كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
11 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
12 -قىسىم
12-قىسىم
12-قىسىم زىلالەنىڭ بىر تال چېچىغىمۇ تەڭ قىلمايمەن (2)
- جەسۇر، مەن... - ئەكبەر ئېغىز ئاچتى، ئەمما نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، - كەچۈرۈڭ. - دېدى.
- كەچۈرۈڭ، ھى! - دېدى جەسۇر ئەكبەرنىڭ ياقىسىنى بوشىتىپ، - بۈگۈندىن باشلاپ، ئاكا-سىڭىل ئىككىڭلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق. - دېدى - دە، كەينىگە بۇرۇلۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
- جەسۇر ئاكا! - زىبارە قوغلاپ كېلىپ، - زىلالە ئۈچۈن، مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك قىلامسىز؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر بۇرۇلۇپ سوغۇق نەزەردە تىكىلىپ:
- زىبارە، سىزگە دەپ قوياي، مەن سىزنى زىلالەنىڭ بىر تال چېچىغىمۇ تەڭ قىلمايمەن، - دېدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ كېتىپ قالدى.
- جەسۇر!
ئەكبەر ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، گۈرۈلدەپ كېتىۋاتقان ماشىنىنىلا كۆردى.
ئۇھ تارتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، يۈزىنى تۇتقىنىچە يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان زىبارەنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:
- زىبارە، سىز... - دېدى.
- ئاكا! - دېدى زىبارە كۆزلىرىنى قىزارتىپ، - مەن راستتىنلا شۇنداق قاملاشمىغانمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ياق، زىبارە، ئۇنداق ئەمەس... - دېدى ئەكبەر ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، - مېنىڭ سىڭلىم دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قىز، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ! - دېدى.
ئايروپىلاندا ئولتۇرغان زىلالە ئايروخانقىز سۇنغان تاماقنى ئېلىپ، يېمەكلىكنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ، كۆڭلى يەنە بىر قېتىم ئېلىشىپ ھۆ قىلغۇسى كەلدى.
تاماقنى شىرەگە قويۇپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كەلدى.
بىر نەچچە قېتىم قۇرۇق ھۆ قىلغان بولسىمۇ، قۇسمىدى.
بېلىنى تۈزلىگەندە بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى.
زىلالە ئۆزىنىڭ قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تۇتقۇچنى تۇتۇپ، بىر دەم تۇرۇۋېلىپ، سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇدى.
سوغۇق سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئازراق روھلىنىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقىشىغا، بېشى قېيىپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.
- ئېھتىيات قىلىڭ! - بىرەيلەن كەينىدىن كېلىپ ئۇنى يۆلەپ، - خانقىز، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچ ئىش يوق... - زىلالە بۇرۇلۇپ قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتماقچى بولۇپ، ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئەس-ھوشىنى يوقاتتى.
- خانقىز!
ئەر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇتۇۋالدى.
زىلالە ھوشىغا كەلگەندە، ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىدىكى راھەت كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
زىلالە ئازراق چۆچۈپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە تۈز ئولتۇرماقچى بولدى.
بىرەيلەن قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، يېقىملىق ئوتتۇرا ئاۋازدا:
- بايا قان شېكىرىڭىز تۆۋەنلەپ شۈك بولۇپ قالدىڭىز، شېكەر سۈيى ئىچكۈزۈپ قويدۇم، بىراق ھازىر مېڭىڭىزگە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى بىردەم يېتىۋېلىپ، ئاندىن ئاستا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بولمىسا بېشىڭىز قايىدۇ. - دېدى.
زىلالە بېشىنى ياستۇققا قايتا قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە قارىدى.
كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەر 27-28 ياشلاردا بولۇپ، ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك كىيىۋالغان يىگىت بولۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كېلىشكەن چىرايى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
قارشى تەرەپنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، مىننەتدارلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
- رەھمەت سىزگە. - دېدى.
ياش ئەر كۈلۈپ تۇرۇپ مۇلايىم تەلەپپۇزدا:
- تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا يۇرتداش ئوخشايمىز، بۇنداق تۈزۈت قىلماڭ. - دېدى.
