كىشىلىك ھاياتتا قۇياش نۇرىدەك ئىللىق ھارارەتمۇ، بوران-چاپقۇنمۇ بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىق ھەم ئۇشتۇمتۇت خۇشاللىقلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل شارائىتقا كۆنۈپ ئۆسۈپ يېتىلگىنىڭىزدىلا، ھاياتلىق يولىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلالايسىز. كۆپ يول ماڭسا، پۇتىنىڭ ئاغرىشى نورمال. بىر ئىشلارنى بەك ئويلاپ كەتسە، يۈرەكنىڭ چارچىشى رېئاللىق. ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتىڭىز ئۈچۈن، تىرىشىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىسىز. ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ، يەنە ئازراق چىداپ تۇراي دەپ بۈگۈننى ئۆتكۈزسىڭىزلا، ئاندىن ھەسەن-ھۈسەننى كۆرەلەيسىز! بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىڭىز ھامان مول جاۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاغرىنماڭ، ۋاز كەچمەڭ، چوقۇم مۆجىزىنى كۆرىسىز. غەيرەت قىلىڭ، كەلگۈسىدە مۇۋاپپىقىيەت بىلەن قۇچاقلاشقىنىڭىزدا ھەربىر قىتىملىق ئوڭۇشسىزلىقنى يىڭىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغان ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىسىز !ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى