گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 35-قىسىم _ ئاچچىق يۇتۇش

文摘   小说   2024-09-13 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  64  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

35-قىسىم



35-قىسىم 

ئاچچىق يۇتۇش

بىر توپ ئادەم ياردەمچىلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئايرودۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى.

ماشىنىغا چىقىشقا ئاز قالغاندا، دىلارە   ئەكرەمگە قاراپ:

-   ھازىرچە بايىقى كىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، لېكىن مەن ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى بىلىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.  - دېدى.

ئەكرەم بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك :

- بولىدۇ، خانىم.  - دېدى.

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ ماشىنىغا چىقتى.

بۇ قېتىمقى ئايرودۇرۇم زىيارىتى  يەنە بىر قېتىم دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

- ھېلىقى كىشى ھەقىقەتەن ئەقىلسىزكەن، مۇشۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىپتۇ.


- دىلارە باش دىرېكتور يەنىلا دىلارە باش دېرىكتوركەن، قاچانلار بولسا شۇنداق روھلۇق كۆرۈنىدۇ. 

- ھىم، بۇ بىر شاپىلاقنى جايىدا ئۇردى. 

-  ئىشنىڭ مەن بىلەن راستتىنلا ئالاقىسى بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ! دىلارە باش دىرېكتور ئىليار ئەپەندىگە شۇنداق ئىشىنىدىكەن، ناۋادا ئۇ ئىككىنچى ئەلى ئالدامچى بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ 

- يولدىن چىقامدۇ؟ مىڭ تەسلىكتە كاتتا جەمەتكە  يامىشىپ چىقىپ، قانداقمۇ يولدىن چىقسۇن؟ 

- ناۋادا مەقسەتلىك ئارقىغا كىرىۋالغان بولسا؟ ھازىر بالىسىمۇ بولۇپ بولدى، ۋاقتى كەلگەندە دىلارە خانقىزغا كەلتۈرگەن ئازابى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. 

- ئەر كىشى نېمە دېگەن تۇراقسىز كېلىدىغاندۇ!! 

- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىليار ئەپەندىنىڭ بوۋىسى دىلارە دىرېكتورنىڭ ئائىلە نەپەسىدىن شۇنچىلىك بىزار بولغان، ھازىر  تۇيۇقسىز يۇقىرى مەرتىۋىلىك خانقىز بولۇپ قالدى،  ئەمدى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ماس كېلەمدۇ - يوق بىلمىدىم؟! 

- ماس كەلمەمدۇ؟ نېمە دېگەن كۈلكىلىك گەپ بۇ، ھازىر زادى كىم كىمگە ماس كەلمەيدۇ؟ ئىليار ھازىر يەنىلا بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى بولغان تەقدىردىمۇ،  دىلارە باش دىرېكتورغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن! ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ھازىر ھېچنېمىسى يوق. 

- بۇنى دېيىش كېتەمدۇ؟ ئەگەر راستتىنلا ماس كەلسە، بىزمۇ ئۇنى ئىچ كۈيۈئوغۇل دەپ يۈرمەيتۇق...  

دىلارەنىڭ ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق نەتىجىسى توردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسى ۋە دىققىتىنى تارتتى.

ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىليار بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلار  ھاياجانلىنىپ بەخت تىلىگەنىدى.

لېكىن ھازىر دىلارە بىلەن ئىليارنى بىر يەرگە قويۇپ سېلىشتۇرسا، تەبىئىي ھالدا يەنىلا ھەقىقىي مۇھەببەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەگەر چوقۇم ئېنىق ئايرىشقا توغرا كەلسە دىلارە ئىلياردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئېغىزى ئەزەلدىن مۇشۇنداق. نېمە دېگۈسى كەلسە، كۆڭلىگە ياققاننى دەۋېرىدۇ.

توردا بەس-مۇنازىرە ئەۋجىگە چىقتى، دىلارە ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، موماي بىلەن گۈلباھارنىڭ چاپلىشىۋېلىشى بىلەن، توردا زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى.

