مېۋىنىڭ تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، شۇڭا ساغلام يېمەكلىكلىرىمىزدە مېۋە كەم بولسا بولمايدۇ، ناشتىلىقلىرىمىزدا مېۋە شەربىتى قوشۇلسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولۇپ، بۇنى ھەممەيلەن ياقتۇرىدۇ. بىراق مېۋە-چېۋە يېيىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇنداقتا مېۋە-چېۋىنى قانداق قىلغاندا ساغلام يېگىلى بولىدۇ.
1. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەكمۇ ياكى تاماقتىن كېيىنمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك، تاماقتىن كېيىن بىر سائەتتىن كېيىن يېسىمۇ بولىدۇ. تاماقتىن بۇرۇن مېۋە يېيىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ مېۋىدىكى مول ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇق سۈمۈرۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق؛ يەنە تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تاماق مىقدارىنى ئازايتىپ، زىيادە كۆپ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئورۇقلاشقا پايدىلىق.
2. ھورمونلۇق مېۋىنى يېگىلى بولامدۇ؟يىگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېۋە-چېۋە بولسىلا، ئاز-تولا ئۆسۈملۈك ھورمۇنى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئۆسۈملۈك ئۆزى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بەزىلىرىنى ھازىرقى زامان تېرىقچىلىق تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشىگۈچى دورا. ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشىگۈچى دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئاسان پارچىلىنىدۇ، شۇڭا «توكسىن» بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
3. مېۋىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ يېيىش كېرەكمۇ ياكى ئاقلىمىسىمۇ بولامدۇ؟ھەممىسى بولىدۇ. پاكىز يۇيۇپ تازىلىۋەتسەكلا، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەي، تېرىسى بىلەن خاتىرجەم يېسەك بولىدۇ؛ پوستىنى سويۇپ يېسىمۇ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ، مېۋە پوستىدىكى ئوزۇقلۇققا بەك ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ شۇڭا، ئاقلاش-ئاقلىماسلىقتا ئۆزىنىڭ مېۋە يېيىش ئادىتى بويىچە يىسىلا بولدى.4. پىشۇرۇلغان مېۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. پىشۇرۇلغان مېۋە ئاشقازان-ئۈچەيدە ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، پىشۇرۇش ئۇسۇلى تالالارنى يۇمشىتىپ، قۇرغاقلىقنى نەمدەپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە. دىققەت: تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىمۇ تېزلىشىدۇ، دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى پىشۇرۇلغان مېۋىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.
5. مېۋە شەربىتى ئىچىش بىلەن مېۋە يېيىش ئوخشاشمۇ؟ مېۋە شەربىتى ئىچىش بىلەن مېۋە يېيىش ئوخشىمايدۇ.مېۋە شەربىتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يېڭى مېۋىلەرنىڭكىدەك يۇقىرى ئەمەس، شەربەت سىققاندا مېۋىنىڭ يېمەكلىك تالاسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە شەربىتى ئىچكەندە تېخىمۇ كۆپ قەنت قوبۇل قىلىنىدۇ، دائىم ئىچىپ بەرگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، مېۋە شەربىتى ئىچىشكە قارىغاندا، بىۋاسىتە مېۋە يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ قولايلىق ھەم ساغلام.6. مېۋىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان يېرىنى كېسىۋىتىپ يەنە يېگىلى بولامدۇ؟ بولمايدۇ. گەرچە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كۆكىرىپ قېلىش پەقەت ئاز بىر قىسمىلا بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىچىدىكى مېۋە ئېتىدىمۇ نۇرغۇن كۆرگىلى بولمايدىغان كېسەللىك باكتېرىيەلىرى پەيدا بولغان بولىدۇ. كۆرگىلى بولمايدىغان كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئېغىر بولغاندا راك پەيدا قىلىش خەۋپى بار، شۇڭا ئازراق بۇزۇلۇپ قالغان مېۋىلەرنى بىر چىشلەممۇ يېمەسلىك كېرەك، بۇ ئىسراپچىلىق ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق ئۈچۈندۇر.سىزگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، گەرچە مېۋىدە ئوزۇقلۇق مول بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى يۇقىرى قەنتلىك مېۋىلەردىن يىراق تۇرۇشى؛ ھۆل ئىسسىق بەدەنلىك كىشىلەر ئاسان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغانلار لىجى ۋە مانگونى ئاز يېيىشى؛ تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر سوغۇق مېۋىلەرنى ئاز يېيىشى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تاللاپ يېيىشى كېرەك.
ھەردەمباغ ھەر قايسى تارماق دۇكان زاكاس نومۇرلىرى