڭ چالغۇ تارىسى ئۈزۈلدى.

زىلالە قولىدىكى ئۈزۈلگەن تارىغا قاراپ چۆچۈپ ئىسكىرىپكىنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي تەكشۈردى.

تارا ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلگەنىدى، بايا چالغاندا ئۈزۈلۈپ كەتتىمۇ ياكى  ئايرودۇرۇمدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەر يەرگە تېگىپ ئۈزۈلۈپ كەتتىمۇ ئۆزىمۇ بىلمىدى.

بۇ ئىشلارنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەي، سائەتكە قاراپ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، خىزمەتچى خادىمنىڭ ئالدىنى توسۇپ:

 -  ياخشىمۇسىز، سوراپ باقسام، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئىسكىرىپكا بىلەن تەمىنلىسە بولامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

خىزمەتچى خادىم مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇپ:

 - بارلىق ماھىرلار ئىسكىرىپكىنى ئۆزى تەييارلايدۇ، بىز ئىسكىرىپكا بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز.  - دېدى.

زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

- ئۇنداقتا... نەدىن ئىسكىرىپكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟  - دەپ سورىدى.

- بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ھازىر دۇكانلار تاقىلىپ بولدى. - دېدى خىزمەتچى خادىم  ئۇنىڭ قولىدىكى تارىسى ئۈزۈلگەن ئىسكىرىپكىغا قاراپ، ھېسداشلىق قىلىپ،  -  ياكى بىرەرسىدىن  ئارىيەت ئېلىپ تۇرامسىز؟ - دېدى.

- رەھمەت سىزگە، مەن يەنىلا ئامالىنى قىلاي. - دېدى زىلالە.

خىزمەتچى خادىم بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، زىلالە ئىسكىرىپكىنى تۇتۇپ، كارىدوردا ماغدۇرسىز ھالدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

بۇ يەردە، ھېچكىمنى تونۇمايدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن، يەنە كىم ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان رەقىبىگە ئارىيەت بېرىدۇ؟







 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章