ئەمما  بوۋاي ئىليار ۋە دىلارەنىڭ ئەھۋالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلگەچكە، ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى.

<ئۇ ھازىرمۇ بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى بولغان تەقدىردىمۇ، دىلارەغا تەڭ كېلەلمەيدۇ! > ... دېگەن بۇ گەپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىدى.

ئەزەلدىن پەقەت بوشى مالىيە گۇرۇھى باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي كەلگەن.

 قاچانلاردا باشقىلارنىڭ  كۆزگە ئېلىنماي قالغان چاغلىرى بولغان؟

يىل ئاخىرى قانچە يېقىنلاشقانسېرى، بوۋاي شۇنچە تاقەتسىزلەندى.

چۈنكى بۇ يىل ئاخىرىغا ئاز قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپلا قالماي، يەنە   باشلىقلار يىغىنىمۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىدى.

ئۇدا بىر نەچچە يىل باشقا گۇرۇھ تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسلىدىنلا چۈشكۈنلىشىپ قالغانىدى، ھازىر بىر ئايال سەۋەبلىك، يەنە بىر قېتىم ئۆز ئائىلىسى ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قالسا ئۇ قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن.

- شىركەتنىڭ ھازىرقى ئىستاتىستىكا دوكلاتى چىقتىمۇ؟ نەتىجە قانداقراق؟   - بوۋاي  تۇيۇقسىز يېنىدىكى ئەزىمەتدىن سورىدى.

ھازىر، ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىردىنبىر ئەمىن تاپقۇزدىغىنى    باشلىقلار يىغىنى بولۇپ قالدى.

ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش، ھەتتا ھېلىقى مىڭلەن گۇرۇھىنى بېسىپ چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىم   ئالدىنقى قاتارغا ئۆتسە، يەنە كىم بوشى گۇرۇھىغا ئېگىز - پەس قالماشمىغان پىكىر - ئىنكاسلارنى بېرىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.

بۇنى ئاڭلىغان ئەزىمەتنىڭ چىرايى بىردىنلا سەتلىشىپ:

- چىقتى. بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ... چوڭ ئىلگىرىلەش يوق.  - دېدى.

بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى، بۇ يىل بوشى گۇرۇھىدا ئۇدا نەچچە قېتىم داۋالغۇش كۆرۈلدى، قانداقمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولسۇن؟ !

- خاتىرجەم بولۇڭ، ھېچ بولمىغاندا بىز يەنىلا بۇلتۇرقى ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. بۇ يىل يىغىنغا مىڭلەن گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىمۇ قاتنىشىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولسا، مېنىڭچە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاداۋەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەمكارلىق ئورناتساق، چوقۇم تەڭ پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت شەكىلىنىدۇ  - دېدى ئەزىمەت.

بوۋاي دەرھاللا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:

-  ھەمكارلىق ئورنىتىش؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئاشۇ شىركەت تەرىپىدىن بېسىلىپ كېلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشماقچىمۇ؟ !  ئىليارنىڭ ئىشىدىن   نومۇس ھېس قىلمىدىڭمۇ؟ ھازىر  يەنە ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، مىڭلەن گۇرۇھىغا تايانماقچىمۇ؟ ! گۇرۇھىمىز شۇنچە يىللاردىن بۇيان ياخشى نەتىجىسى بىلەن پۇت تىرەپ كېلىپ، قاچاندىن باشلاپ بۇنداق يارىماس بولۇپ قالدى؟ !  - دېدى.

بوۋاينىڭ ئەرلەردىكى ئۈستۈنلۈكى ئىدىيەسى ئۇرغۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

ئەزىمەت لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- مەن پەقەت گۇرۇھىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن دەۋاتىمەن... - دېدى. 

