مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 10-قىسىم_ ئىشنى قىلغانسىز

文摘   小说   2024-09-18 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  










دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  40  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321

9876







مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

10 -قىسىم

   



10-قىسىم

سىز نېمانچە پەسكەش (2)


زىبارە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ گەپ قىلمىدى.

جاۋاب بەرمەسلىكمۇ بىر خىل جاۋاب.

ئەكبەر ھەقىقىي ئەھۋالنى پەرەز قىلغاندىن كېيىن، ئاچچىقتىن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

 -   قانداقسىگە بۇنداق ئىشنى قىلغانسىز؟  - دېدى.

 زىبارە بۇرۇنىنى تارتىپ:

- مەن... مەن پەقەت جەسۇر ئاكام بىلەن زىلالەنى ئاجراشتۇرۋەتمەكچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۆمەر نارازىلىق ئەرزى بېرىشتىن ۋاز كەچتى.  - دېدى زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئاكىسىنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ، -  ئاكا، مېنى كەچۈرۈڭ.  - دېدى.

- سىز!  - ئەكبەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، كۆزلىرى زىبارەنىڭ ياش بىلەن تولغان كۆزىگە چۈشكەندە كۆڭلى يۇمشاپ  ئېغىر ئۇھ تارتىپ، بىلىكىنى كۆتۈرۈپ سىڭلىسىنى يېنىك قۇچاقلاپ:

 - بۇ قېتىم  كەچۈرۋەتتىم، لېكىن كېلەر قېتىم بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.  - دېدى.

 زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- ئۇنداقتا...  جەسۇر ئاكامغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟  - دەپ سورىدى.

 -  يەنە ئامال قىلىپ بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىشقا بولامدۇ-يوق قاراپ باقاي. - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ، -  ماڭايلى،  ئۆيگە قايتايلى.  - دېدى.

ئاكا-سىڭىل ئىككىسى مۇزىكا ئەترىتىدىن چىقىپ، ئەكبەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قالدى.

ئىككىيلەن ئەمدىلا مېڭىشىغا، جەسۇرنىڭ ماشىنىسى كېلىپ يول بويىدا توختىدى.

 شوپۇرغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ، قايتىشقا ئىشارەت قىلدى ۋە بىر  دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ، كىنو بېلىتىنى يانچۇقىغا سېلىپ، تېز قەدەم بىلەن پەلەمپەيگە چىقتى.

 زىلالەنىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن جەسۇر ئىشىكنى يېنىك چەكتى.

ئىچىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىدى.

جەسۇر سەل گۇمانلانغان ھالدا ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، قۇپقۇرۇق ئىشخانىنى كۆرۈپ بۇرۇلۇپ  چوڭ قەدەم بىلەن رەپىتىس ئۆيىگە كەلدى.

ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، مەشىق قىلىۋاتقان ئايگۈلنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئايگۈل خانقىز،  بىزنىڭ زىلالەچۇ؟ - دەپ سورىدى.

 -  جەسۇر دىرېكتور؟ - دېدى ئايگۈل بۇرۇلۇپ، گۇمان بىلەن قاپىقىنى تۈرۈپ، - زىلالە بۈگۈن كەچتىكى ئايروپىلانغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن كېتىپ قالدى،  ئايرودۇرۇمغا ئۇنى ئۇزىتىپ قويغىلى بارمىدىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

بۈگۈن كەچتىكى ئايروپىلانغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن؟

بۇنى ئاڭلىغان جەسۇر چۆچۈپ كەتتى.

زىلالە ئۇنىڭغا  ئايروپىلان بېلىتى ئالدىن زاكاز قىلغانلىقىنى ئېيتمىغانىدى.

 -  ئۇ ماڭغىلى قانچىلىك بولدى؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.

 - خېلى بولدى، - دېدى ئايگۈل خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، -   مەشىق قىلىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ۋاقىتقا دىققەت قىلماپتىمەن.  - دېدى.

جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ گۈلدەستىنى كۆتۈرۈپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن مەشىق زالىدىن چىقتى.

زىلالەنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقى  كاللىسىدىن پەقەت ئۆتمىدى.

 مۇزىكا ئۆمىكىدىن چىقىپ،  تاكسى توسۇپ،ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،  زىلالەغا تېلېفون قىلدى.

زىلالە تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئېكراندىكى  <ئېرىم> دېگەن  خەتكە قاراپ، قۇلاق تۈۋىدە، زىبارەنىڭ ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.

<جەسۇر ئاكام نېمىشقا يولدىن چىقىدۇ، ئەگەر سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە، يەنە مەن بىلەن ئارىلىشامتى؟  >

زىبارەنىڭ سۆزى قۇلاققا ياقماسلىقى مۇمكىن.

لېكىن،  دېگىنى خاتا ئەمەس.

ئەگەر جەسۇر ئۇنىڭغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە،قانداقمۇ زىبارە بىلەن تېپىشىپ قالىدۇ؟!

مۇشۇلارنى ئويلاپ، زىلالەنىڭ مەيدىسى ئاغرىپ، غەزەپلەندى.

تېلېفوننى بىۋاسىتە قويۇۋېتىپ  ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا تاشلىدى.


يان تېلېفون يەنە بىر قېتىم تىترىدى، زىلالە تېلېفونغا قاراپمۇ قويماي، ماي كلاپانىغا دەسسەپ  سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئۈچىنچى ئايلانما لىنىيەدىن داچا رايونىغا قاراپ ماڭدى.

 ماشىنىنى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ، تېز قەدەم بىلەن ئۈستىگە چىقىپ، چامادانىنى ئېچىپ، بىر نەچچە قۇر كىيىمىنى قالايمىقان تىقتى.

 چاققانلىق بىلەن چاماداننى سۆرەپ چىققاندا،  تىزى كىيىم قويۇش ئۆيىنىڭ ئىشىك رامكىسىغا قاتتىق ئۇرۇلدى.

  ئېڭىشىپ  قاتتىق ئاغرىغان تىزىنى ئۇۋۇلىدى.

شۇ ئەسنادا كۆزى  پۇت زەنجىرىگە چۈشۈپ قالدى.

شۇ كۈنى كەچتە، جەسۇر زەنجىرنى تاقاپ قويغاندا،  بۇ ئۇنىڭ ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى دەپ ئويلىغان ئىدى.

ھازىر ئويلاپ باقسا،  زەنجىرنى پۇتىغا تاقاپ قويۇشى زىبارەنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىدىن بوپتۇ.

ئىككى ئادەمگە ئوخشاش نەرسە سوۋغا قىلغىنى قارا، جەسۇر ھەي جەسۇر، سوۋغات تاللاشتىمۇ شۇنداق ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلامسىز؟

 مېنى ئەمەس، بەدىنىمنى ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، مەن يەنىلا ئەر-خوتۇنلۇق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلاتتىم.

بۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ نېمە  ھاجىتى؟

 ئويلىغانسېرى زىلالەنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى تارتىپ، زەنجىرىنى ئاچماقچى بولدى.

كۆڭلى پاراكەندە بولغاچقا، كىچىككىنە ئىلغۇچنى زادىلا تۇتالمىدى.

سەۋرى قاچىسى توشقان زىلالە زەنجىرىنى كۈچەپ تارتىپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا تاشلىدى.

 چاماداننى سۆرەپ، ئىسكىرىپكىنى ئېلىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى.

چوڭ يولغا چىققاندا كەلگەن تاكسىنى توسۇپ، يۈك-تاق ساندۇقىنى ئارقا ساندۇققا  قويۇپ، ئۆزى ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ:

ـ ئۇستام، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،  ئايرودۇرۇمغا ئاپىرىپ قويۇڭ.  - دېدى.

تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى قوزغاتتى، زىلالە ئارقا ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولۇپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئاغزىنى ئېتىۋالدى.

 -  بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى شوپۇر ئۇنىڭ قۇرۇق ھۆ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ،  - ماشىنىنى توختىتايمۇ؟ - دەپ سورىدى. 


تاكسى داچا مەھەللىسىدىن چىققاندا، جەسۇر ئولتۇرغان ماشىنا ئەمدىلا دەرۋازىدىن كىردى.

ئۇ يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلدى، لېكىن  يەنىلا ھېچكىم ئالمىدى.

تاكسى داچا ئالدىغا كەلگەندە، يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان زىلالەنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ،  كىرا ھەققىنى تۆلىگەچ سەكرەپ چۈشۈپ، چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن يۈگۈرۈپ:

 -   زىلالە... خوتۇن؟ !  - دەپ چاقىردى.

يول بويى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، زىلالەنىڭ ياتاق ئۆيىگە باردى.

ئوڭ-سولغا قاراپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپ ئۈستىدە پارقىراپ تۇرغان پۇت زەنجىرىنى كۆرۈپ، ئىتتىك كېلىپ، پۇت زەنجىرىنى قىسىپ ئالدى.

پۇت زەنجىرى ئىلغۇچتىن ئېچىلمىغان، بەلكى بىۋاسىتە ئۈزۈپ تاشلانغانىدى.

جەسۇر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ،  زەنجىرنى يانچۇقىغا سالدى - دە، زىلالەغا قايتا تېلېفون قىلدى.

يان تېلېفون جىرىڭلىدى، ئاۋاز يىراقتىن غۇۋا ئاڭلاندى.

جەسۇر  ئاۋازنى بويلاپ ئىزدەپ، زىلالەنىڭ يان تېلېفونىنىڭ  ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

بايا ئالدىراپ ماڭغانلىقتىن يان تېلېفونىنى ئۇنتۇپ قالغانىدى.

جەسۇر ئىشىك ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ مەھەللىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ماڭدى.

 زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەتتا زىلالەنىڭ تۇيۇقسىزلا خوشلاشمايلا كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى قىلچە چۈشەنمىدى.

لېكىن، بىۋاسىتە سېزىمى ئۇنىڭغا  بىرەر چوڭ ئىش يۈز بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

ئۇنداق بولمايدىكەن، زىلالە ھەرگىز ئۇنىڭ تېلېفونىنىمۇ ئالماي قالمايدۇ.

بۇ شەھەردىن كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى تېپىپ، ئېنىق سورىشى كېرەك.

يول بويى تېز سۈرئەتتە تاشيولدىن ئۆتۈپ، ئايرودۇرۇم يولىغا   كىردى.

 قاتناش قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىماي، ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ، دەرھال ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئايروپىلان كۈتۈش زالىدىكى   نۆۋەتچى ئايروپىلان رايونىغا كېلىپ:

 -  زىلالە... زىلالە ... - دەپ چاقىردى.

يول بويى زىلالەنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلاپ، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىنى بىر-بىرلەپ ئىزدىدى.

 ئالدىدىكى  تونۇش سايىگە كۆزى چۈشۈپ، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:

 - زىلالە!  - دەپ توۋلىدى.

قىز بۇرۇلۇپ، گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.

- كەچۈرۈڭ، خاتا تونۇپ قاپتىمەن. - قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان جەسۇر چوڭ قەدەم بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

بوينى سوزۇپ، ئالدىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولىدىن ئۆتۈپ، ئىچىگە كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان زىلالەنى كۆرۈپ  يۈگۈرگەن پېتى قوغلاپ كېلىپ:

 - زىلالە!  - دەپ چاقىردى.



 


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章