- كەچۈرۈڭ، ئورنىڭىزنى شۇنچە ئۇزۇن ئىگىلىۋالدىم. - دېدى زىلالە ئورنىدىن تۇرۇپ، - مەنمۇ ئورنۇمغا قايتاي. - دېدى.
- مانا بۇ سىزنىڭ ئورنىڭىز. - دېدى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، - مەن سىزگە ياردەم قىلىپ بۇ يەرگە يۆتكەپ قويدۇم، يۈك-تاقىڭىزنىمۇ ئايروپىلان خادىملىرى ئەكېلىپ بەردى، - دېدى.
- بۇ... بۇنداق قىلسام قانداق بولىدۇ؟ - دېدى زىلالە ئوڭ-سولغا قاراپ، سومكىسىنى ئېلىپ، - قانچە پۇل تاپشۇردىڭىز، ھازىرلا زىيانىڭىز تۆلەپ بېرەي. - دېدى.
- پۇل خەجلىمىدىم، يىغىلىپ قالغان نومۇرغا ئالماشتۇردۇم. - دېدى ئەر ئۇنىڭغا قاراپ كۆزىنى چىمىلدىتىپ، - شۇنچە كۆپ نومۇرنى ئىشلىتىپ بولالمىسام، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بەرگەن پايدىسى بىكارغا كەتمەمدۇ! - دېدى.
زىلالە قارشى تەرەپنىڭ قىزىقچىلىق قىلغىنىدىن يېنىك كۈلۈمسىرەپ:
- ئىسمىم زىلالە، فامىلىڭىز نېمىكىن. - دەپ سورىدى.
- بىلىمەن، بايا سىزگە ياردەم قىلىپ بۆلۈمچە ئالماشتۇرغاندا كۆرگەن. - دېدى ئەر چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ، - نۇرزات، ئىسىمىم چىرايلىق بولغىنى بىلەن نەتىجەم كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ئەپسۇس... ئىسمىم ئۆزۈمگە چۈشمىگەن، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، - دېدى.
زىلالەمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بەك يۇمۇرىستىك ئىكەنسىز، دوختۇر بولالىغان ئادەم قانداقمۇ ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمىسۇن؟ - دېدى.
نۇرزات قوشۇمىسىنى يېنىك كۆتۈرۈپ:
- مېنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش، قەنت تولۇقلاش... بۇلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي ئاتالغۇلار، دوختۇرلۇقنى ئۆگەنمىگەنلەر بۇنداق دېمەيدۇ. - دېدى زىلالە.
- ئۇنداقتا ئاشكارىلىنىپ قالدىممۇ؟ - دېدى نۇرزات قولىنى كۆتۈرۈپ بۇرۇنىنى سىلاپ قويۇپ، - دەرۋەقە، مەندە كەسپىي كېسەل بەك ئېغىر ئىكەن. - دېدى.
زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بىراق، بۇ مېنىڭ تەلىيىم، ئايروپىلاندا سىزدەك دوختۇرغا ئۇچراپ قاپتىمەن، - دېدى.
- ئۇغۇ راست.- دېدى نۇرزات چىرايىنى سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزۈپ، - بۇ نۇقتىدا سىزنى تەنقىدلەيمەن، سىزگە ئوخشاش ئادەت خاراكتېرلىك قان شېكىرى تۆۋەن بىمارلار بىئارام بولسىلا كەمپۈت يەۋېلىشى كېرەك، دوختۇرىڭىز سىزگە دېدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بۇ دوختۇرنىڭ خاتالىقى ئەمەس. - دېدى زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ، - ئايروپىلانغا ئالدىراپ، كەمپۈت ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، - دېدى.
نۇرزات ئىستاكاندىكى ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈتنى قولىغا ئېلىپ:
- ئايروپىلاندا بۇ ئىچىملىك ھەقسىز، ئىچمىسىڭىز بىكارغا كېتىدۇ! - دېدى.
- رەھمەت! - دېدى زىلالە قىزىق شاكىلاتلىق سۈتنى ئېلىپ،بىر يۇتۇم ئىچتى.