- ئۆزۈڭنىڭ قابىلىيىتىڭ بولمىسا، گەپنى بۇنداق ئېلىپ قاچما! بوشى گۇرۇھى ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۇمشاق قوللۇق قىلىپ، خۇشامەت قىلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ!  - دېدى بوۋاي.

ئەزىمەت  ساپادا ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

- ‹ ‹ مىڭلەن › › گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى بۇ يىلقى   باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، شۇنداقمۇ؟ بولىدۇ، مەن بىر كۆرۈپ باقاي، ئۇ زادى قانداق قالتىس ئادەمكىن! - دېدى بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ، لېكىن ھەرىكىتى بۇرۇنقىدەك چاققان ئەمەس ئىدى.

خېلى كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، دەلدەڭشىپ مېڭىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى.

ئۇنىڭ سىماسى پەلەمپەي ئېغىزىدىن ئەگىلىپ كارىدورغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەزىمەت ئورنىدىن تۇرۇپ داچىدىن چىقىپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون ئۇردى.

- ئادەمنى پاكىز يىغىشتۇرۇپ قويۇڭ، تاپقان ئەخمەق ئادىمىڭىزمۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن ! - دېدى ئەزىمەت.

قارشى تەرەپ:

- نامى چىقمىغان ئادەم،  بىر تەرەپ قىلىشقا قولايلىق ۋاقىت چىقسۇن. خاتىرجەم بولۇڭ، ئىشنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى.  

ئەزىمەت تېلېفوننى بىۋاسىتە قويۇۋەتتى.

بۈگۈنكى ئايرودۇرۇمنىڭ خەۋىرىنى ئويلاپ،  قوشۇمىسى يەنە تۈرۈلدى.


بوۋاي ئىككىنچى قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، غەزىپىنى بېسىۋالدى.

ھازىر ئۇ  زىددىيەت ئىچىدە قېپقالدى.

ئۇ دىلارەنىڭ ئىليارغا، ھەتتا  ئائىلىسىگە شۇنچە كۆپ ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن بىزار، ئەمما قورسىقىدىكى بالىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار.

ئاخىرىدا، دىلارەنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىگىلىۋالدى.

باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى.

بۇ بالا ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. ئۇنىڭ ئەۋرىسى ...

بوۋاي بىر كېچە خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى، ئەتىسى ئەتىگەندە، روھىي ھالىتى ياخشى بولمىغان ھالدا ناشتا قىلدى، تاماق ئۈستىلىدە بىر سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ داچىدىن چىقتى.

خىزمەتكار ئالدىراپ-تېنەپ:

-  ئەپەندىم نېمە قىلماقچى سىز؟  - دەپ سورىدى.

- ماشىنا تەييارلاڭلار!  - دېدى بوۋاي.

دىلارە چۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرالمىدى، قورسىقى ئاچىدىغان ئىشى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

ئەسلىدە ئىليار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر ئاز ھۇرۇنلىشىپ قالغانىدى، ھازىر تېخىمۇ ھۇرۇن بوپكەتتى.

سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا ئاندىن ئورنىدىن قوپۇپ، ئازادە ئۆي ئىچى كىيىمىنى كىيىپ، ئاددىيلا يۈز كۆزىنى يۇيۇپ، ئاندىن پەسكە چۈشۈپ يەيدىغان نەرسە ئىزدىدى.

 خىزمەتكار ئۇنى كۆرۈپلا، دەرھال ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى.

دىلارەگە تەييارلىغان ناشتىلىقنى بىر-بىرلەپ تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقتى.

گۈلباھار موماينى ئىتتىرىپ سىرتتىن سەيلە قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىلارەنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا ئالدىغا بېرىپ، دىلارەغا ھەمراھ بولۇپ يەنە بىر قېتىم ناشتا قىلىشقا باشلىدى.

- دىلارە بىردەمدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز؟ بولمىسا مەن سىزگە ھامىلە تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرەي ... - دېدى گۈلباھار.

دىلارە بېشىنى چايقاپ:

- بىردەمدىن كېيىن شىركەتكە بارىمەن. - دېدى.

- يەنە شىركەتكە بارامسىز؟ قورسىقىڭىزنى خېلىلا بىلىنىپ قالدى، قولايسىز ئەمەسمۇ، شىركەتكە بارماڭ، بولامدۇ؟ - دېدى گۈلباھار. 

-  بېرىپ قاراپ باقساملا بولىدۇ، ئۇزاق تۇرمايمىز.  - دېدى دىلارە.

- ئەمىسە مەن سىز بىلەن بىللە باراي، - دېدى گۈلباھار ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ. 

دىلارەمۇ رەت قىلماي، بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بولىدۇ.  - دېدى.

تاماق يەپ يېرىمىغا كەلگەندە، سىرتتا ماشىنىنىڭ موتور ئاۋازى ئاڭلاندى.

دىلارەنىڭ تاماقنى چايناش ھەرىكىتى توختاپ قالدى، بۇ ماشىنىنىڭ موتورىنىڭ ئاۋازى قورۇقتىكى ماشىنىلارنىڭكىدەك ئوخشىمايتتى.

 گۇمان ئىچىدە تۇرغاندا، خىزمەتكار ئالدىراپ-تېنەپ كىرىپ:

- خانىم، كېلىنئاغچا، دىلارە خانىم، بوۋاي كەلدى. - دېدى.

موماي دەرھال قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بوغۇق ئاۋازدا:

- ئۇ نېمە قىلغىلى كەپتۇ؟  - دەپ سورىدى.

گۈلباھار لەۋلىرىنى يۇمۇپ، گەپ قىلمىدى، ئىپادىمۇ بىلدۈرمىدى.

دىلارە يەۋاتقان تامىقىدىن يەنە بىر چىشلەم يېدى.

ئۇ نېمە قىلغىلى كەلگەندۇ؟

توردىكى كۆپچىلىك پىكىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەچكە، ھېچنېمىگە قارىماي ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشقىلى كەلدىمۇ؟



دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، تاماقتىن يەنە بىر چىشلەم يېدى.

موماي يەنە مانتىدىن قىستۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە سېلىپ قويۇپ:

- يەنە بىر تال گۆشلۈك مانتا يەڭ، - دېدى. 

گۈلباھار ئۇنىڭغا تۇخۇم سويۇپ بېرىپ:

- تۇخۇم يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.  - دېدى.

خەۋەر قىلغىلى كەلگەن خىزمەتكار ئورنىدا تۇرۇپ، سەل غەلىتە ھېس قىلىپ قالدى.

ئۇ بوۋاينىڭ مىجەزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتى، ئۆيدىكى خىزمەتكارلار ئۇنى تىلغا ئالسىلا  چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار بۇ ئائىلىگە ۋە چوڭ بايۋەچچىگە بەزى ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

ھازىر بوۋاي ئۆزى ئىشىك ئالدىغا كەلسە، ئۇلار نېمانچە تەمكىن ، سالماق ھالىتىنى ساقلاپ ئولتۇرىۋىرىدۇ؟

- خانىم، كېلىنئاغچا، سىلەر... سىرتقا چىقىپ كۈتۈۋېلىشنى ئويلاشمىدىڭلارمۇ؟  - دېدى خىزمەتكار.

موماي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- ئۇ كىمتى، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقامتىم؟ بۇ يەر ئۇنىڭ ئۆيى ئەمەس، ئۇنى بىز  قارشى ئالمايمىز، ئۇ نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتسۇن! - دېدى. 

موماينىڭ مۇزدەك ھەم غەزەپلەنگەن ئاۋاز جاراڭلىق بولۇپ، مەقسىتىنى قىلچىمۇ يوشۇرمىدى.

ئەمدىلا مېھمانخانىغا كىرگەن بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئەسلىدىكى سەت چىرايى شۇ ھامان ئۆڭۈپ كەتتى.

خىزمەتكار چۆچۈپ ، تىترەپ تۇرۇپ:

-  بىراق، ئۇ دېگەن بوۋاي-دە  - دېدى.

- ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق ئىش نەۋرە كېلىنىمنىڭ ناشتىلىقىدەك مۇھىم ئەمەس! ساقلاپ تۇرالىسا ساقلاپ تۇرسۇن، ساقلاپ تۇرالمىسا يوقالسۇن،  ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قېرىغا،  خۇشامەت قىلىمەنمۇ؟ - دېدى.  

خىزمەتكار موماينىڭ بۇ گېپىدىن قورقۇپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.

ئەزەلدىن موماينىڭ  مىجەزى چۇس ئەمەس، ياۋاشمۇ ئەمەس، گەپ-سۆزلىرى مۇلايىم، خانىم ۋە بايۋەچچىلەرگە ئىللىق چىراي ئاچاتتى. ئەمما بۈگۈن  بۇنداق مەردانە گەپلەرنى قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

دىلارە ئاغزىدا مانتىنى چايناپ يەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە موماينىڭ گەپلىرىدىن ھاڭ-تاڭ قالدى.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇلار ئىككىسى زادى قانداق قىلىپ تىنچ-ئامان بىللە تۇرمۇش تۇتۇپ كەلگەندۇ؟

 ئىزچىل موماينى مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل دەپ ئويلايتتى، لېكىن ھازىر ...

ھىم، بۇ ئائىلىدىكى ئاياللارنىڭ چىشىغا ئاسانلىقچە تەگكىلى بولمايدۇ.

- گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمىسۇن، ئازراق شۈۋگۈرۈچ ئىچىڭ.  - گۈلباھارنىڭ سۇس ئاۋازى ئاڭلىنىپ، دىلارەنى ئەسكەرتىپ قويدى.

دىلارە ياۋاشلىق بىلەن قوشۇقنى ئېلىپ شوۋگۈرۈچتىن ئىككى يۇتۇم ئىچتى.

گۈلباھار بارغانسېرى ھازىرقى دىلارەنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.

ئىلگىرى دىلارە بىلەن يېڭىلا كۆرۈشكەندە، گەرچە ئۆزىنىڭ ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ سوغۇققان مىجەزلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.

ئەمەلىيەتتە سىرتتا، دىلارە يەنىلا ھېلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سودا ساھەسىدىكى كۈچلۈك ئايال.

بىراق، سىرتتا  سوغۇققان ، كۈچلۈك ئايالنىڭ ئۆيىدە مۇشۇنداق مۇلايىم، ئوماق تەرىپى بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

- كېلىنىم بەك چىرايلىق، ھەم گەپ ئاڭلايدۇ، ئىليار دېگەن ھېلىقى سولتەكنىڭ تەلىيى كېلىپ، سىزنى  ئېلىۋالدى... - دېدى گۈلباھار.

موماي پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىپ:

- مەن، مەن، مەن! بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۆھپەم، ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇلار مەڭگۈ بىر-بىرىگە ئۇچراپ قالمىغان بولاتتى! سىزنىڭمۇ بۇنداق مۇنەۋۋەر كېلىنىڭىز بولمايتتى، بۇنداق تېزلا موما بولۇشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى!   - دېدى.

- شۇنداق، شۇنداق، رەھمەت سىزگە، ئىليار بىلەن دىلارەنى بىر يەرگە ئەكېلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەۋرىڭىز تۇغۇلغاندا، ئۇلارغا چوقۇم بىرىنچى بولۇپ ئۇلۇغ موما دەپ چاقىرىشىنى ئۆگىتىمەن. - دېدى گۈلباھار. 

مېھمانخانىدىكى چىرايى سەتلىشىپ كەتكەن بوۋاي گۈلباھارنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  ھاسىسىغا تايىنىپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ئۈن-تىنسىز يېقىنلاشتى.

بىر چەتتىكى خىزمەتكار نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. 


 

 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章