ئىستاكاندىكى شاكىلاتقا قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تەييارلاپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن جەسۇرنى ئېسىگە ئالدى.
چىش بىلەن لىۋى ئارىلىقىدا، شاكىلاتنىڭ قويۇق پۇرىقى تارقالدى.
ئەمما تاتلىق ھېس قىلمىدى، ئەكسىچە ئازراق ئاچچىق تېتىدى.
نۇرزات ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ:
- يەنە بېشىڭىز قېيىۋاتامدۇ؟- دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى يېنىك چايقىدى.
- ئۇنداقتا چوقۇم كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش باركەن، - دېدى نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، ـ بۇ بىر ئىستاكان شاكىلاتلىق سۈتنى ئىچىۋەتسىڭىز، شاكىلاتتىكى شېكەر، كاكائو مېيى، كوفېئىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دوپامىننىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. - دېدى.
زىلالە ناچار ئىشلارنى داۋاملىق ئويلاشنى خالىماي:
- كاماندىروپكىغا چىقتىڭىزمۇ ياكى ساياھەتكە ماڭدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ھېچقايسىسى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەن مۇزىكا كېچىلىكىگە بارماقچى، ئەتە چۈشتىن كېيىن ۋېنا سارىيىدا بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى بار. - دېدى.
- بىر نەچچە سائەت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرمەكچى بوپسىز، قارىغاندا نۇرزات دوختۇر كىلاسسىك مۇزىكا ھەۋەسكارى ئىكەنسىز، - دېدى زىلالە.
- ئۇنداق ئەمەس. - دېدى نۇرزات پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ، - بۇ پەقەت بىر باھانە، ئەڭ مۇھىمى لايىق تونۇشتۇرۇشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ماڭدىم. سىزچۇ، بايا يۈك تاقلىرىڭىز ئارىسىدا ئىسكىرىپكا بارلىقىنى كۆردۈم، مۇزىكا كېچىلىكىگە بارمايدىغانسىز؟ - دەپ سورىدى.
- مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭدىم، - دېدى زىلالە.
- مۇسابىقە؟ - دېدى نۇرزات ئۇنىڭ كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ، ـ چىرايىڭىزمۇ ، ئىسمىڭىزمۇ شۇنچە تونۇش بىلىنگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن، بۇ يىل پاگانىنى دۆلەت ئىچى مۇسابىقە رايونىنىڭ چېمپىيونى ... توغرىمۇ؟ - دېدى.
زىلالە كۈلۈپ قويۇپ، باشقا گەپ قىلمىدى.
نۇرزات بولغاچقا، كېيىنكى سەپىرىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلمىدى.
نۇرزات ئۆزىنىڭ ھەۋەسكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، كىلاسسىك مۇزىكىلارنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى جايىدا سۆزلىدى.
ئىككىيلەن مۇزىكا كېچىلىكىدىن تارتىپ مۇسابىقىگىچە، ئاندىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىسكىرىپكا مۇزىكانتلىرىغىچە پاراڭلىشىپ، ناھايىتى چىقىشىپ قالدى.
بىلىپ-بىلمەي، قالغان بىر نەچچە سائەت ۋاقىتنى زېرىكمەي ئۆتكۈزدى.
ئىككىيلەن زاكاز قىلغان مېھمانساراينىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا، بىللە تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر رايونىغا يېتىپ كەلدى.
ماشىنىدىن چۈشكەندە، نۇرزات يەنە زىلالەنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى.
زىلالە قارشى تەرەپكە ئادەمگەرچىلىك قەرز بولغانلىقىدىن كۆڭلىدە خىجىل بولۇپ:
- نۇرزات دوختۇر ۋاقتىڭىز بولسا، ئەتە سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، - دېدى.
نۇرزات رەت قىلماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىسىم كارتوچكىسى سۇنۇپ:
- ئىشقىلىپ مېنىڭ مۇزىكا كېچىلىكىدىن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشۇم يوق، ھەر ۋاقىت ئاۋارە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. - دېدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar